پەمىدۇرنىڭ ئون چوڭ ئالاھىدىلىكى

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/06/14 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 پەمىدۇر كۆپ ئۇچرايدىغان ئادەتتىكى بىر خىل كۆكتات، بىراق بىز ئۇنىڭغا قەتئىي سەل قارىماسلىقىمىز كېرەك. پەمىدۇرنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى مول بولۇپلا قالماستىن يەنە، ئىنتايىن ياخشى دورىلىق قىممەتكە ئىگە. ئۇنداقتا تۆۋەندە پەمىدۇرنىڭ ئون چوڭ ئالاھىدىلىكىنى كۆرۈپ باقايلى:

1. تېرە كېسەللىكىگە داۋا بولىدۇ

ياخشى پىشقان پەمىدۇرنىڭ تېرىسى بىلەن ئۇرۇقىنى ئايرىۋېلىپ، قالغىنىنىڭ سۈيىنى سىقىپ چىقىرىپ، كۈندە ئىككى-ئۈچ قېتىم سۈركىسە، زەمبۇرۇغ كېسەللىكىگە گرىپتار بولغان تېرىنى داۋالايدۇ.

2. راكنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق

پەمىدۇرنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى مول بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئىسسىقلىقنى ياندۇرۇش ۋە زەھەرنى قايتۇرۇش ئارتۇقچىلىقى، كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى تورمۇزلاشتا ئۈنۈمگە ئىگە، شۇڭا كۈندە بىر-ئىككى تال ياخشى پىشقان پەمىدۇرنى يەپ بەرسە، راكنىڭ ئالدىنى ئېلىپ قوشۇمچە داۋالاشتەك رولى بار.

3. چىراينى گۈزەللەشتۈرۈپ قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ

ياخشى پىشقان پەمىدۇرنى ئېزىپ سۈيىنى چىقىرىپ ئۇنىڭغا ئازراق ئاق شېكەر قوشۇپ، كۈندە يۈزگە سۈركىسەك، يۈزىمىزنى سىلىق يۇمران قىلىپ گۈزەللەشتۈرۈپ قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

4. يۇقىرى قان بېسىمنى داۋالايدۇ

كۈندە ئەتىگەندە بىر-ئىككى تال ياخشى پىشقان پەمىدۇرنى، ئاچ قورساق ئاق شېكەرگە چىلاپ يەيمىز. بۇنداق قىلغاندا يۇقىرى قان بېسىمنى داۋالىغىلى بولىدۇ.

5. قان ئازلىق كېسىلىنى داۋالايدۇ

پەمىدۇر بىلەن ئالمىدىن بىر تال، كۈنجۈت 15 گرام، بىر قېتىمدىلا يەپ بولغۇدەك، كۈندە بىر-ئىككى قېتىم يەيمىز، بۇنى ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشتۇرساق قان ئازلىق كېسىلىنى داۋالىغىلى بولىدۇ.

6. جاراھەتنى يوقىتىدۇ

يېنىك دەرىجىدىكى جاراھەتكە، پەمىدۇر بىلەن ياڭيۇنى يېرىم ئىستاكان ئەتراپىدا سىقىپ سۈيىنى چىقىرىپ، كۈندە ئەتىگەندە كەچتە بىر قېتىم ئىچىپ بەرسە، جاراھەت ياخشى بولۇپ كېتىدۇ.

7. جىگەر ياللۇغىغا داۋا بولىدۇ:

پەمىدۇردىن بىر قوشۇق، چىڭسەي، سەۋزىدىن ئازراق، چوشقا مېيى يېرىم قوشۇق، ئاندىن بۇلارنى شوگۇرۇشقا ئارىلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئازراق تۇز، مۇۋاپىق مىقداردا تېتىتقۇ سالىمىز، مۇشۇ ئارقىلىق جىگەر ياللۇغىنى داۋالىسا ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى بولىدۇ.

8. ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ

بىر-ئىككى تال پەمىدۇرنى ياپىلاق قىلىپ توغراپ، ئۇنىڭغا ئازراق تۇز بىلەن شېكەر قوشۇپ، قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

9. قىزىتمىنى ياندۇرۇشقا پايدىلىق

پەمىدۇر سۈيى بىلەن تاۋۇز سۈيىنى ئارىلاشتۇرۇپ، يېرىم ئىستاكان قىلىپ، سائىتىگە بىر قېتىم ئىچىپ بەرسە، قىزىتمىنى ياندۇرۇشقا پايدىلىق.

10. چىش مىلىكى قاناشنى داۋالاشقا پايدىلىق

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر