قولتۇق پۇراشنى داۋالاشنىڭ 6 ئاددىي رېتسېپى

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/06/14 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03
ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى ئامبۇلاتورىيە بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، مۇدىر ۋىراچ ئوبۇلقاسىم ئابدۇللا ئەلداۋا ساغلاملىق تورى مۇخبىرنىڭ بۇ توغرىسىدىكى زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: قولتۇق پۇراش ئادەتتە تېرىدىكى ياغ بەزلىرىنىڭ خىزمىتى بەك كۈچىيىپ كېتىش، تېرە ھۈجەيرىلىرىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشى ياخشى بولماسلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.  تۆۋەندىكى رېتسېپلارنى قوللىنىپ، قولتۇق پۇراشنى بىرنەچچە باسقۇچ  داۋالىسا، ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ، ھەتتا تولۇق ساقىيىپ كېتىدۇ:
1. ئالدى بىلەن قولتۇقنى سوپۇنلاپ يۇيۇپ، پاكىز تۇتۇش، ئىچ كىيىملەرنى پات - پات ئالماشتۇرۇش لازىم.
2. ئانار گۈلى، سۇمبۇل، زەمچە ۋە چىغىرتماق گۈلىنى يۇمشاق سوقۇپ ئارىلاشتۇرۇپ، قولتۇققا سۈرسە بولىدۇ.
3. 10گىرام قىزىل گۈلنى يۇمشاق سوقۇپ، قولتۇققا چاپسا، قولتۇق پۇراش ۋە تەرلەشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
4. بەلگىلىك نىسبەتتىكى تاۋۇزنى 30 گىرام پىياز سۈيىگە چىلاپ، قولتۇققا كۈندە 1-2 قېتىمدىن ئۇدا بىر ھەپتە سۈرسە، قولتۇق پۇراش كېسىلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
5. ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە چۈشتە قولتۇققا چىش پاستىسى سۈرسىمۇ سېسىق پۇراقنى يوقاتقىلى بولىدۇ.
6. تۇخۇم شاكىلىنى قوقاستا سارغايغۇچە كۆيدۈرۈپ، ئاندىن تالقان ھالەتكە كەلگۈچە سوقۇپ، جايلىق ئورۇنغا چاپلىسا، قولتۇق تەرلەشكە شىپا بولىدۇ.
قولتۇق پۇراش دورىسى ئىشلىتىۋاتقان مەزگىلدە قىزىلمۇچ، ئاچچىقسۇ، پىياز، سامساق قاتارلىقلاردىن پەرھىز تۇتۇش كېرەك.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر