كەچلىك تاماق يېمەسلىك راستتىنلا سالامەتلىككە پايدىلىقمۇ؟

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/07/20 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02
   ھازىر كىشىلەر ساغلام بولۇش كويىدا كەچلىك تاماق يېمەيدىغان بولۇپ كەتتى، ئۇنداقتا كەچلىك تاماق يېمىسە، ئادەم راستتىنلا ساغلام بولامدۇ؟ مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېيىشتى: «كەچلىك تاماق يېمەسلىك تەشەببۇسچىلىرىنىڭ قارىشىچە، كەچتە ئادەم كۆپ ھەرىكەت قىلمىغاچقا، كەچلىك تاماق بەدەندە ياغقا ئايلىنىپ، كۆپ خىل سوزۇلما كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدىكەن. گەرچە بۇ خىل قاراشنىڭ ئىلمىي ئاساسى بولسىمۇ، ئەمما شۇ سەۋەبتىن كەچلىك تاماق يېمەسلىك خاتا».
   مۇتەخەسسىسلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى: «ئەگەر كەچلىك تاماق ئۈچ ۋاق تاماق قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسە، ئۇنداقتا بەدەن ماغدۇرسىزلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، كەچلىك تاماق يېمىسە قاندىكى قەنت ماددىسى تۆۋەنلەپ، ئەزالارغا ئوزۇقلۇق يېتىشمەي، بەدەننىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى ئاجىزلايدۇ. ئەگەر چوقۇم كەچلىك تاماق يېمەسلىككە توغرا كەلسە، ناشتىدا چوقۇم گۆشلۈك تاماق ۋە ئۈچ خىل كۆكتات يېيىش؛ چۈشتە نورمال تاماق يېيىش، چۈشتىن كېيىن سائەت 5:00 تىن بۇرۇن مېۋە - چىۋە يەپ، قېتىق ئىچىش كېرەك».
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر