ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﻛﯚﺭﮔﯜﭼﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ 11 ﺧﯩﻞ ﺋﺎﻻﮪﯩﺪﯨﻠﯩﻚ

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/07/07 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﻛﯚﺭﯛﺷﺘﻪ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺳﯩﺮ ﺑﺎﺭ ؟ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺧﻪﯞﻩﺭﻟﻪﺭ ﺗﻮﺭﻯ ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﺍ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﯩﺪﻩ «ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﻛﯚﺭﯛﺷﻜﻪ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﺑﺎﻳﻘﺎﺵ»ﻧﻰ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﭘﻪﻥ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺧﯘﻻﺳﯩﻠﻪﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ.

ﺑﺎﻳﺎﺷﺎﺕ ﺑﻮﻟﯘﺵ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﺑﺎﻱ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ

ﻛﯩﺮﯨﻤﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻨﯩﺶ، ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﭼﯧﻨﯩﻘﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﻪﮪﺮﯨﻤﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﻪﺩﻩ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺗﯧﻠﯧﮕﺮﺍﻑ ﺧﻪﯞﻩﺭﻟﯩﺮﻯ ﮔﯧﺰﯨﺘﯩﺪﻩ ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ، ﻟﻮﻧﺪﻭﻥ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﯞﻩ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺮﯨﻤﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﯧﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﺘﯧﺮﻭﺋﯩﺪ ﺳﯘﻟﻔﺎﺕ ﻛﯩﺴﻼﺗﺎ ﺩﯦﮕﺪﯨﺮﻭ ﺋﯧﭙﺌﺎﻧﺪﺭﻭﺳﯧﺘﺮﻭﻧﻨﯩﯔ ﺳﻪﯞﯨﻴﯩﺴﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﯩﻐﺎﻥ. ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻣﺎﺩﺩﺍ ﺋﻪﺳﺘﻪ ﺗﯘﺗﯘﺵ ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﺵ، ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻗﺎﻥ ﺗﻮﻣﯘﺭ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺧﻪﯞﭘﯩﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﺘﯩﺶ، ﺋﯚﻣﯜﺭﻧﻰ ﺋﯘﺯﺍﺭﺗﯩﺸﻘﺎ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ.

ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﺸﯩﺶ

ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﻪﺩﻩ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﺷﯘﻧﺎﺳﻼﺭ ﮊﯗﺭﻧﯩﻠﯩﺪﺍ ﺧﺎﺭﯞﺍﺭﺩ ﺋﯘﻧﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻨﻰ ﻳﻪﻧﻪﻯ ﺋﯚﺳﯜﭖ ﻳﯧﺘﯩﻠﯩﺶ ﻣﯘﮪﯩﺘﯩﺪﺍ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﺎﺯ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯘﮪﯩﺖ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﮪﻪﻣﺮﺍﮪﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ، ﻛﯚﯕﯜﻟﺪﯨﻜﯩﺪﻩﻙ ﻧﯩﻜﺎﮪ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﻛﯚﺭﯛﺷﻜﻪ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﺋﯩﻜﻪﻥ.

ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﺍ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﮪﺎﺭﺍﻕ ﺋﯩﭽﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ

ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﻪﺩﻩ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺗﯧﻠﯧﮕﺮﺍﻑ ﺧﻪﯞﻩﺭﻟﯩﺮﻯ ﮔﯧﺰﯨﺘﯩﺪﻩ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﻪﯓ ﻳﯧﯖﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﺘﺎ ﺋﯧﻴﯧﺘﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ، ﻗﯩﺰﯨﻞ ﮪﺎﺭﺍﻕ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻕ ﻣﺎﺭﺍﻟﻘﯘﻻﻕ ﺋﺎﻟﻜﻮﮔﻮﻟﻨﯩﯔ IIﺗﯩﭙﻠﯩﻖ ﺩﯨﺌﺎﺑﯧﺖ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ، ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﯞﻩ ﻣﯧﯖﻪ ﺋﯚﻟﯜﺵ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻪﻙ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﻛﯚﺭﯛﺷﻜﻪ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ.

 

ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﺘﺎ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﺵ

ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺕ ﺧﻪﯞﻩﺭﻟﯩﺮﻯ ﺗﻮﺭﯨﻨﯩﯔ ﺧﻪﯞﯨﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺑﯧﻠﻔﺎﺳﺖ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮪ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ ﻣﯩﯔ ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺋﻪﺭ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺋﯩﺰ ﻗﻮﻏﻼﭖ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ 10 ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﺘﯩﻦ ﺑﺎﻳﻘﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﺘﻪ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﭘﻪﻟﻠﯩﮕﻪ ﻳﯧﺘﻪﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﮪﻪﺳﺴﻪ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﻛﯚﺭﯛﻧﮕﻪﻥ.

 

ﻳﯩﭗ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯩﺶ ﻛﻮﻻﺵ

ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﯞﯨﺴﺘﯩﺮﯨﻦ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ﮪﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﻳﯩﭗ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯩﺶ ﻛﻮﻟﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﭼﯩﺸﻨﻰ ﺋﺎﺳﺮﺍﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺯﯨﻴﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﺎﻛﺘﯧﺮﯨﻴﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭼﯩﺶ ﻣﯩﻠﯩﻜﻰ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻗﺎﻧﻐﺎ ﺋﯚﺗﯜﯞﯦﻠﯩﺸﻨﻰ ﺗﯩﺰﮔﯩﻨﻠﯩﮕﯩﻠﻰ، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻰ ﺧﻪﯞﭘﯩﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﻪﺗﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﯩﻐﺎﻥ.

ﻧﺎﺧﺸﺎ ﺋﯧﻴﺘﯩﺶ

ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺟﻮﺭﺟﻰ ﯞﺍﺷﯩﻨﮕﺘﻮﻥ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻳﯧﯖﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﯩﺪﺍ ﺑﺎﻳﻘﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ ، ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﮔﻪ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ، ﺧﻮﺭ ﺋﯚﻣﯩﻜﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻏﺎ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﺎﺯ ﻛﯚﺭﯛﻧﯩﺪﯨﻜﻪﻥ، ﮪﻪﻣﺪﻩ ﻛﻪﻣﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻗﺎﻳﻐﯘﺭﯨﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﻪ ﻟﻮﻧﺪﻭﻥ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﯩﺪﺍ ﺑﺎﻳﻘﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ، ، ﻧﺎﺧﺸﺎ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﺪﻩ، ﺑﻪﺩﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺩﻭﭘﭙﺎﻣﯩﻨﻨﯩﯔ ﮪﺎﺳﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯛﭖ، ﺑﯧﺴﯩﻤﻨﻰ ﻳﯧﻨﯩﻜﻠﯩﺘﯩﭗ، ﻳﯜﺭﻩﻙ ﺋﯚﭘﻜﻪ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﯞﻩ ﻗﻮﺭﺳﺎﻕ ﺩﯛﻣﺒﻪ ﻣﯘﺳﻜﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﯧﻨﯩﻘﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﺋﯩﻜﻪﻥ.

ﻏﻪﺯﯨﭙﯩﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ

ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﻏﻪﺯﻩﭘﻠﯩﻨﯩﺶ ﻏﻪﺯﯨﭙﯩﻨﻰ ﺑﯧﺴﯩﯟﯦﻠﯩﺸﻘﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺑﯧﺴﯩﻤﻨﻰ ﻳﯧﻨﯩﻜﻠﯩﺘﯩﭗ، ﻳﯜﺭﻩﻛﻨﻰ ﺋﺎﺳﺮﺍﺷﻘﺎ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ، ﺷﯩﯟﯦﺘﺴﯩﻴﻪ ﺳﯩﺘﻮﻛﮭﻮﻟﯩﻢ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﺪﺍ ﺑﺎﻳﻘﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ، ﻏﻪﺯﯨﭙﯩﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﯟﯦﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺧﻪﯞﭘﻰ ﯞﻩ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﺶ ﺧﻪﺗﯩﺮﻯ %50ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻥ.

ﻳﺎﺷﺎﻧﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﺵ

ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺳﯩﻤﻠﯩﻖ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺋﺎﺧﺒﺎﺭﺍﺕ ﺗﻮﺭﯨﺪﺍ 11ﻣﯩﯔ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ ﭼﯧﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ 12 ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﻳﻘﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﻘﻰ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﺎﺷﺎﻧﻐﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ، ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﻘﻰ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺋﺎﺷﻘﺎﻥ ﻳﺎﺷﺎﻧﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﺶ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ%17 ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ.

ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺋﯚﻱ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﺶ

ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﻪ ﺭﺍﺩﯨﺌﻮ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺧﻪﯞﯨﺮﯨﺪﻩ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﻴﯩﻠﮕﻪﻥ: ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﻪ ﺭﺍﻙ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺟﻪﻣﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﺘﺎ ﺑﺎﻳﻘﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ، ﮪﻪﺭ ﮪﻪﭘﺘﯩﺪﻩ 17 ﺳﺎﺋﻪﺕ ﺋﯚﻱ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﯜﺕ ﺑﯧﺰﻯ ﺭﺍﻛﯩﻐﺎ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺧﻪﺗﯩﺮﻯ %30ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ.

ﻣﯜﺷﯜﻙ ﺑﯧﻘﯩﺶ

«ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺧﻪﯞﻩﺭﻟﯩﺮﻯ» ﯞﻩ «ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺧﻪﯞﻩﺭﻟﯩﺮﻯ»ﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻳﯧﯖﻰ ﺧﻪﯞﯨﺮﯨﺪﻩ ﺋﯧﺘﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ، ﻣﯩﻨﯩﺴﯘﺗﺘﺎ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻣﯜﺷﯜﻙ ﺑﯧﻘﯩﺸﻨﯩﯔ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺗﻪﺷﯟﯨﺸﻨﻰ ﻳﯧﻨﯩﻜﻠﯩﺘﯩﭗ، ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺧﻪﺗﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﯩﻐﺎﻥ.

ﮔﯩﺮﯦﺘﺴﯩﻴﻪﭼﻪ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ

ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﻣﻤﯩﯟﻯ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺧﻪﯞﯨﺮﯨﺪﻩ ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ، ﮔﺮﯦﺘﺴﯩﻴﻪﺩﯨﻜﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﻛﯚﺭﯛﺵ ﺋﺎﺭﯨﻠﻰ- ﺋﯧﻜﺎﺭﯨﻴﻪ ﺋﺎﺭﯨﻠﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﻛﯚﺭﯛﺵ ﻳﯘﺭﺗﻰ ﺩﻩﭖ ﺗﻪﺭﯨﭙﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺋﺎﺭﺍﻟﺪﺍ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺗﻮﻗﺴﺎﻥ ﻳﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﻛﯚﺭﯨﺪﯨﻜﻪﻥ. ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺟﺎﻳﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻣﯘﮪﯩﺘﻰ، ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺋﻪﻣﮕﻪﻙ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺯﻩﻳﺘﯘﻥ ﻳﯧﻐﻰ، ﮔﯜﻝ ﮔﯩﻴﺎﮪ، ﭼﺎﻱ، ﺩﻭﺭﺍ ﺩﻩﺭﻣﻪﻙ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻖ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﯩﺮﻯ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﻛﯚﺭﯛﺷﺘﯩﻜﻰ ﻣﻪﺧﭙﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﮪﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻜﻪﻥ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر