تۇرمۇش ساۋاتلىرى

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/08/04 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa015 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 

 

ئىككىقات مەزگىلدە يانفوننى كۆپ ئىشلەتسە، بالىسىنىڭ مىجەزى چۇس بولۇپ قالىدۇ

بىر تۈرلۈك  تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، ئەگەر ئىككىقات مەزگىلدە ھەر كۈنى  يانفون بىلەن سۆزلەشكەن ۋاقىت يىغىندىسى بىر سائەتتىن ئېشىپ كەتسە، بالا 5 -7 ياشقا كىرگەندە جىم تۇرالماسلىق، مىجەزى چۇس(ئاچچىغى يامان) بولۇپ قېلىش نىسبىتى %28 ئاشىدىكەن. ئامېرىكا كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئالىملارنىڭ قارىشىچە، بۇ يانفون تارقاتقان ئېلېكتىر ماگنىت رادىياتسىيەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.
 
تەلەپچان ياشانغانلارنىڭ تېنى ساغلام، خۇشئاۋاز بولىدۇ
ئەنگلىيە لوندۇن ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ئامېرىكا كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ئالىملىرىنىڭ تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويىدىغان ياشانغانلارنىڭ قېنىدىكى خولېستېرىن ۋە C رېئاكسىيە ئاقسىل(ياللۇغلىنىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئاقسىل) سەۋىيەسى تۆۋەن، بەل ئايلانمىسى كىچىك، ماددا ئالمىشىش خاراكتېرلىك كېسەل ۋە يۈرەك قان تومۇر كېسىلى بولۇش نىسبىتى تۆۋەن، ئىجتىمائىي ئالاقە جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ ئارتۇقچىلىققا ئىگە بولىدىكەن.
 
كۈندە بىر سائەت يۈگۈرسە، ئۆمۈر 7 سائەت ئۇزىرايدۇ
ئامېرىكا ئىئوۋا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، يۈگۈرۈشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرسا، ئۆمۈرنى ئۇزارتىدىكەن. ئەگەر، ھەر ھەپتىدە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 2 سائەتتىن يۈگۈردى، دەپ ھېسابلىسا، 40 يىلدا يۈگۈرۈشكە سەرپ قىلىنغان ۋاقىت 6 ئايغا يەتمەيدۇ، ئەمما ئۆمۈرنى بەلكىم 3.2 يىل ئۇزارتىشى مۇمكىن. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، يۈگۈرگەن يىغىندا ۋاقىت بىر سائەت بولسا، ئۆمۈرنى تەخمىنەن 7 سائەت ئۇزارتىدۇ، دېگەن گەپ.
 
ئۆي ئىچى تېمپېراتۇرىسىنى ئۆزگەرتىپ تۇرۇش زىيابىتۇس كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ
گوللاندىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە، ئۆي ئىچى تېمپېراتۇرىسىنى دائىم ئەڭ مۇۋاپىق تېمپېراتۇرىدىن سەل تۆۋەنرەككە تەڭشەپ ھەمدە بىر مەزگىلدىن كېيىن يەنە ئەسلى ھالىتىگە تەڭشىسە، بەدەننىڭ ماددا ئالمىشىشى تېزلىشىپ، ئىنسۇلىننىڭ سەزگۈرلۈك دەرىجىسىنى ياخشىلاپ، زىيابىتۇس(دىيابېت) كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ياكى داۋالاشقا ياردىمى بولىدىكەن.
 
 
ھەر كۈنى ئازراق بۆلجۈرگەن يېسە، سۈت بېزى راكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ
ھەر كۈنى 500g بۆلجۈرگەن(10 - 15 تال) يېسە، قاندىكى خولېستېرىن سەۋىيەسىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىدۇ ھەمدە ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ۋە ياللۇغنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينايدۇ. ئىتالىيە ماركاي تەبىئىي پەنلەر ۋە سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يېقىنقى بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۆلجۈرگەن يەنە سۈت بېزى راكى ھۈجەيرىسىنىڭ  ئۆسۈشىنى  تىزگىنلىيەلەيدىكەن.       

 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر