ئېلېكتىرونلۇق تاماكا سالامەتلىككە زىيانلىق

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/07/19 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلېكتىرونلۇق تاماكىنىڭ سالامەتلىككە كۆرسىتىدىغان تەسىرى كۆپ تەتقىق قىلىنماقتا. شىۋېتسىيەدىكى بىر تۈرلۈك تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئېلېكتىرونلۇق تاماكا ئاز مىقداردا چېكىلسىمۇ قان تومۇرغا زىيان يەتكۈزۈپ، كىشىلەرنىڭ يۈرەك كېسىلى ۋە شامالدارىش (سەكتە) كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن.

 تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، ئېلېكتىرونلۇق تاماكىدىكى نىكوتىن قان تومۇرنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدىكەن. ئېلېكتىرونلۇق تاماكا ئاساسلىقى باتارېيە، قىزىتىپ ھورلاندۇرۇش قۇرۇلمىسى ۋە تاماكا سۇيۇقلۇقى قاچىلانغان تاماكا نەيچىسىدىن تۈزۈلىدۇ، تاماكا سۇيۇقلۇقىدا بەلگىلىك مىقداردا نىكوتىن بولىدۇ. ئىشلەتكەن چاغدا توك بىلەن قىزىتىش ئارقىلىق تاماكا سۇيۇقلۇقى ھورلاندۇرۇلۇپ، ‹‹بۇلۇت يۇتۇپ تۈتەك چىقىرىش›› ئۈنۈمى پەيدا قىلىنىدۇ. ئېلېكتىرونلۇق تاماكا چېكىدىغانلار ھەر كۈنى ئېلېكتىرونلۇق تاماكىنى تەخمىنەن 250 قېتىمدىن 300 قېتىمغىچە شورايدۇ. تەتقىقاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، ئېلېكتىرونلۇق تاماكىنى كۈنىگە 10 قېتىمدىن 30 قېتىمغىچە شورىغان ھالەتتىمۇ سالامەتلىككە كۆرۈنەرلىك تەسىر كۆرسىتىدىكەن. يەنە بىر تەتقىقاتنىڭ دەسلەپكى نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئېلېكتىرونلۇق تاماكا كاناينى تارايتىپ، نەپەسلىنىشنى قىيىنلاشتۇرۇۋېتىدىكەن. نۆۋەتتە ئېلېكتىرونلۇق تاماكىنىڭ تاماكا تاشلاشقا ياردىمى بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان يېتەرلىك ئىسپات تېپىلمىدى، تاماكا چەككۈچىلەر پەقەت نىكوتىندىن تولۇق ئايرىلغاندىلا سالامەتلىكىنى ئاسراش مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ. 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر