ئۇخلاش ھالىتى ئىنتايىن مۇھىم

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/07/03 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02
 
ئادەمنىڭ قانداق ئۇيقۇ سۈپىتىگە ئىگە بولۇشى شۇ كىشىنىڭ قانداق ھالەتتە ياتقىنىغا مۇناسىۋەتلىك، چۈنكى ئۇخلاش ھالىتى ئادەمنىڭ بەدىنىدە مەۋجۇت ھەرخىل كېسەللىككە مۇۋاپىقلاشمىسا، ئۇنداقتا ئادەم قېنىپئۇخلاش مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ، شۇڭا مۇتەخەسسىسلەر ئەڭ مۇۋاپىق ئۇخلاش ھالىتىنى يەكۈنلەپ چىقتى.
 
سول يېنىنى بېسىپ يېتىش
 سول يېنىنى بېسىپ يېتىش ئاشقازان قىززىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
مۇۋاپىق كېلىدىغانلار: ئاشقازىنى ئاسان بىئارام بولىدىغانلار.
مۇۋاپىق كەلمەيدىغانلار: روھىي جەھەتتە  چارچاپ، كۆڭلى بىئارام يۈرۈيدىغانلار.
 
ئوڭدا يېتىش
بۇنداق يېتىش ئادىتى بارلار تېقىمىغا ياستۇق قويۇۋالسا، ئۇمۇرۇتقىسى تۈز سېزىق ھالىتىگە كېلىدۇ – دە، بەل ۋە دۈمبىسى ئاغرىمايدۇ.
مۇۋاپىق كېلىدىغانلار: بەل ۋە دۈمبىسى ئاغرىيدىغانلار.
مۇۋاپىق لەلمەيدىغانلار: دائىم خورەك تارتىدىغانلار، ئۇخلاۋاتقاندا نەپىسى قىسقا توختاش كېسىلى بارلار.
 
ھامىلە شەكلىدە يېتىش
بۇ خىل يېتىش ئادىتى بارلار بەدەننىڭ تولۇق بوشىشىغا كاپالەتلىك قىلسا، بېسىمنى يېنىكلىتىش مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ.
مۇۋاپىق كېلىدىغانلار: بېسىمى يۇقۇرى، روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتە دائىم چارچاپ تۇرىدىغانلار.
مۇۋاپىق كەلمەيدىغانلار: بويۇن ئۇمۇرۇتقىسى ئاغرىيدىغانلار.
 
ئوڭ تەرەپنى بېسىپ يېتىش
بۇ خىل يېتىش شەكلى قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىپ، يۈرەك سوقۇشىنى نورماللاشتۇرىدۇ، ھاڭۋاقتىلىق ۋە باشقا چېكىنىش مەنبەلىك كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
مۇۋاپىق كېلىدىغانلار: يۈرەك كېسىلى بارلار.
مۇۋاپىق كەلمەيدىغان ئادەملەر: كېچىكىپ ھامىلدار بولغان ئاياللار.
 
دۈم يېتىش
ئىچكى ئەزالارنى تولۇق ئارام ئالدۇرۇپ، ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، يەنە خورەك تارتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
مۇۋاپىق كېلىدىغانلار: ئىچكى ئەزالىرى ساغلام بولمىغان ياكى خورەك تارتىغانلار.  
مۇۋاپىق كەلمەيدىغانلار: بېزى ئاغرىيدىغانلار، بويۇن ۋە مۈرۈسىدە مەسىلە بارلار.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر