قەھۋە ئىچىشنىڭ ئورۇقلاشقا پايدىسى بارمۇ؟

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/08/19 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 ياپونىيە توكيو مېيكوكاي تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى سۇزۇكى ماساتونىڭ يېتەكچىلىكىدە قەھۋە بىلەن ئورۇقلاشنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە بىر تۈرلۈك تەتقىقات ئىشلەندى. تەتقىقاتچىلار تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغۇچىلارنى ئۈچ گۇرۇپپىغا بۆلۈپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا بىرىنچى گۇرۇپپىغا قايناقسۇ ئىچكۈزگەندىن كېيىن ھەرىكەت قىلدۇرغان، ئىككىنچى گۇرۇپپىغا قەھۋە ئىچكۈزگەندىن كېيىن ھەرىكەت قىلدۇرغان، ئۈچىنچى گۇرۇپپىغا قەھۋە ئىچكۈزگەندىن كېيىن تىنچ تۇرغۇزغان. قوللىنىلغان ھەرىكەت شەكلى بولسا، بىر ئىستاكان قايناقسۇ ياكى بىر ئىستاكان قەھۋە ئىچىپ بىر سائەتتىن كېيىن يېرىم سائەت توختىماي يۈگۈرۈش مەشقى بولغان. تەتقىقات نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قەھۋە ئىچىپ بىر سائەتتىن كېيىن ئادەمنىڭ سىمپاتىك نېرۋىسى قوزغىلىش ھالىتىدە تۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، قاندىكى ياغلار ئەركىن ياغ كىسلاتالىرىغا ئايلىنىپ ئېنېرگىيە بىلەن ئاسان تەمىنلەيدىغان ھالەتتە تۇرىدىكەن ھەم قويۇقلۇقى ئاشىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، ياغ كۆيۈش ھالىتىمۇ ئىزچىل بەش سائەت داۋاملىشىدىكەن. يەنى، قەھۋە ئىچكەندىن كېيىن ھەرىكەت قىلمىغان ھالەتتىمۇ ئېنېرگىيە مېتابولىزمى كۈچىيىدىكەن. ئەگەر، قەھۋە ئىچكەندىن كېيىن ھەرىكەت قىلسا، ئېنېرگىيە مېتابولىزمىنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدىكەن ھەم داۋاملىشىش ۋاقتىمۇ ئۇزۇن بولىدىكەن.

قەھۋە ياغنى كۆيدۈرۈشكە ياردەم بېرىدۇ، ئۇنداقتا پەقەت قەھۋە ئىچىشكە تايىنىپلا ياغنى كۆيدۈرۈشكە بولامدۇ؟ تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، ياغ قەھۋەدىكى كوففېئىننىڭ تەسىرىدە ئەركىن ياغ كىسلاتاسىغا ئايلىنىدىكەن، ئەگەر بۇ چاغدا ئەركىن ياغ كىسلاتالىرىدىن ياخشى پايدىلانمىسا، تولىمۇ ئىسراپچىلىق بولىدىكەن. تەكىتلەشكە تېگىشلىكى شۇكى، ياغلار كوففېئىننىڭ تەسىرىدە ئەركىن ياغ كىسلاتاسىغا ئايلانغان ھالەتتىمۇ، ئەگەر ھەرىكەت ئارقىلىق بۇ ئەركىن ياغ كىسلاتالىرىنى سەرپ قىلىۋەتمىسە، ئۇزۇن ئۆتمەيلا يەنە ئەسلىدىكى نېيترال ياغقا ئايلىنىپ كېتىدىكەن. مۇنداقچە ئېيتقاندا، قەھۋە ئىچىپ ھەرىكەت قىلمىسا، ياغنى كۆيدۈرۈپ ئورۇقلاش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولمايدۇ.

قانداق چاغدا قەھۋە ئىچسە ئورۇقلىتىش ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بولىدۇ؟ تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، قەھۋە ئىچىپ يېرىم سائەتتىن كېيىن كوففېئىن قانغا كىرىشكە باشلايدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سىمپاتىك نېرۋىنى غىدىقلاپ جانلىنىش ھالىتىدە ساقلايدىكەن، بۇنداق ھالەت بەش سائەت داۋاملىشىدىكەن، بۇ چاغدا ئادەم تېنىدىكى ياغلار ئاسان كۆيىدىغان ھالەتتە تۇرىدىكەن. شۇڭا، كۈندىلىك تۇرمۇشتا مۇۋاپىق ۋاقىتنى تاللاپ يېرىم سائەت ئەتراپىدا ئوكسىگېنلىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانسىلا بولىدىكەن. ھەرىكەت جىددىي بولمىسىمۇ، پەقەت قىياپەت توغرا بولسىلا، يول ماڭسىمۇ ياغنى كۆيدۈرۈشكە ياردىمى بولىدىكەن. ئەمما، بۇنىڭدا ئالدى بىلەن قەتئىي داۋاملاشتۇرالايدىغان ھەرىكەت شەكلىنى تاللاش كېرەك.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر