ئۆپكە راكىنىڭ بېشارەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/07/25 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 ئۆپكە راكىنىڭ دەسلەپكى بېشارەتلىرى

   يۆتىلىش: ناۋادا ئۆسمە كانايچىگە چىققان بولسا، ئۇنداقتا ئادەمدە غىدىقلىنىش مەنبەلىك يۆتەل پەيدا بولىدۇ.
 
   تۆۋەن قىزىتما: ئۆسمە كانايچىنى توسۇۋالغاندىن كېيىن، كۆپ ھاللاردا توسۇلۇش خاراكتېرلىك ئۆپكە ياللۇغى پەيدا بولىدۇ، بىراق دەرىجىسى ئوخشاش بولمايدۇ، يېنىكرەكلىرىدە تۆۋەن قىزىتما، ئېغىرلىرىدا يۇقىرى قىزىتما پەيدا بولىدۇ.
 
   كۆكرەك كۆپۈپ ئاغرىيدۇ: ھەسلەپكى باسقۇچتىكى ئۆپكە راكى كۆكرەكنى يېنىك ئاغرىتىدۇ، ئاساسلىق ئىپادىسى دىمىغداپ ئاغرىش ياكى باشقىچە ئاغرىش بولىدۇ، ئەمما ئورنى بىردەك بولمايدۇ. ناۋادا كۆپۈپ ئاغرىش ئالامىتى كۈچلۈك بولسا، راك كېسىلى كۆكرەك پەردىسىگە كېڭەيگەن بولىدۇ.
 
    قان تۈكۈرۈش: ئۆسمە قىلدام تومۇرلارنى يېرىۋەتكەندە ئاز بولسىمۇ قانايدۇ، قان كۆپ ھاللاردا بەلغەمگە قوشۇلۇپ چىقىدۇ، شۇڭا كۆپ ساندىكى ئۆپكە راكى ئاغرىقى قان تۆكۈرگەنلىكى بىلەن بايقالغان.
 
   نەپەس يېتىشمەيدۇ: نەپەس يېتىشمەسلىك راك ئاغرىقلىرىدىكى ئاساسلىق ئالامەتلەرنىڭ بىرى، نۇرغۇن ئادەمنىڭ نەزىرىدە نەپەس يېتىشمەي ھاسىراش ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ پەيدا بولىدىغان تەبىئىي ئىنكاس، بىراق ئۇنىڭ باشقا چوڭ كېسەللەرنىڭ بېشارىتى بولۇپ قالىدىغانلىقىغا ئىشەنمەي بولمايدۇ، ناۋادا بۇنىڭغا ئەگىشىپ، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئالامەتلەر كۆرۈلسە، ئۇنداقتا بۇ ئۆپكە راكىنىڭ بېشارىتى بولۇپ قالىدۇ.
 
قانداق قىلغاندا ئۆپكەك راكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟
    تاماكىنى ئاز چېكىش ياكى تاشلاش: تاماكا چەككىنىگە ئۇزاق بولغانلارنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرى چەكمەيدىغانلارنىڭكىدىن 20 ھەسسىدىن 40 ھەسسىگىچە كۈچلۈك بولىدۇ، تاماكا چېكىش ئادەمنى يەنە يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار قىلىدۇ ياكى يۈرەك كېسىلىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، ئۆپكە كانايچە ياللۇغى ۋە ئۆپكە گازلىق ئىششىقىغا گىرىپتار قىلىدۇ.
 
    ئاشخانا ئۆيدىكى بۇسنى ئازايتىش: ئۆيدىكى ئالدىنى ئالىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىش ئاشخانا ئۆيدىكى بۇسنى ئازايتىش بولىدىغانلىقىدا گەپ يوق، بۇستا راك پەيدا قىلغۇچى ماددا ئىنتايىن كۆپ، بۇ ماددىلار بەدەندىكى ھۈجەيرىنىڭ بويالغۇچى تەنچىسىگە زىيان سالىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن دائىم دېگۈدەك ئۇچرىشىش ئۆپكى توقۇلمىلىرىدا راك كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ.
 
    ساغلام تاماقلىنىش: تەركىبىدە كاروتىن، ۋىتامىن C، ۋىتامىن E، يوپۇرماق كىسلاتاسى ۋە سىنك مول يېمەكلىكلەرنى كۆپ يەپ بەرسە، ئۆپكە راكى پەيدا بولۇش خەتىرى ئاجىزلايدۇ.  
 
   مۇۋاپىق چېنىقىش: چېنىقىش بەدەننىڭ ماددا ئالمىشىشىنى تېزلىتىدۇ، شۇنداقلا ئادەمدا ئىنتايىن ياخشى جىسمانىي ۋە روھىي ھالەتنىڭ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ، شۇڭا مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەيدۇ: ھەپتىدە ئاز بولغاندىمۇ ئۈچ قېتىم چېنىقىش، چېنىقىش ۋاقتى 20 مىنۇتتىن كەم بولماسلىق كېرەك، ئادەم ئۆزى يېنىك تەرلىگەنلىكىنى ھېس قىلسىلا بولدى.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر