ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮﻯ

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/07/10 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 ﻳﺎﺯ ﭘﻪﺳﻠﯩﺪﻩ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﻼﺭ ﻛﯚﭖ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ، ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺋﯘﺳﯘﻟﺪﺍ ﺩﺍﯞﺍﻻﻧﻤﯩﺴﺎ ﺑﻪﺯﻯ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺋﺎﻗﯩﯟﻩﺗﻠﻪﺭ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﻩ ﺑﯩﺰ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﺷﯘﭖ ﭼﯩﻘﯩﻤﯩﺰ.

ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻗﯧﻠﯩﺶ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ
1. ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﮪﯚﻛﯜﻡ ﻗﯩﻠﯩﺶ: ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻗﯧﻠﯩﺶ ﮪﺎﯞﺍ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﻪﺩﻩﻧﻨﯩﯔ ﺗﯧﻤﭙﯩﺮﺍﺗﯘﺭﯨﺴﯩﻨﻰ ﺗﻪﯕﺸﻪﺵ ﻓﯘﻧﻜﯩﺴﯩﻴﻪﺳﻰ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻧﻠﯩﺸﯩﭗ، ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﺶ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﺩﻩﺧﻠﯩﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﺍﺵ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﻠﯩﻖ ﺋﯧﻨﯩﺮﮔﯩﻴﻪﺳﻰ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻗﯩﺰﯨﺶ ﯞﻩ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﻧﯧﺮﯞﺍ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﺪﺍ ﺑﯩﺌﺎﺭﺍﻣﻠﯩﻖ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﺎﻝ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ. ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﺘﺎ، ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﻧﯩﺴﯩﺒﯩﺘﻰ %70-%20ﻛﻪ ﻳﯧﺘﯩﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭘﯩﮋﻏﯩﺮﯨﻢ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﻳﺎﺯ ﭘﻪﺳﻠﯩﺪﻩ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺋﺎﻛﺘﯩﭙﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﺘﯩﺸﻘﺎ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
2. ﻣﯘﮪﯩﺖ ﺋﺎﻣﯩﻠﻰ: ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻗﯧﻠﯩﺶ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﺗﯧﻤﭙﯩﺮﺍﺗﯘﺭﯨﺴﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ، ﺯﻩﻱ، ﺷﺎﻣﺎﻝ ﺳﯜﺭﺋﯩﺘﻰ ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭﺩﺍ ﻛﯚﭖ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺋﯘﺩﺍ 3 ﻛﯜﻥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﭽﻪ ﺗﯧﻤﭙﯩﺮﺍﺗﯘﺭﯨﺴﻰ 30 ﺳﯧﻠﺴﯩﻴﻪ ﮔﯩﺮﺍﺩﯗﺳﺘﯩﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ، ﻧﯩﺴﺒﯩﻲ ﻧﻪﻣﻠﯩﻚ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﻰ %73ﺗﯩﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﮪﯩﺘﺘﺎ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺗﯧﻤﭙﯩﺮﺍﺗﯘﺭﺍ ﯞﻩ ﻧﻪﻣﻠﯩﻚ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﻰ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﺪﯨﻤﯘ ﺷﺎﻣﺎﻝ ﺋﯚﺗﯜﺷﯜﺷﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯩﺎ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. 
3. ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺋﺎﻣﯩﻠﻰ: ﺑﻪﺩﻩﻥ ﭼﯧﻨﯩﻘﺘﯘﺭﻣﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﭼﯧﻨﯩﻘﺘﯘﺭﯗﺵ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﻯ ﺋﺎﺯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ، ﺋﯘﻳﻘﯘﺳﻰ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ، ﮪﺎﺭﺍﻕ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﻗﻮﺭﺳﯩﻘﻰ ﺋﺎﭺ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ، ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﺳﺎﻳﺎﮪﻪﺕ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺗﯧﻤﭙﯩﺮﺍﺗﯘﺭﯨﻠﯩﻖ ﻣﯘﮪﯩﺘﻘﺎ ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﻠﯩﻘﻨﻰ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﺸﻰ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﻏﺎ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻏﺎ، ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ، ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﺳﯧﻤﯩﺰ، ﺑﻪﺩﻩﻧﮕﻪ ﭼﯩﯔ ﻳﯧﭙﯩﺸﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ، ﮪﺎﯞﺍ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﺵ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﻯ ﻧﺎﭼﺎﺭ ﻛﯩﻴﯩﻢ-ﻛﯧﭽﻪﻛﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯩﻴﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﻼﺭ، ﺗﯘﻏﻤﺎ ﺗﻪﺭ ﺑﯧﺰﻯ ﻳﯧﺘﯩﺸﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﺑﺎﺭﻻﺭ ﮪﻪﻣﺪﻩ ﺧﺎﻣﯘﺷﻠﯘﻗﻘﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺩﻭﺭﺍ ﻳﻪﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﺋﯚﺗﯩﺪﯗ. 
ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﻨﯩﯔ «3 ﭼﻮﯓ ﺗﯜﺭﻯ»
1. ﺋﺎﻟﺪﯨﻦ ﺑﯩﺸﺎﺭﯨﺘﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﺋﯚﺗﯜﺵ: ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﺑﯩﻤﺎﺭﻻﺭﺩﯨﻦ ﻛﯚﭖ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﺍ ﺗﻪﺭ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ، ﺑﯧﺸﻰ ﻗﯧﻴﯩﭗ، ﻛﯚﺯﻯ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘﻟﯩﺸﯩﺪﯗ، ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻛﯜﭼﺴﯩﺰ ﮪﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﻛﯚﯕﻠﻰ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﭗ، ﮪﻮﺩﯗﻗﯘﭘﻼ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ، ﻧﻪﭘﯩﺴﻰ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺩﯨﻘﻘﯩﺘﯩﻨﻰ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻟﻪﺷﺘﯜﺭﻩﻟﻤﻪﻳﺪﯗ، ﻧﯩﺸﺎﻥ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﺸﻰ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﻏﺎ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯗ، ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺗﯧﻤﭙﯩﺮﺍﺗﯘﺭﯨﺴﻰ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ 37.5 ﺳﯧﻠﺴﯩﻴﻪ ﮔﯩﺮﺍﺩﯗﺳﺘﯩﻦ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺗﯧﻤﭙﯩﺮﺍﺗﯘﺭﯨﻠﯩﻖ ﻣﯘﮪﯩﺘﺘﯩﻦ ﺳﺎﻟﻘﯩﻦ، ﺷﺎﻣﺎﻝ ﺋﯚﺗﯜﺷﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﺭﯗﻧﻐﺎ ﻳﯚﺗﻜﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﯧﻠﻪﻟﻪﻳﺪﯗ. 
2. ﻳﻪﯕﮕﯩﻞ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﺋﯚﺗﯜﺵ: ﻳﻪﯕﮕﯩﻞ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻼﺭﺩﺍ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻗﯧﻠﯩﺶ ﺑﯩﺸﺎﺭﯨﺘﻰ ﻛﯚﺭﯛﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺗﯧﻤﭙﯩﺮﺍﺗﯘﺭﯨﺴﻰ 38 ﺳﯧﻠﺴﯩﻴﻪ ﮔﯩﺮﺍﺩﯗﺳﺘﯩﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ، ﺗﯧﺮﯨﺴﻰ ﺋﻮﺗﺘﻪﻙ ﻗﯩﺰﯨﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ، ﻳﯜﺯﻯ ﻗﯩﺰﯨﺮﯨﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ ﺑﯩﺮﺍﻕ، ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭼﯩﺮﺍﻳﻰ ﺳﺎﺭﻏﯩﻴﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﻛﯚﺭﯛﻧﯩﺪﯗ، ﻳﺎﻧﺪﯗﺭﯨﺪﯗ، ﺗﯧﺮﯨﺴﻰ ﻧﻪﻡ ﯞﻩ ﺳﻮﻏﯘﻕ، ﺗﻮﻣﯘﺭ ﺳﻮﻗﯘﺷﻰ ﺋﺎﺟﯩﺰ، ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻰ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﻤﺎﺭﻻﺭ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﺎﺭﺍﻡ ﺋﺎﻟﺴﺎ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺗﯧﻤﭙﯩﺮﺍﺗﯘﺭﯨﺴﻰ 4 ﺳﺎﺋﻪﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﮪﺎﻟﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯗ.
3. ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﺋﯚﺗﯜﺵ: ﻳﻪﯕﮕﯩﻞ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﺋﯚﺗﯜﺵ ﺋﯧﻐﯩﺮﻻﺷﻘﺎﻧﺪﺍ ﺑﯩﻤﺎﺭﺩﺍ ﺗﯧﺮﻩ ﺋﺎﻗﯩﺮﯨﭗ، ﺗﻪﺭ ﭼﯩﻘﯩﺶ، ﭘﯘﺕ-ﻗﻮﻟﻼﺭ ﻣﺎﻏﺪﯗﺭﺳﯩﺰ، ﺗﻮﻣﯘﺭ ﺳﻮﻗﯘﺷﻰ ﺗﯧﺰ، ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺗﯧﻤﭙﯩﺮﺍﺗﯘﺭﯨﺴﻰ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﻰ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﮪﻮﺷﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ-ﺑﯩﻠﻤﯩﮕﯜﺩﻩﻙ ﮪﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﻼﺭ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. ﺋﯧﻐﯩﺮﻻﺷﻘﺎﻧﺪﺍ، ﺑﺎﺵ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﺎﻏﺮﯨﺶ، ﺑﺎﺵ ﻗﯧﻴﯩﺶ، ﻗﯘﻻﻕ ﻏﻮﯕﯘﻟﺪﺍﺵ، ﻳﺎﻧﺪﯗﺭﯗﺵ، ﻳﯜﺯﻯ ﻗﯩﺰﯨﺮﯨﺶ، ﭘﯧﺸﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﯧﻤﭙﯩﺮﺍﺗﯘﺭﯨﺴﻰ 40 ﺳﯧﻠﺴﯩﻴﻪ ﮔﯩﺮﺍﺩﯗﺳﺘﯩﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﻛﯚﺭﯛﻟﯩﺪﯗ، ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺗﯧﻤﭙﯩﺮﺍﺗﯘﺭﯨﺴﻰ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﮪﻮﺷﺴﯩﺰ ﮪﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺑﯘ ﮪﺎﻟﻪﺕ ﻳﻪﻧﯩﻤﯘ ﺋﯧﻐﯩﺮﻻﺷﻘﺎﻧﺪﺍ ﺑﯩﻤﺎﺭﻧﯩﯔ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺗﯧﻤﭙﯩﺮﺍﺗﯘﺭﯨﺴﻰ 40 ﺳﯧﻠﺴﯩﻴﻪ ﮔﯩﺮﺍﺩﯗﺳﺘﯩﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ، ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻗﯩﺰﯨﻴﺪﯗ، ﮪﻮﺷﺴﯩﺰ، ﺗﯧﺮﯨﺴﻰ ﻗﯩﺰﯨﭗ ﻗﯘﺭﻏﺎﻗﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺑﺎﺵ ﺋﺎﻏﺮﯨﻴﺪﯨﻐﺎﻥ، ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﻣﺎﻏﺪﯗﺭﺳﯩﺰ، ﺗﻮﻣﯘﺭ ﺳﻮﻗﯘﺷﻰ ﺗﯧﺰ، ﻛﺎﻟﻠﯩﺴﻰ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﻯ ﺯﻩﺧﻤﯩﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﺍﭖ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﻼﺭ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ.
ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ:
1. ﻳﯚﺗﻜﻪﺵ: ﺑﯩﻤﺎﺭﻧﻰ ﺩﻩﺭﮪﺎﻝ ﺷﺎﻣﺎﻝ ﺋﯚﺗﯜﺷﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺳﺎﻟﻘﯩﻦ، ﻗﯘﺭﻏﺎﻕ ﺟﺎﻳﻐﺎ ﻳﯚﺗﻜﯩﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﻮﯕﺪﯨﺴﯩﻐﺎ ﻳﺎﺗﻘﯘﺯﯗﭖ ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯜﮔﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﯟﯦﺘﯩﭗ ﺑﻮﺷﯩﺘﯩﺶ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﯩﻴﯩﻤﯩﻨﻰ ﺳﺎﻟﺪﯗﺭﯗﯞﯦﺘﯩﺶ، ﻧﺎﯞﺍﺩﺍ ﻛﯩﻴﯩﻤﻰ ﺗﻪﺭﺩﯨﻦ ﮪﯚﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﻴﯩﻢ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﺵ.
2. ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺗﯧﻤﭙﯩﺮﺍﺗﯘﺭﯨﺴﯩﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﺘﯩﺶ: ﺑﯩﻤﺎﺭﻧﯩﯔ ﭘﯧﺸﺎﻧﯩﺴﯩﮕﻪ ﺳﻮﻏﯘﻕ ﺳﯘﻏﺎ ﭼﯩﻼﻧﻐﺎﻥ ﻟﯚﯕﮕﻪ ﻗﻮﻳﯘﺵ، %50ﻟﯩﻚ ﺋﯩﺴﭙﯩﺮﺕ، ﺋﺎﻕ ﮪﺎﺭﺍﻕ، ﻣﯘﺯ ﺳﯜﻳﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺳﻮﻏﯘﻕ ﺳﯘ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺑﻪﺩﻩﻧﻨﻰ ﺳﯜﺭﺗﯜﺵ، ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻦ ﻳﻪﻟﭙﯜﮔﯜﭺ ﻳﺎﻛﻰ ﺷﺎﻣﺎﻟﺪﯗﺭﻏﯘﭺ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻪﻟﭙﯜﭖ ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺶ ﺳﯜﺭﺋﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﯧﺰﻟﯩﺘﯩﺶ. ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺖ ﻳﺎﺭ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﺪﻩ ﺗﯧﻤﭙﯩﺮﺍﺗﯘﺭﯨﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﺘﯩﺶ ﭘﺎﻟﯩﺰﻯ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺗﯧﻤﭙﯩﺮﺍﺗﯘﺭﯨﺴﯩﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﻪﺗﺴﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺮﺍﻕ، ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺗﯧﻤﭙﯩﺮﺍﺗﯘﺭﯨﺴﯩﻨﻰ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﻣﯘﺩﺩﻩﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺗﯧﺰ ﺳﯜﺭﺋﻪﺗﺘﻪ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﺘﯩﯟﻩﺗﺴﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺗﯧﻤﭙﯩﺮﺍﺗﯘﺭﯨﺴﻰ 38 ﺳﯧﻠﺴﯩﻴﻪ ﮔﯩﺮﺍﺩﯗﺳﺘﯩﻦ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺗﯧﻤﭙﯩﺮﺍﺗﯘﺭﯨﺴﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯜﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﻮﻏﯘﻕ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﺎﻣﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
3. ﺳﯘ ﺗﻮﻟﯘﻗﻼﺵ: ﺑﯩﻤﺎﺭﻧﯩﯔ ﮪﻮﺷﻰ ﺑﺎﺭ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﺳﻮﻏﯘﻕ ﺳﯘ ﺋﯩﭽﻜﯜﺯﯛﭖ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﯘﻧﻰ ﺗﻮﻟﯘﻗﻠﯩﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺳﯘ ﺗﻮﻟﯘﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﺯ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﺍ ﺗﯘﺯ ﻳﺎﻛﻰ ﺳﻮﺩﺍ ﺳﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺳﯘ ﺋﯩﭽﻜﯜﺯﺳﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺮﺍﻕ، ﺳﯘ ﺗﻮﻟﯘﻗﻼﺷﻘﺎ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﭖ ﻛﻪﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ، ﻳﺎﻧﺪﯗﺭﯗﺵ، ﻗﻮﺭﺳﺎﻕ ﺋﺎﻏﺮﯨﺶ، ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ.
4. ﮪﻮﺷﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺵ: ﻧﺎﯞﺍﺩﺍ ﺑﯩﻤﺎﺭ ﺋﺎﻟﻠﯩﺒﯘﺭﯗﻥ ﮪﻮﺷﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﺎﺗﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﺎﺭﻣﺎﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺭﯦﻨﺠﯘﯓ ﭘﻪﻟﻠﯩﺴﻰ (ﺋﯜﺳﺘﯜﻧﻜﻰ ﻛﺎﻟﭙﯘﻙ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﯧﺮﯨﻘﭽﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﺪﻩ)، ﺧﯧﮕﯘ ﭘﻪﻟﻠﯩﺴﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﮪﻮﺷﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﺳﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻧﺎﯞﺍﺩﺍ ﻧﻪﭘﯩﺴﻰ ﺗﻮﺧﺘﺎﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺩﻩﺭﮪﺎﻝ ﺳﯜﻧﺌﯩﻲ ﻧﻪﭘﻪﺳﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
5. ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ: ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﻤﺎﺭﻻﺭﻧﻰ ﺩﻩﺭﮪﺎﻝ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﺘﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺑﯩﻤﺎﺭﻧﻰ ﻳﯚﺗﻜﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﻧﻮﺳﯘﻟﻜﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺑﯩﻤﺎﺭﻧﻰ ﻣﺎﯕﺪﯗﺭﯗﭖ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻣﯧﯖﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ، ﺑﯩﻤﺎﺭﻧﻰ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻣﯧﯖﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﺎﻣﺎﻝ ﺑﺎﺭ ﻣﯘﺯ ﺧﺎﻟﺘﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯩﻤﺎﺭﻧﯩﯔ ﭘﯧﺸﺎﻧﯩﺴﻰ، ﮔﻪﺟﮕﯩﺴﻰ، ﻛﯚﻛﺮﯨﻜﻰ، ﻗﻮﻟﺘﯘﻗﻰ ﯞﻩ ﻳﻮﺗﯩﺴﯩﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺗﯧﻤﭙﯩﺮﺍﺗﯘﺭﯨﺴﯩﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﭼﻮﯓ ﻣﯧﯖﻪ ﯞﻩ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺭﻩﺋﯩﺲ ﺋﻪﺯﺍﻻﺭﻧﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر