تاماكا چېكىش ئادەت ئەمەس داۋالاش زۆرۈر بولغان كېسەللىك

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/07/11 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 ﺷﯩﻨﺨﯘﺍ ﺋﺎﮔﯧﻨﺘﻠﯩﻘﻰ ﭼﯧﯖﺪﯗ 10-ﺋﯩﻴﯘﻝ ﺗﯧﻠﯧﮕﺮﺍﻣﻤﯩﺴﻰ، ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻧﻮﭘﯘﺱ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺕ-ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﻣﯘﺩﯨﺮﻯ ﺷﻰ ﭼﻰ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯜﻥ ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﭼﯧﯖﺪﯗﺩﺍ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﭼﻪﻛﻠﻪﺵ ﯞﻩﺯﯨﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ، ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﺧﯘﻣﺎﺭﯨﻨﯩﯔ ﻣﯧﺪﯦﺘﺴﯩﻨﺎﺩﺍ ﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﭼﺎﻥ ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﺧﯘﻣﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺩﻩﭖ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ، ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﺧﯘﻣﺎﺭﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﮪﻪﻣﺪﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺷﻨﯩﯔ ﺯﯙﺭﯛﺭ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﺎﻣﻤﯩﺴﯩﻐﺎ ﻳﻪﻧﯩﻤﯘ ﻛﻪﯓ ﻛﯚﻟﻪﻣﺪﻩ ﺗﻪﺷﯟﯨﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻛﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﺘﻰ.

ﺳﯩﭽﯜﻩﻥ ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ﺳﻪﮪﯩﻴﻪ ﯞﻩ ﭘﯩﻼﻧﻠﯩﻖ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﺍ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ «ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭ ﺩﻭﺭﺍ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ» ﺗﯧﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﭘﺎﺭﺍﯞﺍﻧﻠﯩﻖ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﺵ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ، ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﻣﯘﺩﯨﺮ ﺷﻰ ﭼﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﭖ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﺩﻯ:

ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﺳﺘﺎﺗﯩﺴﺘﯩﻜﯩﻠﯩﻖ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭﺩﺍ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ، 2015-ﻳﯩﻠﻰ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﻗﯘﺭﺍﻣﯩﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﭼﯧﻜﯩﺶ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ 27.7 ﭘﯩﺮﺳﻪﻧﺘﻜﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ، ﺋﻪﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﭼﯧﻜﯩﺶ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ، 2015-ﻳﯩﻠﻰ 52 ﭘﯩﺮﺳﻪﻧﺘﻜﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ. ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﮪﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮﻯ ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﭼﯧﻜﯩﺪﯗ.

ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﺳﻪﮪﯩﻴﻪ ﯞﻩ ﭘﯩﻼﻧﻠﯩﻖ ﺗﯘﻏﯘﺕ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﯨﻠﯩﺸﯩﭽﻪ، 2015-ﻳﯩﻠﻰ ﺟﯘﯕﮕﻮﺩﯨﻜﻰ ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﭼﻪﻛﻜﯜﭼﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺳﺎﻧﻰ ﺋﯜﭺ ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺩﺗﯩﻦ ﺋﺎﺷﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ 7.4 ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺩ ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﭼﻪﻛﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﺗﺎﻣﺎﻛﯩﻨﯩﯔ ﯞﺍﺳﺘﯩﻠﯩﻚ ﺯﯨﻴﯩﻨﯩﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ. ﺟﯘﯕﮕﻮﺩﺍ ﮪﻪﺭ ﻳﯩﻠﻰ ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﭼﯧﻜﯩﺶ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﻚ ﺗﯜﮔﻪﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻴﻮﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺗﯘﺑﯧﺮﻛﯘﻟﻴﻮﺯ، ﺋﻪﻳﺪﯨﺰ ﯞﻩ ﺑﻪﺯﮔﻪﻙ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﺮﻯ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺳﺎﻧﯩﺪﯨﻨﻤﯘ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ. ﮪﺎﺯﯨﺮ ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﭼﻪﻛﻜﯜﭼﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﺮﯨﻤﻰ ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﭼﯧﻜﯩﺶ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﻚ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﭼﻪﻛﻜﯜﭼﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﭽﻪ ﺋﯚﻣﺮﻯ ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﭼﻪﻛﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯖﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺯ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩ 10 ﻳﯩﻞ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ.

ﺷﻰ ﭼﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﭽﻪ،  ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﭼﻪﻛﻠﻪﺷﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﭼﻮﯓ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺗﺎﻣﺎﻛﯩﻐﺎ ﺧﯘﻣﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﻨﻰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﮪﻪﯞﻩﺱ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻼﭖ، ﺗﺎﻣﺎﻛﯩﻐﺎ ﺳﻪﻝ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ، ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﺋﯩﺴﯩﺪﺍ ﺋﺎﺯ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩ 69 ﺧﯩﻞ ﺭﺍﻙ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﯘﭼﻰ ﻣﺎﺩﺩﺍ، 7000 ﺧﯩﻠﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺧﯩﻤﻴﯩﯟﻯ ﻣﺎﺩﺩﺍ، 500 ﺧﯩﻞ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﺯﻩﮪﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﺎﺩﺩﺍ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﭼﯧﻜﯩﺶ، ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﭼﻪﻛﻜﯜﭼﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺯﯨﻴﯩﻨﯩﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮﺍﺵ 30 ﺧﯩﻠﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﺋﯚﺳﻤﻪ، ﻳﻪﻧﻪ ﺳﻪﻛﺘﻪ، ﻗﺎﺭﯨﻐﯘ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﺶ، ﻛﯚﺯﮔﻪ ﺋﺎﻕ ﭼﯜﺷﯜﺵ، ﺋﺎﺭﺗﯧﺮﯨﻴﻪ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﺗﺎﺟﯩﺴﯩﻤﺎﻥ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ، ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﺋﯚﭘﻜﻪ ﻳﺎﻟﻠﯘﻏﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻪﻥ. ﻣﯧﺪﯦﺘﺴﯩﻨﺎﺩﺍ ﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﭼﺎﻥ ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﺧﯘﻣﺎﺭﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﯜﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﻳﺮﯨﺶ ﻛﻮﺩﻯ ICD10ﺩﺍ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺋﺎﻳﺮﯨﻤﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ.

ﺷﻰ ﭼﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻥ:«ﺗﺎﻣﺎﻛﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﯩﻜﻮﺗﯩﻦ ﺷﻮﺭﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﻮﯕﺎﻳﻼ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﻰ ﺷﯩﻠﯩﻤﺸﯩﻖ ﭘﻪﺭﺩﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜﭖ، ﺳﯜﻣﯜﺭﯛﻟﯜﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻗﺎﻧﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ، ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﻨﻰ ﻏﯩﺪﯨﻘﻼﭖ ﺩﻭﭘﺎﻣﯩﻦ ﻣﺎﺩﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﺟﺮﯨﺘﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ، ﻧﯧﺮﯞﯨﻨﻰ ﮪﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻼﻧﺪﯗﺭﯗﭖ، ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻖ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﭼﻪﻛﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﻳﯧﻨﯩﻜﻠﯩﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺗﯘﻳﻐﯘ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ، ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﭼﯧﻜﯩﺸﻨﯩﯔ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺯﯨﻴﯩﻨﻰ ﺋﯘ ﺑﻪﺧﺶ ﺋﻪﺗﻜﻪﻥ ﻛﯩﭽﯩﻜﻜﯩﻨﻪ ﺧﻮﺷﺎﻟﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﮪﻪﺳﺴﻪ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﻰ ﺧﺮﻭﺋﯩﻦ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺯﻩﮪﻪﺭﻟﯩﻚ ﭼﯧﻜﯩﻤﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﭘﻤﯘﺋﻮﺧﺸﺎﺵ».

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر