دۇنيادىكى ئوزۇقلۇق قىممىتى ئەڭ يۇقىرى 12 خىل كۆكتات

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/07/10 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 1.ﭘﺎﻟﻪﻙ

ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﮪﻪﻡ ﻳﯧﺸﯩﻞ ﻳﻮﭘﯘﺭﻣﺎﻗﻠﯩﻖ ﻛﯚﻛﺘﺎﺗﻘﺎ ﺗﻪﯞﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﺋﻪﯓ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﻛﯚﻛﺘﺎﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ.

30 ﮔﺮﺍﻡ ﺧﺎﻡ ﭘﺎﻟﻪﻙ  ﺑﯩﺰ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﯨﺘﺎﻣﯩﻦ ﺋﺎﻧﯩﯔ 56 ﭘﯩﺮﺳﻪﻧﺘﯩﻨﻰ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﻳﺪﯗ، ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻠﯜﻙ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﯖﯩﺰﺩﺍ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﯨﺘﺎﻣﯩﻦ ﻙ ﻧﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﻗﺎﻣﺪﺍﻳﺪﯗ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻛﺎﻟﻮﺭﯨﻴﻪﺳﻰ(ﻛﺎﻟﻮﺭﯨﻴﻪ-ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﺩﺍ ﺋﻮﻣﯘﻣﻼﺷﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺋﯧﻨﯩﺮﮔﯩﻴﻪﻧﻰ ﺋﯚﻟﭽﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯧﻨﯩﺮﮔﯩﻴﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﻟﭽﯩﻤﻰ، ﭘﺎﺕ ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﺍ ﺑﯘ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﯘﭼﯘﺭ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯗ-ﺕ) ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ  7 ﺋﯩﻜﻪﻥ.

ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﺘﺎ ﺑﺎﻳﻘﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ، ﻗﯧﻨﯩﻖ ﻳﯧﺸﯩﻞ ﻳﻮﭘﯘﺭﻣﺎﻗﻠﯩﻖ ﻛﯚﻛﺘﺎﺗﻼﺭ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ: ﭘﺎﻟﻪﻛﻨﻰ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﻮﻛﺴﯩﺪﻟﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﯞﻩ ﺭﺍﻛﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﮕﻪ ﻳﻪﺗﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺩﺍﺋﯩﻢ ﭘﺎﻟﻪﻛﻨﻰ ﻳﻪﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﺪﻩ ﻳﯜﺭﻩﻛﻤﯘ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ.

2.  ﺳﻪﯞﺯﻩ

ﺳﻪﯞﺯﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﻩ ﯞﯨﺘﺎﻣﯩﻦ ﺋﺎ ﻣﻮﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺴﺘﺎﻛﺎﻥ(128ﮔﺮﺍﻡ) ﺳﻪﯞﺯﯨﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻗﻨﯩﯔ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﻩ ﻛﺎﺭﻭﺗﯩﻦ ﯞﻩ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺋﻮﻛﺴﯩﺪﻟﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺧﯘﺭﯗﭺ ﺑﺎﺭﺋﯩﻜﻪﻥ، ﺳﻪﯞﺯﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﺋﺎﭘﻠﯩﺴﯩﻨﺮﻩﯓ ﺭﺍﻙ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﻩ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﯩﺸﭽﻪ، ﮪﻪﺭ ﮪﻪﭘﺘﯩﺪﻩ ﺳﻪﯞﺯﻩ ﻳﻪﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﮕﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺯﻯ ﺑﯧﺰﻯ ﺭﺍﻛﯩﻐﺎ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺧﻪﯞﯨﭙﻰ 5 ﭘﯩﺮﺳﻪﻧﺖ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﮕﻪﻥ.

3.  ﺷﯩﻠﻪﻥ ﮔﯜﻟﻰ

ﺑﯘ ﻛﯚﻛﺘﺎﺕ ﻛﯩﺮﯨﺴﯩﺖ ﻏﻮﻟﻠﯘﻕ ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜﻛﻠﻪﺭ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﺗﻪﯞﻩ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﻩ ﺗﯩﺌﻮ ﮔﯩﻠﻮﻛﻮﺯﺍ، ﺭﺍﻓﺎﻧﯩﻦ، ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﮪﺎﺳﯩﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﯩﺌﻮﮔﻠﻮﻛﻮﺯﺍ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺭﺍﻓﺎﻧﯩﻦ ﻣﺎﺩﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺭﺍﻛﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺭﻭﻟﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﻧﻐﺎﻥ. ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﮪﺎﻳﯟﺍﻧﻼﺭﻏﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﺘﺎ، ﺭﺍﻓﺎﻧﯩﻨﻨﯩﯔ ﺳﯜﺕ ﺑﯧﺰﻯ ﺭﺍﻛﻰ ﮪﯜﺟﻪﻳﺮﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﯞﻩ ﺳﺎﻧﯩﻨﻰ ﺋﺎﺯﺍﻳﺘﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﯘ ﭼﺎﺷﻘﺎﻥ ﺗﯧﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯚﺳﻤﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺳﯜﺷﯩﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﺎﺗﻘﺎﻥ.

4.  ﺳﺎﻣﺴﺎﻕ

ﺳﺎﻣﺴﺎﻕ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻛﺘﯩﭗ ﺧﯧﻤﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﺑﯩﺮﯨﻜﻤﻪ ﮔﺎﺭﻟﯩﺘﺴﯩﻦ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﻣﺎﺩﺩﺍ ﺳﺎﻣﺴﺎﻗﺘﯩﻜﻰ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻘﻘﺎ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜﻙ ﺑﯩﺮﯨﻜﻤﯩﺴﯩﺪﯗﺭ. ﺳﺎﻣﺴﺎﻕ ﻗﺎﻥ ﺷﯧﻜﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﯕﺸﻪﭖ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯨﺪﯗ. ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﮪﺎﻳﯟﺍﻧﺎﺗﻼﺭﻏﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﺘﺎ، ﺩﯨﺌﺎﺑﯩﺖ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭼﺎﺷﻘﺎﻧﻐﺎ ﺳﺎﻣﺴﺎﻕ ﻣﯧﻴﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺩﯨﺌﺎﻟﻠﯩﻞ ﺗﯩﺮﻯ ﺳﻮﻟﻔﯩﺪ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺳﺎﻣﺴﺎﻕ ﻣﺎﺩﺩﯨﺴﻰ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ. ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﻞ ﺳﺎﻣﺴﺎﻕ ﻣﺎﺩﺩﯨﺴﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻥ ﺷﯧﻜﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﻪﺗﻜﻪﻥ ﯞﻩ ﺋﯩﻨﺴﯘﻟﯩﻨﻨﯩﯔ ﺳﻪﺯﮔﯜﺭﻟﯜﻛﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ.

5.  ﺑﯩﺮﻳﯘﺳﺴﯧﻞ ﺋﯜﻧﺪﯛﺭﻣﻪ ﺋﻮﺗﻴﺎﺷﻰ

ﺷﯩﻠﻪﻥ ﮔﯜﻟﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﯩﺮﻳﯘﺳﺴﯧﻞ ﺋﯜﻧﺪﯛﺭﻣﻪ ﺋﻮﺗﻴﺎﺷﻰ ﻛﯩﺮﯨﺴﯩﺖ ﻏﻮﻟﻠﯘﻕ ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜﻛﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﻪﯞﻩ، ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻘﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜﻙ. ﺋﯘﻧﻰ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﻳﻪﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﺪﻩ ﻣﯩﺘﺎﺑﻮﻟﯩﺰﯨﻢ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﺘﺎ ﺑﯩﺮﻳﯘﺳﺴﯧﻞ ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜﻙ ﺋﻮﺗﻴﺎﺷﻰ ﻣﯩﺘﺎﺑﻮﻟﯩﺰﯨﻤﻨﻰ ﻛﻮﻧﺘﯩﺮﻭﻝ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻻﮪﯩﺪﻩ ﺋﯩﻨﺰﯨﻤﻨﯩﯔ 15-30 ﭘﯩﺮﺳﻪﻧﺘﻜﯩﭽﻪ ﺋﺎﺷﯘﺭﯨﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺑﯘ ﺗﻪﺭﯨﭙﻰ ﺑﻮﻏﻤﺎﻕ ﺋﯜﭼﻪﻱ ﺗﯜﺯ ﺋﯜﭼﻪﻱ ﺭﺍﻛﻰ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺧﻪﯞﯨﭙﯩﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ.

6.  ﻛﺎﻟﻠﻪﻛﺒﻪﺳﻪﻱ

ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﯧﺸﯩﻞ ﻳﻮﭘﯘﺭﻣﺎﻗﻠﯩﻖ ﻛﯚﻛﺘﺎﺗﻼﺭﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻛﺎﻟﻠﻪﻛﺒﻪﺳﻪﻳﻨﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻘﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯛﺷﺘﻪ ﺩﺍﯕﻘﻰ ﺑﺎﺭ، ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺋﻮﻛﺴﯩﺪﻟﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﺋﯜﻧﯜﻣﻰ ﺋﺎﻻﮪﯩﺪﻩ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ. ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺴﺘﺎﻛﺎﻥ(67ﮔﺮﺍﻡ) ﻛﺎﻟﻠﻪﻛﺒﻪﺳﻪﻳﺪﻩ ﺯﻭﺭ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﺍ ﯞﯨﺘﺎﻣﯩﻦ ﺏ، ﻛﺎﻟﯩﻲ، ﻛﺎﻟﺘﯩﺴﯩﻲ ﯞﻩ ﻣﯩﺲ ﺑﺎﺭ. ﺋﯘ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﯞﯨﺘﺎﻣﯩﻦ ﺋﺎ، ﺱ، ﻙ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﻗﺎﻣﺪﺍﻳﺪﯗ. ﺋﻮﻛﺴﯩﺪﻟﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻘﯩﻐﯩﻤﯘ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ.

7.  ﻛﯚﻙ ﭘﯘﺭﭼﺎﻕ

ﻛﯚﻙ ﭘﯘﺭﭼﺎﻕ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻛﯩﺮﺍﺧﻤﺎﻟﻠﯩﻖ ﻛﯚﻛﺘﺎﺕ. ﺑﯘ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯩﺮﺍﺧﻤﺎﻟﺴﯩﺰ ﻛﯚﻛﺘﺎﺗﻘﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻛﺎﺭﺑﻮﮔﯩﺪﺭﺍﺕ ﯞﻩ ﻛﺎﻟﻮﺭﯨﻴﻪﮔﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺩﯦﺮﻩﻙ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ، ﻛﯚﭖ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﺍ ﻳﻪﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﺪﻩ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﻐﺎ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﺎﻻﺳﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯜﭼﻪﻱ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﻣﯩﻜﺮﻭﺑﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﭘﻪﻳﺘﯩﭗ، ﺋﯜﭼﻪﻱ ﻳﻮﻟﯩﻨﯩﯔ ﮪﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯛﭖ، ﮪﻪﺯﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺗﯚﮪﭙﻪ ﻗﻮﺷﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮﯨﺖ ﻛﯚﻙ ﭘﯘﺭﭼﺎﻗﺘﺎ ﺳﺎﭘﻮﻧﯩﻦ ﻣﻮﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺭﺍﻛﻘﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﺭﻭﻟﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﻪﺭﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﯨﻜﻤﻪ ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜﻙ ﮪﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.

8.ﺷﯩﯟﯨﺘﺴﯩﻴﻪ ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﻮﺗﻴﺎﺷﻰ

ﺷﯩﯟﯨﺘﺴﯩﻴﻪ ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﻮﺗﻴﺎﺷﯩﻨﯩﯔ ﻛﺎﻟﻮﺭﯨﻴﻪﺳﻰ ﺗﯚﯞﻩﻥ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﯞﯨﺘﺎﻣﯩﻦ ﯞﻩ ﻣﯧﻨﯩﺮﺍﻝ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ. ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺴﺘﺎﻛﺎﻥ(36 ﮔﺮﺍﻡ) ﺩﺍ ﭘﻪﻗﻪﺕ 7 ﻛﺎﻟﻮﺭﯨﻴﻪﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﭖ، 1 ﮔﺮﺍﻡ ﺗﺎﻻ، 1 ﮔﺮﺍﻡ ﺋﺎﻗﺴﯩﻞ ﯞﻩ ﺯﻭﺭ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﺍ ﯞﯨﺘﺎﻣﯩﻦ ﺋﺎ، ﺱ، ﻙ، ﻣﺎﻧﮕﺎﻥ ﯞﻩ ﻣﺎﮔﻨﯩﻲ ﺑﺎﺭ. ﺷﯩﯟﯨﺘﺴﯩﻴﻪ ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﻮﺗﻴﺎﺷﻰ ﺩﯨﺌﺎﺑﯩﺖ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺸﺘﺎ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺋﯜﻧﯜﻣﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯚﻛﺘﺎﺕ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ. ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﮪﺎﻳﯟﺍﻧﻼﺭﻏﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﺘﺎ ﺑﺎﻳﻘﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺑﯘ ﻛﯚﻛﺘﺎﺗﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﯟﯦﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻨﻰ ﺗﯘﺭﺍﻗﻼﺷﺘﯘﺭﻏﯩﻠﻰ ﮪﻪﻣﺪﻩ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﻠﯩﻨﯩﺶ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﻚ ﮪﯜﺟﻪﻳﺮﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺯﻩﺧﻤﯩﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺩﯨﺌﺎﺑﯩﺖ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ.

9.ﺯﻩﻧﺠﯩﯟﯨﻞ

ﺯﻩﻧﺠﯩﯟﯨﻠﻨﯩﯔ ﻳﯩﻠﺘﯩﺰﻯ ﺗﺎﻣﺎﻗﻘﺎ ﺗﻪﻡ ﻗﻮﺷﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﻪﻡ ﺧﯘﺭﯗﭼﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﺪﺍ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﺘﺎ ﻛﯚﺭﺳﺘﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ ﺯﻩﻧﺠﯩﯟﯨﻠﻨﯩﯔ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯜﻧﯜﻣﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﯩﻜﻪﻥ. 12 ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﯞﻩ 1300 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﮪﺎﻣﯩﻠﺪﺍﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﻰ ﺋﯩﺰ ﻗﻮﻏﻼﭖ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺗﯩﻨﯩﭽﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺵ ﺩﻭﺭﯨﺴﯩﻐﺎ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ، ﺯﻩﻧﺠﯩﯟﯨﻠﻨﯩﯔ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﺸﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﺘﯩﺸﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﻪﺭﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.

ﺯﻩﻧﺠﯩﯟﯨﻠﻨﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﻘﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻤﯘ ﺋﺎﻻﮪﯩﺪﻩ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻳﺎﻟﻠﯘﻍ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺷﺘﺎ ﺋﯜﻧﯜﻣﻰ ﺑﺎﺭ، ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ:ﺑﻮﻏﯘﻡ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﻰ، ﺑﯚﺭﻩ ﭼﺎﻗﯩﺴﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﻪﻟﻠﯩﻚ ﺑﻮﻏﯘﻡ ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﻰ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ.

10.ﺳﻪﺭﻩﺑﯩﻞ

ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﻪﺗﯩﻴﺎﺯﻟﯩﻖ ﻛﯚﻛﺘﺎﺗﺘﺎ ﻣﻮﻝ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﺍ ﯞﯨﺘﺎﻣﯩﻦ ﯞﻩ ﻣﯧﻨﯩﺮﺍﻝ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﻪﺩﻩﻧﮕﻪ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﺗﻮﻟﯘﻗﻠﯩﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺋﯩﺴﺘﺎﻛﺎﻥ (90 ﮔﺮﺍﻡ) ﺳﻪﺭﻩﺑﯩﻠﺪﺍ ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﺘﺎ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﻮﭘﯘﺭﻣﺎﻕ ﻛﯩﺴﻼﺗﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﭼﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻗﻠﯩﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﮪﻪﻣﺪﻩ ﻛﯚﭖ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﺍ ﺳﯧﻠﯩﻦ، ﯞﯨﺘﺎﻣﯩﻦ ﻙ، ﺗﯩﺌﺎﻣﯩﻦ ﯞﻩ ﺭﯨﺒﻮﻓﻼﯞﯨﻦ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭ ﺑﺎﺭ.

11.ﻗﯩﺰﯨﻞ ﻛﺎﻟﻠﻪﻛﺒﻪﺳﻪﻱ

ﻗﯩﺰﯨﻞ ﻛﺎﻟﻠﻪﻛﺒﻪﺳﻪﻳﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﻩ ﻣﻮﻝ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﺍ ﺳﯩﻴﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، 2012-ﻳﯩﻠﻰ ﮪﺎﻳﯟﺍﻧﻼﺭﻏﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﺘﺎ ﭼﺎﺷﻘﺎﻧﻐﺎ ﺧﻮﻟﯩﺴﺘﯩﺮﯨﻦ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﻯ ﻛﯚﭖ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻚ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﭗ، ﻗﯩﺰﯨﻞ ﻛﺎﻟﻠﻪﻛﺒﻪﺳﻪﻳﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﯟﯦﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻣﺎﺩﺩﺍ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ. ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﺘﯩﻦ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻠﯩﻨﯩﺸﯩﭽﻪ، ﻗﯩﺰﯨﻞ ﻛﺎﻟﻠﻪﻛﺒﻪﺳﻪﻳﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﯟﯦﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻗﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺧﻮﻟﯩﺴﺘﯩﺮﻭﻟﻨﻰ ﻛﯚﭘﻪﻳﺘﯩﭗ، ﻳﯜﺭﻩﻙ ﯞﻩ ﺟﯩﮕﻪﺭﻧﯩﯔ ﺯﻩﺧﻤﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ.

12.ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ ﻳﺎﯕﻴﯘ

ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ ﻳﺎﯕﻴﯘﻧﯩﯔ ﺗﻪﻣﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﯘﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ ﻳﻪﻧﻪ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻜﻜﻪ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ. ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ ﻳﺎﯕﻴﯘﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﻩ ﺗﺎﻻ ﺑﯩﺮﯨﻜﻤﯩﺴﻰ، ﺋﺎﻗﺴﯩﻞ، ﻛﯚﭖ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﺍ ﯞﯨﺘﺎﻣﯩﻦ ﺱ، ﯞﯨﺘﺎﻣﯩﻦ ﺏ6، ﻛﺎﻟﯩﻲ ﯞﻩ ﻣﺎﻧﮕﺎﻥ ﺑﺎﺭ.

ﻳﯘﻗﺎﺭﻗﻰ 12 ﺧﯩﻞ ﻛﯚﻛﺘﺎﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﯩﺴﯩﻨﻰ ﮪﯧﺴﺎﺑﻘﺎ ﺋﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﺩﺍﺳﺘﯩﺨﯩﻨﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺗﯧﭙﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺧﯧﻠﻰ ﻛﯚﭖ. ﮪﺎﻳﺎﺗﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﭖ، ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﻳﻪﻳﻠﻰ، ﻳﯧﻴﯩﺸﺘﯩﻨﻼ ﮪﻮﺯﯗﺭﻟﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﯟﺍﻟﻤﺎﻱ، ﺳﺎﻏﻼﻡ ﻳﻪﭖ، ﺑﻪﺩﻩﻧﻨﻰ ﻛﯜﭼﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﭖ، ﮪﺎﻳﺎﺗﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﮪﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯩﺮﯨﺸﺎﻳﻠﻰ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر