قەۋزىيەتمۇ سىز؟ بىر ئىستاكان زەنجىۋىل لىمون سۈيى كۇپايە

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/06/21 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 قەۋزىيەتتىن قۇتۇلالماي ئىچىڭىز سىقىلىۋاتامدۇ؟

تېزدىن ئەلداۋا تەۋسىيە قىلغان زەنجىۋىل لىمون سۈيىنى ئىچىپ سىناپ كۆرۈڭ، ھە راست، بۇ ئۇچۇرنى دەرھال دوستلار چەمبىرىكى ۋە يېقىن-يورۇقلىرىڭىزغا تارقىتىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ! ياخشى نەرسە مەخپىي قالمىسۇن...
زەنجىۋىل تەركىبىدە زىنگىبېرول ماددىسى مول بولۇپ، ھەزىم يولىنى غىدىقلاپ، قەۋزىيەتنى بوشىتىش تەسىرىگە ئىگە.
 
لىمون تەركىبىدىكى ئورگانىك كىسلاتامۇ ئاشقازان-ئۈچەينى غىدىقلاپ، لۆمۈلدىشىنى جانلاندۇرۇپ، قەۋزىيەتنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈنۈمىگە ئىگە. بۇندىن باشقا، لىمون تەركىبىدىكى مول ۋىتامىن بەدەندىكى ئارتۇق ھۆللۈك ۋە زەھەرنى ھەيدەپ، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارنى كۈچلەندۈرۈش، لىمفا سىستېمىسىنىڭ خىزمىتىگە ياردەم بېرىش تەسىرىگىمۇ ئىگە.
 
تەييارلاش ئۇسۇلى:
زەنجىۋىلنى يالپاقلاپ، ئۈستىگە سۇ قۇيۇپ 5 مىنۇت قايناتقاندىن كېيىن، ئۈستىگە مۇۋاپىق مىقداردا لىمون سۈيى قوشۇپ ئىچىپ بەرسە بولىدۇ. تەمى قىرتاق چىقىپ قالسا، ئازراق ھەسەل قوشۇپ، تەمىنى تەڭشەپ ئىچسىمۇ بولۇۋېرىدۇ.
 
دىققەت: بوغماق ئۈچەي، تۈز ئۈچەي كېسەللىكلىرى ۋە مېتابولىزم خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر تۈپەيلىدىن پەيدا بولغان قەۋزىيەتكە بۇ رېتسېپ بويىچە تەييارلانغان ئىچىملىكنىڭ ئۈنۈمى يوق.
مەزمۇن يارىغان بولسا، بىزنى قوللاشنى خالىسىڭىز ئاستىدىكى  بەلگىسىنى بېسىشنى ئۇنۇتماڭ!
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر