قەۋزىيەت ۋە قورساق كۆپۈۋېلىشنى قانداق يوقاتقىلى بولىدۇ؟

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/07/03 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02
ئادەتتە قەۋزىيەت بولۇپ قالغان ئادەمنىڭ قورسىقى كۆپۈۋالىدۇ، ئۆرە تۇرغاندا ئاشقازىنى ئاغرىپ كېتىدۇ، ئولتۇرۇۋالسىمۇ ئاغرىق پەسەيمەيدۇ. مۇتەخەسسىسلەر بۇ ھەقتە توختالغاندا مۇنداق دېيىشتى: «بۇ خىل ئالامەتلەر ئاشقازاندىن چاتاق چىققانلىقنىڭ بېشارىتى بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرۈتمەي بولمايدۇ».
 
مۇتەخەسسىسلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى: «قەۋزىيەت ياكى ئاشقازان كۆپۈۋېلىش ئەسلىدىمۇ ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ ھەرىكىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىش، مۇنداق بىر نەچچە تەدبىر ئارقىلىق بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئالغىلىمۇ بولىدۇ:
 
1. تاماقنى ئەپلەپ سەپلەپ يېيىش خەتەرلىك، ئۈچ ۋاق تاماق چوقۇم ۋاقتىدا بولۇشى، بولۇپمۇ ناشتىغا بەكرەك ئېتىبار بېرىلىشى كېرەك؛2.بەك تويۇنۇپ تاماق يېمىگەن تۈزۈك، قورساق يەتتە ئۈلۈش تويسىلا كۇپايە؛ 3.تاماق بەك قىزىق، بەك ئاچچىق، بەك قىرتاق بولسا بولمايدۇ، يەنە ياغلىق يېمەكلىكنى ئاز يېيىش كېرەك. ئەمەلىيەتتە بۇ ئۈچ تەكلىپ ساغلام ئوزۇقلىنىش، شۇنداقلا ساغلام تۇرمۇش ئادىتىنىڭ ئومۇمىي مەزمۇنىدۇر.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر