تاۋۇز شاپىقىنىڭ رولى....

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/07/25 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 تاۋۇز شاپىقىنىڭ ئىسسىقنى ياندۇرۇپ زەھەرنى قايتۇرۇش، سۈيدۈكنى ھەيدەپ ئىششىقنى ياندۇرۇش رولى بار، ئادەتتە ئېغىز قۇرۇش، ئۇسساش، كېكىردەك ئىششىپ ئاغرىش، سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىش ۋە كۆيۈك يارىسىغا دورا قىلىنىدۇ. تاۋۇز شاپىقىدا ۋىتامىن C، نىكۇتىن كىسلاتاسى، كالتسىي، فوسفور، تۆمۈر ۋە كۆپ خىل ئورگانىك كىسلاتا بار، سۇلۇق ئىششىق، بۆرەك ياللۇغى، كۆيۈك يارىسى ۋە ئىششىققا شىپا بولىدۇ.

 
   ▲ تاۋۇز شاپىقى بىلەن ئۇچقاتنى قاينىتىپ ئىچسە، كېكىردەك ئاغرىقىغا پايدا قىلىدۇ. ھاۋا ئىسسىق كۈنلىرى زىيادە ئىسسىق سەۋەبىدىن كېكىردەك ئىششىپ ئاغرىش، ئىچى تىتىلداپ، كۆپ ئۇسساش، كىچىك تەرەت ئازىيىش، چىراي تاتىرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، بۇ چاغدا 200 گىرام يېڭى تاۋۇز شاپىقىنى توغراپ، توققۇز گىرام ئۇچقات بىلەن كۈچلۈك ئوتتا 30 مىنۇت قايناتقاندىن كېيىن، سۈيىنى سوۋۇتۇپ ئىچىپ بەرسە بولىدۇ.
 
   ▲ تاۋۇز شاپىقى بىلەن قىزىل پۇرچاق سۈيى پۇت ئىششىقىغا داۋا بولىدۇ. يازدا ياشانغانلارنىڭ پۇتى ئىششىپ قالىدۇ، بۇ چاغدا 100 گىرام يېڭى تاۋۇز شاپىقى بىلەن 50 گىرام قىزىل پۇرچاقنى تاكى قىزىل پۇرچاق پىشقىچە قاينىتىپ، كۈندە ئىككى قېتىم يەپ بەرسە ئىششىق يانىدۇ، چۈنكى تاۋۇز شاپىقى بىلەن قىزىل پۇرچاق سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇپ ئىششىقنى ياندۇرىدۇ.
 
   ▲ تاۋۇز شاپىقى سالىتى ئىسسىق ئۆتۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئىسسىق ئۆتۈپ قالغاندا باش قېيىش، يۈرەك سېلىش، دەم سىقىلىش، ئۇسساش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، ئېغىر بولغاندا ئادەم ھوشسىزلىنىدۇ. بۇنداق چاغدا تاۋۇز شاپىقىنى ئۇششاق ياكى قەلەمچە قىلىپ توغراپ، پىياز، تۇز، كۈنجۈت يېغى، زەيتۇن يېغىنى قوشۇپ يەپ بەرسە، بەدەندىكى ئىسسىق ھەيدىلىدۇ، خىلىتلار تەڭشىلىپ، ئىسسىق ئۆتۈشنىڭ تەسىرى يوقىلىدۇ.
 
     ▲ تاۋۇز شاپىقى شەربىتى ئاپتاپ دېغى چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. يازدا ئۇلترا بىنەپشە نۇر كۈچلۈك بولغاچقا، تېرە ئاسانلا كۆيۈپ قىزىل داغ، ئاپتاپ دېغى پەيدا بولىدۇ، بۇنداق چاغدا  150 گىرام تاۋۇز شاپىقىنى سىقىپ شەربەت چىقىرىپ ئىچىپ بەرسە، ئاپتاپ دېغى چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر