دورىلىق چىش پاستىسى ئىشلىتىشتىكى پەرھىزلەر

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/06/16 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02


1. قارىغۇلارچە ئىشلەتمەڭ. دورىلىق چىش پاستىلىرى گەرچە بىر قىسىم ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىرىگە شىپا بولسىمۇ، بىراق چوڭقۇر، ئىچكى قىسىمدىكى كېسەللەرگە شىپا قىلمايدۇ.


2. فىتورلۇق چىش پاستىلىرىنى قارىغۇلارچە ئىشلەتمەڭ. تەركىبىدە فىتور بولغان دورىلىق چىش پاستىلىرىنىڭ كىسلاتالىق مۇھىتتا مەشغۇلات قىلىدىغانلارغا نىسبەتەن چىش مىلىكىنى ئاسراش، قۇرت يېيىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بولىدۇ، يەنە ئىچىملىك سۇدا فىتور كەملىكتىن بولىدىغان چىش چىرىشتىنمۇ ساقلاش رولى بار.


3. دورىلىق چىش پاستىلىرىنى ئۇزۇن مۇددەت ئىشلەتمەڭ. باكتېرىيەگە قارشى ياللۇغ قايتۇرۇش تۈرىدىكى چىش پاستىلىرىنى ئۇزۇن مۇددەت ئىشلەتسە، ئېغىز بوشلۇقىدىكى كېسەل باكتېرىيەلىرىنى يوقىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە پايدىلىق باكتېرىيەلەرنىمۇ يوقىتىدۇ، ئېغىز بوشلۇقى شىللىق پەردىلىرىنى زىيانغا ئۇچرىتىپ، ئېغىز بوشلۇقى، چىش مىلىكى، تىل، لەۋ ۋە كېكىردەك قاتارلىق ئورۇنلاردا ياللۇغ پەيدا قىلىدۇ. يەنە، بەزى ئاچچىق تەملىك چىش پاستىلىرى ئۇزۇن مۇددەت ئىشلىتىلسە، ئاشقازاننى بىئارام قىلىدۇ، چىشنىڭ پارقىراقلىقى يوقايدۇ.


4. چىشىڭىز ساغلام بولسا، دورىلىق چىش پاستىلىرىنى ئىشلەتمەڭ. چىشى ساغلام كىشىلەر ئادەتتىكى چىش پاستىلىرىنى ئىشلىتىشى كېرەك. دورىلىق چىش پاستىلىرىنىڭ تەركىبىدىكى بورنېئول، قەلەمپۇر يېغى، يالپۇز جەۋھىرى ۋە ئالانگۇن خۇش پۇراق مېيى قاتارلىق خىمىيەلىك ماددىلارنىڭمۇ ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىرىدىن ساقلاش ۋە داۋالاش رولى بولسىمۇ، ئەمما قالايمىقان ئىشلەتسە، ئېغىز بوشلۇقى شىللىق پەردىلىرىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ.


5. بالىلار چوڭلارنىڭ چىش پاستىلىرىنى ئىشلەتمەسلىكى كېرەك .بالىلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقى شىللىق پەردىلىرى بەك يۇمران بولغاچقا، چوڭلارنىڭ غىدىقلاشچانلىقى كۈچلۈك دورىلىق چىش پاستىلىرى بالىنىڭ ئېغىز بوشلۇقىنى زەخىملەندۈرۈشى مۇمكىن.


6. دورىلىق چىش پاستىلىرىنى خاتا ئىشلىتىشتىن ساقلىنىڭ .دورىلىق چىش پاستىلىرىنى ئەتىگەن ۋە كەچتە بىر قېتىمدىن ئىشلىتىش، چىش چوتكىلاش ۋاقتى ئىككى مىنۇتتىن كەم بولماسلىق، دورىلىق چىش پاستىسىنى ئېغىزدا بىردەم تۇرغۇزۇپ دورىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك.


 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر