ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺷﺘﯩﻜﻰ 12 ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺧﺎﺗﺎ ﻗﺎﺭﺍﺵ

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/07/20 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﺍ، 70ﻛﻪ ﻳﯧﻘﯩﻨﻼﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺑﻮﯞﺍﻱ ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﮪﻮﺷﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﺗﯜﺭﺩﻩ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻥ. ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﻨﯩﯔ 170/90mmHgﻏﺎ ﻳﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ، ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻣﯧﯖﯩﮕﻪ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﻣﯘﺩﺩﻩﺗﻠﯩﻚ ﻗﺎﻥ ﻳﯧﺘﯩﺸﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﺩﻩﭖ ﺩﯨﻴﺎﮔﻨﻮﺯ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ. ﺑﯘ ﺑﻮﯞﺍﻳﻨﯩﯔ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻼﭖ ﻗﺎﻟﻐﯩﻨﯩﻐﺎ 2 ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻳﯧﺸﻰ ﭼﻮﯕﯩﻴﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﮪﻪﻣﺪﻩ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻤﯘ ﮪﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﺎﻻﻣﯩﺘﻰ ﻛﯚﺭﯛﻟﻤﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﻚ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻼﭖ ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﮕﻪ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻥ. ﺑﻪﺧﺘﻜﻪ ﻳﺎﺭﯨﺸﺎ، ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﺋﯩﺶ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﻚ ﺑﯘ ﺑﻮﯞﺍﻳﻨﯩﯔ ﮪﺎﻳﺎﺗﯩﻐﺎ ﺧﻪﯞﭖ ﻳﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻥ.

ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻳﺎﺷﻨﯩﯔ ﭼﻮﯕﯩﻴﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻼﭖ ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﻨﻰ ﻗﯧﺮﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺋﯩﺶ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ. ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﻳﺎﺷﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯧﺮﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﻐﺎ ﺩﯨﻴﺎﮔﻨﻮﺯ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﺋﯚﻟﭽﯩﻤﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﺋﯘﺩﺍ 140/90mmHgﺩﯨﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﻪﺳﺘﺎﻳﯩﺪﯨﻞ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﻪ، ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﺪﻩﻙ 12 ﺧﯩﻞ ﺧﺎﺗﺎ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟﻤﺎﻗﺘﺎ.

1. ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﺎﻻﻣﯩﺘﻰ ﻛﯚﺭﯛﻟﻤﯩﺴﻪ ﺩﻭﺭﺍ ﻳﯧﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

 ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﻨﻰ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭ ﺩﺍﯞﺍﻻﺗﻘﺎﻥ ﺑﯩﻤﺎﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﯩﺴﯩﺪﻩ ﻛﯚﺭﯛﻧﻪﺭﻟﯩﻚ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﺎﻻﻣﯩﺘﻰ ﻛﯚﺭﯛﻟﻤﻪﻳﺪﯗ. ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﺑﺎﺵ ﺋﺎﻏﺮﯨﺶ، ﺑﺎﺵ ﻗﯧﻴﯩﺶ، ﻗﯘﻻﻕ ﻏﻮﯕﯘﻟﺪﺍﺵ، ﺑﻮﻳﯘﻥ، ﺩﯛﻣﺒﻪ ﻣﯘﺳﻜﯘﻟﻠﯩﺮﻯ ﺗﯧﻠﯩﭗ ﺋﺎﻏﺮﯨﺶ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﻪﺭ ﻛﯚﺭﯛﻟﯩﺪﯗ. ﮔﻪﺭﭼﻪ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﺎﻻﻣﯩﺘﻰ ﻛﯚﺭﯛﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﯩﺴﻤﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻣﯘﺩﺩﻩﺕ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﮪﺎﻟﻪﺗﻨﻰ ﺳﺎﻗﻠﯩﺴﺎ ﻳﯜﺭﻩﻙ، ﻣﯧﯖﻪ، ﺑﯚﺭﻩﻙ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺭﻩﺋﯩﺲ ﺋﻪﺯﺍﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺩﻩﺧﻠﻰ ﻳﯧﺘﯩﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻰ ﺩﻩﭖ ﺩﯨﻴﺎﮔﻨﻮﺯ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﻤﺎﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﮪﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﺎﻛﺘﯩﭙﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﺍﯞﺍﻻﺷﻘﺎ ﻣﺎﺳﻠﯩﺸﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

 2. ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻰ ﻧﻮﺭﻣﺎﻟﻠﯩﺸﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﻭﺭﺍ ﻳﯧﻴﯩﺸﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺶ.

ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻰ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺳﻮﺯﯗﻟﻤﺎ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻳﯩﻠﺘﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﺩﺍﯞﺍﻻﭖ ﺳﺎﻗﺎﻳﺘﯩﺶ ﻗﯩﻴﯩﻦ، ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺑﯩﻤﺎﺭﻻﺭ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻣﯘﺩﺩﻩﺕ، ﮪﻪﺗﺘﺎ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﺩﻭﺭﺍ ﻳﯧﻴﯩﺸﻜﻪ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻼﺭﺩﯨﻦ ﺩﻭﺭﺍ ﻳﯧﻴﯩﺸﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﺎﺗﻘﺎﻧﺪﺍ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻼﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﯞﺭﯨﻨﯩﺸﻰ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻣﯘﺳﻜﯘﻝ ﺗﯩﻘﯩﻠﻤﯩﺴﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻪﮔﻪﺷﻤﻪ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﺭﯛﻟﯜﺵ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻠﯩﺘﯩﯟﯦﺘﯩﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﺘﯩﺶ ﺩﻭﺭﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺭﻭﻟﻰ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﺘﯩﺶ ﺑﻮﻟﯘﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﻧﻮﺭﻣﺎﻟﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚﭖ ﺋﻪﺯﺍﻻﺭﻧﯩﯔ ﺯﻩﺧﻤﯩﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ.

3. ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﺘﯩﺶ ﺩﻭﺭﯨﻠﯩﺮﻯ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ.

ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭﻧﻰ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ. ﺑﯩﺮﺍﻕ، ﺑﯘ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﺧﺎﺗﺎ. ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﺘﯩﺶ ﺩﻭﺭﯨﺴﻰ ﺧﯘﻣﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭﻏﺎ ﺗﻪﯞﻩ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﭼﻘﺎ، ﻛﯩﻠﯩﻨﯩﻜﯩﺪﺍ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺟﯩﺪﺩﯨﻴﻠﯩﻜﻰ، ﭼﺎﺭﭼﺎﺵ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺕ ﺟﯩﺪﺩﯨﻴﻠﯩﻜﻰ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﻚ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻐﯩﻤﯘ ﺩﻭﺭﺍ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ ﮪﻪﻣﺪﻩ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺩﻭﺭﯨﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺮﺍﻕ، ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻰ ﺩﻩﭖ ﺩﯨﻴﺎﮔﻨﻮﺯ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﻤﺎﺭﻻﺭ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻣﯘﺩﺩﻩﺕ ﺩﻭﺭﺍ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯩﺰﮔﯩﻨﻠﻪﭖ ﺗﯘﺭﯗﺷﻰ، ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻧﭽﻪ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺩﻭﺭﺍ ﻳﯧﻴﯩﺸﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﺎﺗﻘﺎﻧﺪﺍ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻰ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻼﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘﻻﺭ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺩﻭﺭﺍ ﻳﯧﻴﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﻨﻰ ﻛﻮﻧﺘﺮﻭﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﮪﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻛﺲ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﺧﻪﺗﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻛﺲ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﺎﻟﻐﯘﭼﯩﻠﯩﻜﻰ ﻳﻮﻕ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ.

4. ﺩﻩﺳﻠﯩﭙﯩﺪﻩ «ﺋﯜﻧﯜﻣﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ» ﻳﯧﻴﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.

ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﺘﯩﺶ ﺩﻭﺭﯨﺴﻰ ﻣﯩﻜﺮﻭﺑﻘﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﺩﻭﺭﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﭼﻘﺎ ﺩﻭﺭﯨﻐﺎ ﭼﯩﺪﺍﻣﭽﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﯞﺍﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﻪ، ﻛﯩﻠﯩﻨﯩﻜﯩﺪﺍ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ «ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭ» ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﻨﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻣﯘﺩﺩﻩﺕ، ﻳﻪﻧﻰ 24 ﺳﺎﺋﻪﺕ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﮪﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﺳﺎﻗﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ، ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻟﺪﯨﻨﻼ ﺋﯩﭽﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ. ﺋﯜﻧﯜﻣﻰ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﻣﯘﺩﺩﻩﺕ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﺘﯩﺶ ﺩﻭﺭﯨﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯜﻧﯜﻣﻰ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﻣﯘﺩﺩﻩﺕ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺪﯗ، ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻣﯘﺩﺩﻩﺕ ﻳﯧﮕﻪﻧﺪﻩ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﺪﺍ ﺗﻪﯞﺭﯨﻨﯩﺶ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺑﯩﻤﺎﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﺘﯩﺶ ﺩﻭﺭﯨﺴﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

5. ﻗﺎﻥ ﺑﯧﯩﺴﻤﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺗﯧﺰ ﺳﯜﺭﺋﻪﺗﺘﻪ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﮪﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﻼﺭﺩﺍ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻰ ﺋﺎﺳﺘﺎ-ﺋﺎﺳﺘﺎ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻼﻳﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺳﺘﺎ-ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ، ﺑﻪﻙ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﭖ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﻣﯧﯖﻪ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﮔﻪﻥ ﺳﯘﻳﯘﻗﻠﯘﻕ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﻰ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﺘﯩﺶ ﭘﯩﺮﯨﻨﺴﯩﭙﻰ ﺋﺎﺳﺘﺎ، ﺗﻪﯕﭙﯘﯓ، ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻣﯘﺩﺩﻩﺕ،ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ.

6. ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﺋﯚﻟﭽﻪﭖ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﻐﺎ ﮪﯚﻛﯜﻡ ﻗﯩﻠﯩﺶ.

ﻧﯘﻏﯘﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﭼﯩﻘﺴﺎ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻼﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩﻙ ﺗﯘﻳﻐﯘﻏﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﺋﯚﺯﻯ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﮔﻪﻧﺪﻩ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﺪﻩ ﺟﯩﺪﺩﯨﻴﻠﯩﺸﯩﺶ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﻚ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﮪﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ، ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﻐﺎ ﮪﯚﻛﯜﻡ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ﺋﺎﻣﺒﯘﻻﺗﻮﺭﯨﻴﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ 2-1 ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﻨﻰ ﺋﯧﻨﯩﻘﻼﺷﺘﯩﻜﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺋﯘﺳﯘﻝ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﻨﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩﻩ 3 ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﺗﯜﺵ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻰ 140/90mmHgﺩﯨﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﺩﻩﭖ ﺩﯨﻴﺎﮔﻨﻮﺯ ﻗﻮﻳﯘﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﻩ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﭖ ﺗﯘﺭﯗﺷﻤﯘ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺱ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺑﯩﺮﺍﻕ، ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺑﻪﻙ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﺴﻪ ﺟﯩﺪﺩﯨﻴﻠﯩﻚ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﺪﺍ ﻧﻮﺭﻣﺎﻟﺴﯩﺰﻟﯩﻖ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ.

7. ﺩﻭﺭﯨﻨﻰ ﻛﯚﭖ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﺵ.

ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﮕﻪ ﻣﺎﺱ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﻛﯚﯕﯜﻟﺪﯨﻜﯩﺪﻩﻙ ﺩﻭﺭﺍ ﺗﯧﭙﯩﺶ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻣﯘﺩﺩﻩﺕ ﻛﯚﺯﯨﺘﯩﺶ ﯞﻩ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﭖ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﺷﻘﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﻧﺎﯞﺍﺩﺍ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻰ ﻣﯘﻗﯩﻢ، ﺗﻪﯞﺭﯨﻨﯩﺶ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ، ﺩﻭﺭﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻛﺲ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﻛﯚﺭﯛﻧﻪﺭﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺋﺎﺷﯘ ﺧﯩﻞ ﺩﻭﺭﯨﻨﻰ ﻳﯧﻴﯩﺸﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

8. ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺋﯚﺯ ﺑﯧﺸﯩﻤﭽﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﻭﺭﺍ ﻳﯧﻴﯩﺶ.

ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻰ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻣﯘﺭﻩﻛﻜﻪﭖ ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻛﯩﻠﯩﻨﯩﻜﯩﺪﺍ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺗﯩﭙﻼﺭﻏﺎ ﺑﯚﻟﯜﻧﯩﺪﯗ. ﮪﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﺮﻯ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﭼﻘﺎ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺩﻭﺭﺍ ﻳﯧﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﺧﻪﺗﻪﺭ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﻯ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻤﯩﺴﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻣﯘﻧﺘﯩﺰﯨﻢ ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻨﯩﺸﻰ، ﺭﯦﺘﺴﯩﭙﻘﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺩﻭﺭﺍ ﻳﯧﻴﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

9. ﺳﺎﻗﻠﯩﻘﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﺵ ﺑﯘﻳﯘﻣﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﺘﻪﻟﻪﻳﺪﯗ.

ﻳﺎﺷﺎﻧﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﯩﺴﻰ ﺋﯧﻼﻥ-ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺗﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﯘﻻﭼﻪ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﭗ ﺳﺎﻗﻠﯩﻘﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﺵ ﺑﯘﻳﯘﻣﻠﯩﺮﯨﻨﯩﻤﯘ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﺘﻪﻟﻪﻳﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﻼﻧﻰ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭﻧﻰ ﻗﺎﺭﯨﻐﯘﻻﭼﻪ ﻳﻪﻳﺪﯗ. ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ، ﻛﯩﻠﯩﻨﯩﻜﯩﺪﺍ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻖ ﺑﯘﻳﯘﻣﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﺘﯩﺶ ﺭﻭﻟﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﻧﻤﯩﻐﺎﻥ، ﻗﺎﺭﯨﻐﯘﻻﭼﻪ ﺩﻭﺭﺍ ﻳﯧﻴﯩﺶ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﻣﯘﺩﺩﯨﺘﯩﻨﻰ ﺋﯘﺯﺍﺭﺗﯩﯟﯦﺘﯩﺪﯗ، ﺧﺎﻻﺱ.

10. ﺋﺎﺳﻤﺎ ﺋﻮﻛﯘﻝ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ.

ﺧﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻢ، ﻣﯧﯖﻪ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﯞﯦﻨﺎ ﺗﻮﻣﯘﺭﯨﻐﺎ ﺋﺎﺳﻤﺎ ﺋﻮﻛﯘﻝ ﺋﯘﺭﯗﻟﯘﺷﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﺑﯩﻤﺎﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻣﯘﺩﺩﻩﺕ ﺩﻭﺭﺍ ﻳﯧﻴﯩﺸﻨﻰ ﺗﺎﻟﻠﯩﺴﺎ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺋﺎﺳﻤﺎ ﺋﻮﻛﯘﻝ ﺳﺎﻟﺪﯗﺭﯗﺷﻨﯩﯔ ﮪﺎﺟﯩﺘﻰ ﻳﻮﻕ.

11. ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻰ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻰ ﺑﻪﺩﻩﻧﻨﯩﯔ ﮪﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﮪﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﮔﯜﭺ ﻛﯜﭺ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﻧﺒﻪ. ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻰ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﻣﯘﺩﺩﻩﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺗﯧﺰ ﺳﯜﺭﺋﻪﺗﺘﻪ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﻪﭖ، ﻛﻮﻧﺘﺮﻭﻝ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﭼﻪﻛﺘﯩﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﺴﻪ ﺭﻩﺋﯩﺲ ﺋﻪﺯﺍﻻﺭﻏﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﺎﻧﻨﻰ ﺋﺎﺯﻟﯩﺘﯩﯟﯦﺘﯩﭗ ﻣﯧﯖﻪ ﻗﺎﻥ ﺗﻮﻣﯘﺭ ﺗﻮﺳﯘﻟﯘﺵ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.

12. ﻗﻪﺭﻩﻟﻠﯩﻚ ﮪﺎﻟﺪﺍ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﺗﯜﭖ ﺗﯘﺭﯗﺷﻨﯩﯔ ﮪﺎﺟﯩﺘﻰ ﻳﻮﻕ.

ﺩﻭﺭﺍ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺯﮔﯩﻞ ﺩﺍﯞﺍﻻﻧﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﻗﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻰ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻗﻪﺭﻩﻟﻠﯩﻚ ﮪﺎﻟﺪﺍ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﺗﯜﺵ، ﺩﻭﺭﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻛﺲ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﺵ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻳﯜﺭﻩﻙ، ﻣﯧﯖﻪ، ﺑﯚﺭﻩﻙ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺭﻩﺋﯩﺲ ﺋﻪﺯﺍﻻﺭﻏﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ، ﺩﻭﺭﺍ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ، ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر