يېڭى ئېلان قىلىنغان ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ئۇسۇللىرى

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/08/07 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 نۇرغۇن دۆلەتنىڭ تەتقىقات ئاپپاراتلىرى يېقىندا بىرلىشىپ تاماملىغان ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ئۇسۇللىرىنى رەتكە تىزىش نەتىجىسى يېقىندا ئېلان قىلىندى، ئۇلارنى بىلىپ قويۇشنىڭ قىلچە زىيىنى يوق، ئەلۋەتتە

 
    ناخشا ئېيتىش    
 
ئامېرىكا ياشانغانلار تەتقىقات مەركىزى قايتا - قايتا تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئوپېرا ناخشىچىلىرىنىڭ يۈرەك ئىقتىدارى ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭكىدىن جانلىق بولىدىغانلىقىنى بايقىدى ۋە مۇنداق يەكۈن چىقاردى: ناخشا ئېيتىپ تۇرۇش ئادەمنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتىدىغان ئۈنۈملۈك ئۇسۇل.   
 
ئاستا يۈگۈرۈش
 
ئامېرىكىدىكى «نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ يېقىندىكى بىر خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكا مىقياسىدا ئېلىپ بېرىلغان نۇسخا ئېلىپ تەكشۈرۈشنىڭ نەتىجىسىگە قارىغاندا، كۈندە يۈگۈرەيدىغان ئادەمنىڭ يۈگۈرۈش ئادىتى يوقلارغا قارىغاندا، ئۆمرى ئۈچ يىل ئۇزۇن بولىدىكەن، يەنە كېلىپ كۈندە بەش مىنۇت ئاستا يۈگۈرۈپ بەرسىمۇ، ساغلام بولۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدىكەن. 
 
ئۇزاق ئولتۇرماسلىق
 
ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇزاق ئولتۇرۇشنىڭ زىيىنىنى تەسۋىرلەپ بولغىلى بولمايدىكەن. «ئەنگلىيە تېبابەت ژۇرنىلى» غا بېسىلغان بىر تەتقىقات دوكلاتىغا قارىغاندا، كۈندە ئۈچ سائەتتىن ئۇزاق ئولتۇرۇش ئادەمنىڭ ئۆمرىنى ئىككى يىل قىسقارتىدىكەن.
 
 زەنجىۋىل يېيىش
 
تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن ئايانكى، زەنجىۋىل سېرىقىدا كۆپ خىل كېسەلگە تاقابىل تۇرالايدىغان بىر خىل ئىنتايىن كۈچلۈك ئوكسىدلىنىشقا قارشى ماددا بار ئىكەن، شۇڭا پات - پات زەنجىۋىل يەپ تۇرغاننىڭ پايدىسى بار ئىكەن. 
 
بەدەن قوبۇل قىلىدىغان ئىسسىقلىقنى ئازايتىش    
 
شىۋېتسىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر يېقىندا مۇنداق بايقاشقا ئېرىشتى: ئادەم بەدەن قوبۇل قىلىدىغان ئىسسىقلىقنى ئازايتسا، قېرىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىشقا پايدىسى بولۇپلا قالماستىن، دىيابېت، راك كېسەللىرىنىڭ قوزغىلىش خەتىرىنىمۇ كۆرۈنەرلىك ئاجىزلاتقىلى بولىدىكەن. 
 
يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلارنى يېيىش   
 
بىر خەلقئارالىق مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى يېقىندا تاماملىغان تەتقىقاتنىڭ نەتىجىسى يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلاردا كاروتىن بىلەن كىسانتوفىل ئىنتايىن  مول ئىكەن، شۇڭا ياشانغانلار يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلارنى كۆپ يەپ بەرسە، سۆڭەك شالاڭلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالالايدىكەن، بۇ ئەلۋەتتە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە پايدىلىق ئىكەن.
 
 قۇچاقلىشىش   
 
ئامېرىكىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى يېقىندا بىردەك مۇنداق خەۋەر بەردى: يېقىن - يورۇقلىرىڭىز بىلەن قۇچاقلىشىپ تۇرۇڭ، چۈنكى مۇتەخەسسىسلەر تەتقىق قىلغاندىن كېيىن مۇنداق يەكۈن چىقاردى: قۇچاقلىشىش قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىدۇ، يۈرەككە نەپ يەتكۈزىدۇ. 
 
گۈلكەرەم
 
ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىسلەر يېقىندا ئېرىشكەن تەتقىقات نەتىجىسىدە مۇنداق مەزمۇن بار: گۈلكەرەمنىڭ راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئۆپكىدىكى زىيانلىق باكتېرىيەلەرنى يوقىتىدۇ، ئۆپكە ساغلام بولسا ياشانغانلارنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغانلىقىدا شەك يوق. 
 
ئۇيقۇ سۈپىتى  
 
ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىسلەر يېقىندا تاماملىغان تەتقىقاتتىن مۇنداق نەتىجە چىقتى: ناۋادا ياشانغانلارنىڭ ئۇيقۇ سۈپىتى ياخشى بولمىسا، ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرى كۈچىيىپ كېتىدۇ، شۇڭا ياشانغانلار ئامال بار بالدۇر يېتىپ، بالدۇر تۇرۇش پىرىنسىپىنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئۇيقۇ سۈپىتىنى ياخشىلىشى كېرەك.
 
 خۇشاللىق   
 
ئەنگلىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر يېقىندا مۇنداق بايقاشقا ئېرىشتى: 70 مىڭ ئادەمنىڭ ساغلاملىق ئارخىپىنى ئانالىز قىلغاندىن كېيىن، يېنىك دەرىجىدىكى غەمكىنلىك كېسىلى بارلارنىڭ يۈرەك كېسىلى ۋە سەكتە بىلەن ئۆلۈپ كېتىش خەتىرى ساغلام ئادەملەرنىڭكىدىن %29 يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى بىلدۇق. دېمەك، ياشانغانلار پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن، دوستلىرىنى كۆپەيتىپ كۈنلىرىنى خۇشال ئۆتكۈزگىنى ياخشى.  
 
تاتلىق يېمەكلىكلەردىن يىراق تۇرۇش   
 
دۇنياغا داڭلىق تېببىي ژۇرنال «ئىچكى كېسەللىكلەر» دە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: تاتلىق يېمەكلىكلەردىن بەدەنگە قوبۇل قىلىنىدىغان قەنت ماددىسىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئادەملەرنىڭ يۈرەك ياكى قان تومۇر كېسەللىكلىرى بىلەن ئۆلۈپ كېتىش خەتىرى ھەسسىلىنىپ كۈچىيىدىكەن.  
 
تىنچ مۇھىت  
 
خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى يېقىندا مۇنداق بىر تەتقىقات نەتىجىسىگە ئېرىشتى: ئادەم قاتتىق ئاچچىقلانغاندىن كېيىنكى ئىككى سائەتتە كىشىلەردە يۈرەك كېسىلى قوزغىلىش خەتىرى بەش ھەسسە كۈچىيىپ كېتىدىكەن. سەكتىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرىمۇ ئۈچ ھەسسە كۈچىيىدىكەن.  
 
 چاي ئىچىش     
 
ماسساچۇستېس تەبىئىي پەنلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى يېقىندا مۇنداق ئەھۋالنى بايقىدى: دائىم چاي ئىچىش ئادەملەرنىڭ تاجسىمان يۈرەك كېسىلى ۋە سەكتىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرىنى ئاجىزلىتىپ، قېرىش سۈرئىتىنى زىيادە ئاستىلىتىدىكەن.   
 
 ئالما يېيىش  
 
بىزنىڭ «كۈندە بىر ئالما يېسەڭ ناۋادا، كېسەل سېنى تاپالمايدۇ ھەرقانداق چاغدا» دېگەن بېيىتنى بىلگىنىمىزگە ئۇزاق بولدى، ئاتىلارنىڭ بۇ ھېكمىتىگە مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق باھا بەردى: بۇ سۆزنىڭ ھېچقانداق خاتا يېرى يوق.    تېلېۋىزورنى ئاز كۆرۈش   ئاۋسترالىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر يېقىندا مۇنداق بىر بايقاشنى ئېلان قىلدى: كۈندە تېلېۋىزور كۆرۈش ۋاقتى بىر سائەت ئۇزارسا، ئادەملەردە يۈرەك ۋە قان تومۇر كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرى %18 كۈچىيىدىكەن.  
 
ئۇسسۇل ئويناش
 
ئەنگلىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر ئۇزاق يىل تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندىن كېيىن مۇنداق يەكۈن چىقاردى: ئۇسسۇل ئويناشنىڭ قان ئايلىنىشنى تېزلىتىپ، ياشانغانلارنىڭ مېڭىسىگە بارىدىغان قاننى كۆپەيتىش ئارقىلىق، ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقىدا گەپ يوق.  سامساق يېيىش   جۇڭگو جېجياڭ دورا تەتقىقات ئورنى ئېرىشكەن تەتقىقات نەتىجىسىگە قارىغاندا، سامساقتىكى ئاكتىپ تەركىبلەر ئارتېرىيە تومۇرى بوتقىسىمان قېتىشىشى ۋە تاجسىمان تومۇر توسۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق، قان نۆكچىسى پەيدا بولۇش ئېھتىماللىقىنى تۆۋەنلىتىدۇ، قاندىكى قەنت ماددىسىنى تەڭشەپ راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
 
 شاكاللىق مېۋىلەرنى يېيىش  
 
ئاۋسترالىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېيىشتى: كۈندە ئازراق شاكاللىق مېۋە يەپ بەرسە، يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرى %29 ئاجىزلايدۇ، راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى %11 تۆۋەنلەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن بالدۇر ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك چۈشىدۇ.  
 
 چىشنى ئاسراش  
 
شىۋېتسىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق ئەھۋالنى بايقىدى: چىش مىلىكى ياللۇغىنىڭ ئارتېرىيە قېتىشىشنى پەيدا قىلىدىغانلىقى ئاللىقاچان ئىسپاتلانغان ھەقىقەت، ناۋادا ئادەملەر چىشىنى ئاسراشقا سەل قارىسا، ئۇلاردا يۈرەك ۋە قان تومۇر كېسىلى تۇيۇقسىزلا پەيدا بولىدىكەن.
 
 قاقاقلاپ كۈلۈش 
 
 ياپونىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر بىر نەچچە يىل مەملىكەت مىقياسىدا ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەندىن كېيىن مۇنداق دېيىشتى: قاقاقلاپ كۈلۈش قان بېسىمنى چۈشۈرۈشتە بەكرەك كارغا كېلىدۇ، شۇڭا ياشانغانلار چىن يۈرىكىدىن چىقىرىپ قاقاقلاپ كۈلىدىغان ئىشلار بىلەن كۆپرەك مەشغۇل بولغىنى ياخشى.   
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر