ئىنسۇلىن ئىشلىتىش ۋاقتىنى بىلىۋېلىڭ

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/07/01 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02
نۇرغۇن زىيابىتۇس(دىيابېت) بىمارلىرى «ئىنسۇلىن»نىڭ گېپى چىقسا چىرايى ئۆزگىرىپ، ئىنسۇلىن ئىشلىتىشنى زىيابىتۇس كېسىلىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى، ئىزچىل ئىنسۇلىنغا تايىنىپ داۋالىنىشقا توغرا كېلىدۇ، دەپ قارايدۇ. بىراق، ئەمەلىيەتتە كېسەلنىڭ ئوخشاش بولمىغان باسقۇچىدا ئىنسۇلىن ئىشلىتىشنىڭ ئەھمىيىتى ئوخشاش بولمايدۇ.

1. يېڭى زىيابىتۇس كېسىلى بولغانلار
 
يېڭىدىن زىيابىتۇس كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار ۋە قان قەنتى روشەن ئۆرلەپ قالغانلار ئىنسۇلىن ئارقىلىق داۋالىنىشى لازىم. قان قەنتى قانچە يۇقىرى بولسا، ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ قان قەنتىنى تەڭشەش ئىقتىدارى شۇنچە ناچار بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئىنسۇلىن ئىشلىتىشنىڭ تەسىرىدە ئاشقازان ئاستى بېزى مۇۋاپىق ئارام ئېلىپ، ئىقتىدارى مۇئەييەن دەرىجىدە ئەسلىگە كېلىدۇ. ئىنسۇلىن بىلەن داۋالانغاندىن كېيىن، قان قەنتى ياخشى تىزگىنلەنگەندە ۋە كېسەل ئالامىتىدە روشەن ياخشىلىنىش بولغاندىن كېيىن، داۋالاش لايىھەسىنى تۈزسە بولىدۇ.
 
2. «ئالاھىدە مەزگىل»دىمۇ ئىشلىتىش زۆرۈر
 
زىيابىتۇس كېسىلى ماددا ئالمىشىش خاراكتېرلىك، شۇنداقلا سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەل بولۇپ، زىيابىتۇس بىمارلىرى تۇرمۇشتا ھەر خىل جەريانلارنى باشتىن كەچۈرىدۇ. بۇ ئىشلار ۋە ئالاھىدە ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسى بەلكىم قان قەنتىگە ھەر خىل تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. «ئالاھىدە مەزگىل» جىددىي خاراكتېرلىك ئەگەشمە كېسەللەر ياكى سېزىمچانلىق ھالىتىنى كۆرسىتىدۇ، مەسىلەن، كېتونلۇق كىسلاتادىن زەھەرلىنىش، كېتون خاراكتېرلىك بولمىغان يۇقىرى ئوسموسلۇق ھوشسىزلىنىش، ئېغىر يۇقۇملىنىش، سۈت كىسلاتاسىدىن زەھەرلىنىش قاتارلىق ئەھۋاللاردا ئىنسۇلىن ئىشلىتىپ خەتەرلىك باسقۇچتىن ئۆتىۋېلىش كېرەك.
 
3. ئىككىقات مەزگىلدىكى زىيابىتۇس بىمارلىرى
 
ئىككىقات مەزگىلدە قان قەنتى ئۆرلەپ كېتىشنىڭ خەتىرىنى دېمىسىمۇ چۈشىنىشلىك. ئىنسۇلىن ئىككىقات مەزگىلدە زىيابىتۇس كېسىلىنى داۋالاشتا تاللايدىغان بىردىنبىر دورا. ئىنسۇلىننىڭ ھامىلىگە تەسىرى بولمايدۇ، يەڭگىگەندىن كېيىن قان قەنتىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ، دورا بىلەن داۋالاشنى ئەسلىگە كەلتۈرسە ياكى داۋاملىق ئىنسۇلىن بىلەن داۋالىنىشنى تاللىسا بولىدۇ.

4. جىگەر، بۆرەك ئىقتىدارىدا مەسىلە بولسا
 
ئەگەر، زىيابىتۇس كېسىلى باشقا بىرقەدەر ئېغىر كېسەللەر، مەسىلەن، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، مېڭە قان تومۇر كېسىلى، قان كېسىلى، جىگەر كېسىلى، بۆرەك كېسىلى قاتارلىقلار بىلەن بىللە كۆرۈلسە، ئىنسۇلىن بىلەن داۋالىنىش كېرەك.
 
جىگەر مۇھىم بولغان ماددا ئالمىشىش مەيدانى، شۇنداقلا كۆپ قىسىم دورىلارنىڭ ئالمىشىش مەيدانى. ئەگەر، جىگەردە مەسىلە كۆرۈلسە، بىر تەرەپتىن دورىنىڭ ئۈنۈمىگە تەسىر يەتسە، يەنە بىر تەرەپتىن جىگەرنىڭ يۈكى ئېشىپ كېتىدۇ.
 
بۆرەك ئادەم تېنىدىكى ئاساسلىق ئاجرىتىپ چىقىرىش ئەزاسى، بۆرەكتە مەسىلە كۆرۈلسە، بىر تەرەپتىن دورا يىغىلىپ قالىدۇ، بۇ بەدەنگە زىيانلىق؛ يەنە بىر تەرەپتىن بۆرەكنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىپ، بۆرەكنىڭ زەخىملىنىشىنى تېزلىتىۋېتىدۇ.
 
ئىنسۇلىن جىگەر، بۆرەكنىڭ ئىقتىدارى ئاجىزلارنىڭ ياخشى تاللىشى ھېسابلىنىدۇ، جىگەر ۋە بۆرەككە ئەكس تەسىر پەيدا قىلمايدۇ.

5. قان قەنتىنى چۈشۈرىدىغان كۆپ خىل دورىلارنى بىرلەشتۈرۈپ ئىچسىمۇ، قان قەنتىنى تىزگىنلەش ئۈنۈمى يەنىلا ياخشى بولمىغانلار
 
Ⅱ تىپلىق زىيابىتۇس بىمارلىرى تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە قان قەنتىنى تۆۋەنلىتىدىغان دورىلارغا بىرلەشتۈرۈپ داۋالاش ئاساسىدا، ئەگەر قان قەنتى ئۆلچەمگە يەتمىسە، قان قەنتىنى تۆۋەنلىتىدىغان دورىلار بىلەن ئىنسۇلىننى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىشى كېرەك. ئادەتتە، قان قەنتىنى تۆۋەنلىتىدىغان دورىلارنى بىرلەشتۈرۈپ كۆپ مىقداردا ئىشلەتكەندىن كېيىن قەنتلەشكەن قىزىل قان ئاقسىلى يەنىلا %7 تىن يۇقىرى بولسا، ئىنسۇلىن بىلەن داۋالىنىشنى ئويلاشسا بولىدۇ.

6. باشقىلار
 
بىر قىسىم زىيابىتۇس بىمارلىرىنىڭ ئاشقازان ئاستى بېزى ئارالچىلىرىنىڭ فۇنكسىيەسى بەك ناچار بولىدۇ، قان قەنتى بەك يۇقىرى، ئىنسۇلىن ۋە C پېپتىد ئىككى كۆرسەتكۈچىنىڭ ھەممىسى نورمال قىممەتتىن كۆرۈنەرلىك تۆۋەن بولىدۇ. بۇ ئاشقازان ئاستى بېزى ئارالچىلىرىنىڭ فۇنكسىيەسى ئېغىر دەرىجىدە ياخشى بولمىغان باسقۇچقا كېلىپ قالغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ، بۇنداق چاغدا ئىنسۇلىن بىلەن داۋالىنىش زۆرۈر.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر
  •  ئۇخلاش ھالىتى ئىنتايىن مۇھىم ئۇخلاش ھالىتى ئىنتايىن مۇھىم ئادەمنىڭ قانداق ئۇيقۇ سۈپىتىگە ئىگە بولۇشى شۇ كىشىنىڭ قانداق ھالەتتە ياتقىنىغا مۇناسىۋەتلىك، چۈنكى ئۇخلاش ھالىتى ئادەمنىڭ بەدىنىدە مەۋجۇت ھەرخىل كېسەللىككە مۇۋاپ
  •  ئىنسۇلىن ئىشلىتىش ۋاقتىنى بىلىۋېلىڭ ئىنسۇلىن ئىشلىتىش ۋاقتىنى بىلىۋېلىڭ نۇرغۇن زىيابىتۇس(دىيابېت) بىمارلىرى ئىنسۇلىننىڭ گېپى چىقسا چىرايى ئۆزگىرىپ، ئىنسۇلىن ئىشلىتىشنى زىيابىتۇس كېسىلىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى، ئىزچىل ئىنسۇلىنغا تايىنىپ دا
  • شاكىلات ئاغرىق توختىتامدۇ؟شاكىلات ئاغرىق توختىتامدۇ؟ شاكىلات ئاغرىق توختىتىش دورىسى ئەمەس ھەيز مەزگىلىدە شاكىلات يېسە ئاغرىق توختىتامدۇ؟ ئەمەلىيەتتە بۇ ئادەمگە باغلىق! شاكىلاتنىڭ كىشىگە ۋاقىتلىق ئارام بېرىش رولى بول
  • قەۋزىيەتمۇ سىز؟ بىر ئىستاكان زەنجىۋىل لىمون سۈيى كۇپايەقەۋزىيەتمۇ سىز؟ بىر ئىستاكان زەنجىۋىل لىمون سۈيى كۇپايە قەۋزىيەتتىن قۇتۇلالماي ئىچىڭىز سىقىلىۋاتامدۇ؟ تېزدىن ئەلداۋا تەۋسىيە قىلغان زەنجىۋىل لىمون سۈيىنى ئىچىپ سىناپ كۆرۈڭ، ھە راست، بۇ ئۇچۇرنى دەرھال دوستلار چەمبىرىكى
  •  دورىلىق چىش پاستىسى ئىشلىتىشتىكى پەرھىزلەر دورىلىق چىش پاستىسى ئىشلىتىشتىكى پەرھىزلەر 1. قارىغۇلارچە ئىشلەتمەڭ. دورىلىق چىش پاستىلىرى گەرچە بىر قىسىم ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىرىگە شىپا بولسىمۇ، بىراق چوڭقۇر، ئىچكى قىسىمدىكى كېسەللەرگە شىپا قىلمايدۇ. 2. فى