چاچ چۈشۈشنىڭ سەۋەبلىرى

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/08/25 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 بەك ئورۇقلاش

بەدەن ئېغىرلىقى بىراقلا بەك تۆۋەنلەپ كەتسە، ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددا كەملىك كۆرۈلۈپ، چاچ شالاڭلىشىدۇ. يېڭى مېۋە، كۆكتاتلارنى كۆپرەك يەپ، چېنىقىشنى داۋاملاشتۇرسا، چاچ قايتا ئۆسۈپ چىقىدۇ.

چاچ پاسونىنى كۆپ ئۆزگەرتىش

دائىم چاچ بۈدرە قىلىش، بوياش، ئۆرۈش قاتارلىق فىزىكىلىق ئۇزارتىش، يۇقىرى ئىسسىقلىق ياكى خىمىيەلىك ماددىلارنىڭ تەسىرىدە چاچ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ، بۇ سەۋەبتىن چاچ چۈشسە، ئەسلىگە كەلمەيدۇ. شۇڭا، مۇتەخەسسىسلەر چاچ بۈدرە قىلىش قېتىم سانىنى ئازايتىش، ھەر قېتىم چاچ يۇغاندىن كېيىن چاچ ئاسراش مەلھىمى ئىشلىتىش، چاچنى تەبىئىي، قۇرغاق تۇتۇش، توكلۇق چاچ قۇرۇتقۇچنى ئىمكانقەدەر ھەپتىدە بىر قېتىمدىن ئارتۇق ئىشلەتمەسلىك تەكلىپىنى بېرىدۇ.

ۋىتامىن A ئېشىپ كېتىش

ئامېرىكا تېرە كېسەللىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ۋىتامىن A تولۇقلاش دورىسى ياكى دورىلارنى بەك كۆپ ئىستېمال قىلسا، چاچ چۈشۈپ كېتىدىكەن. بۇ خىل سەۋەبتىن چاچ چۈشسە، ۋىتامىن A نى قوبۇل قىلىشنى ئازايتسا، چاچ قايتا ئۆسۈپ چىقىدۇ.

ۋىتامىن B كەمچىل بولۇش

ئوزۇقلۇق كەملىكتىن كۆرۈلگەن چاچ چۈشۈشمۇ ئەسلىگە كېلىدۇ. ۋىتامىن B مول يېمەكلىكلەردىن بېلىق، گۆش، تۇخۇم، قاتتىق پوستلۇق مېۋە قاتارلىقلار چاچنىڭ ساغلاملىقىغا پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە بەدەن ساغلاملىقىغىمۇ پايدىلىق.

ئاقسىل كەمچىل بولۇش

ئامېرىكا تېرە كېسەللىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ قارىشىچە، يېمەك ـ ئىچمەكتە ئاقسىل يېتىشمىسە، بەدەننىڭ چاچنى ئاقسىل بىلەن تەمىنلىشى چەكلىمىگە ئۇچراپ، 2 ـ 3 ئايدىن كېيىن چاچ چۈشۈش ئەھۋالى كۆرۈلىدىكەن. شۇڭا، ئاقسىل مول بولغان بېلىق تۈرىدىكىلەر، گۆش تۈرىدىكلەر ۋە تۇخۇم قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق يېيىش زۆرۈر.

قان ئازلىق

تۆمۈر يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن قان ئازلىق كۆرۈلسە، چاچ چۈشىدۇ، يەنە چارچاش، باش قېيىش، پۇت، قول مۇزلاش، چىراي تاتىرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلگەندە كالا گۆشىنى مۇۋاپىق يېسە ياكى تۆمۈر تولۇقلىغۇچى دورىلارنى ئىچسە، چاچ چۈشۈش مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ.

روھىي بېسىم

ئېغىر زەربە بەدەندىكى يوشۇرۇن كېسەل ئوچىقىنى قوزغىتىپ، چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، روھىي بېسىم ۋە جىددىيلىكنى پەسەيتىش، كۆپرەك چېنىقىش، دوست ـ بورادەرلەر بىلەن مۇڭدىشىش ئارقىلىق كەيپىياتنى ياخشىلاشقا تىرىشىش لازىم.

يارىلىنىش

ئامېرىكا نيويورك تېرە كېسىلى بۆلۈمى دوختۇرى مارك گلاسىۋېن دوكتورنىڭ كۆرسىتىشىچە، بەدەن يارىلانسا، مەسىلەن، ماشىنا ۋەقەسى، ئېغىر كېسەل، ھەتتا يۇقۇملۇق زۇكام بولسىمۇ ۋاقىتلىق چاچ چۈشىدىكەن، چاچنىڭ نورمال ئۆسۈش دەۋرى قالايمىقانلىشىپ، چاچ كۆپ مىقداردا چۈشۈپ كېتىدىكەن. كۆپىنچە يارىلىنىپ 3 ـ 6 ئايدىن كېيىن كۆرۈلىدىكەن. بۇ خىل ئەھۋالغا قارىتا بەك ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق بولۇپ، سالامەتلىك ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن چاچ يەنە ئۆسۈپ چىقىدۇ.

بوشىنىش

ئىككىقات ئاياللارنىڭ ھورمۇن سەۋىيەسىدە ئۆزگىرىش بولسا، چېچى چۈشىدۇ، بۇ خىل ئەھۋال كۆپىنچە بوشىنىپ بولغاندىن كېيىن كۆرۈلىدۇ. ئەگەر، چاچ چۈشسە، بوشانغان ئايال ياخشى ئارام ئېلىپ، بەدىنىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە دىققەت قىلىشى كېرەك. ئادەتتە 1 ـ 2 ئايدىن كېيىن چاچ قايتا ئۆسۈپ چىقىدۇ. ئامېرىكا سكوت ۋىتې ئامبۇلاتۇرىيەسىنىڭ تېرە كېسەللىرى دوختۇرى مارك خاموند دوكتورنىڭ كۆرسىتىشىچە، ھامىلدارلىقتىن ساقلاش دورىسى، ھەيز كېسىلىش دەۋرىمۇ ھورمۇندا ئۆزگىرىش پەيدا قىلىپ، ۋاقىتلىق چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. شۇڭا، ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىشتا ئەڭ ياخشىسى باشقا تەدبىرلەرنى قوللىنىش كېرەك.

ئەرلىك ھورمۇندا نورمالسىزلىق كۆرۈلۈش

60 ياشتىن ئاشقان كۆپىنچە ئەرلەردە پاينەكباش بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. بۇ گېن، ئەرلىك ھورمۇن بىلەن مۇناسىۋەتلىك. باشقا چاچ چىقىرىش سۈيى ئىشلەتسە ھەمدە چاچ چىقىرىش دورىسى ئىچسە، چاچ چۈشۈشنى توختىتىپ، قايتا چاچ چىقىشنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.

ئىرسىيەت

ئەگەر، جەمەتىدىكى ئاياللاردا مەلۇم ياش باسقۇچىدىن باشلاپ چاچ چۈشۈش كۆرۈلگەن بولسا، ئاياللاردا چېچى چۈشۈش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولىدۇ. بۇ ئەر كىشىنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ.ئايال كىشىدە چاچ شالاڭلىشىش كۆرۈلىدۇ. ئاياللارمۇ چاچ چىقىرىش سۈيى ئىشلىتىش ئارقىلىق داۋاملىق چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالسا بولىدۇ.

قالقانسىمان بەز ئىقتىدارى چېكىنىش

قالقانسىمان بەز يېتەرلىك ھورمۇن ئاجرىتىپ چىقىرالمىسا، بەدەننىڭ نورمال ماددا ئالمىشىشىغا تەسىر يېتىپ، چاچ چۈشۈش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا دوختۇرخانىغا بېرىپ، قالقانسىمان بەز ئىقتىدارىنى تەكشۈرتۈپ، قاراتمىلىق داۋالانسا بولىدۇ. چاچ چۈشۈشكە باشقا سەۋەب قىلمىسىمۇ ئۆزلۈكىدىن ياخشى بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن.

ئىممۇنىتېت كېسەللىرى

ئەگەر، ئىممۇنىتېت سىستېمىسى بەك جانلىنىپ كەتسە، دائىرىلىك چاچ چۈشۈش كۆرۈلىدۇ. قىزىل داغلىق بۆرە چاقىسى تاتۇق خاراكتېرلىك چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بۇنىڭدا چاچ قايتا ئۆسۈپ چىقمايدۇ.

بەزى رېماتىزم ۋە تېرە كېسەللىرىنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدىغان دورىلار، ياللۇغقا قارشى دورىلار ۋە خاپىغانلىققا قارشى دورىلارنىڭ قوشۇمچە تەسىرىدە چاچ چۈشۈشى مۇمكىن. بۇ خىل ئەھۋالدا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورىنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىش كېرەك.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر
  • چاچ يۇيۇشتىكى خاتالىقلارچاچ يۇيۇشتىكى خاتالىقلار چاچ سوپۇننى بىۋاسىتە چاچقا سۈرۈش نۇرغۇن كىشىلەر چاچ يۇغاندا چاچ سوپۇننى بىۋاسىتە چاچقا سۈرۈپ يۇيىدۇ، بۇ چاچقا زىيانلىق. چۈنكى، ھەرقانداق چاچ سوپۇنىدا خىمىيەلىك تەر
  • چاچ چۈشۈشنىڭ سەۋەبلىرىچاچ چۈشۈشنىڭ سەۋەبلىرى بەك ئورۇقلاش بەدەن ئېغىرلىقى بىراقلا بەك تۆۋەنلەپ كەتسە، ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددا كەملىك كۆرۈلۈپ، چاچ شالاڭلىشىدۇ. يېڭى مېۋە، كۆكتاتلارنى كۆپرەك يەپ، چېنىقىشنى داۋ
  •  قەھۋە ئىچىشنىڭ ئورۇقلاشقا پايدىسى بارمۇ؟ قەھۋە ئىچىشنىڭ ئورۇقلاشقا پايدىسى بارمۇ؟ ياپونىيە توكيو مېيكوكاي تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى سۇزۇكى ماساتونىڭ يېتەكچىلىكىدە قەھۋە بىلەن ئورۇقلاشنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە بىر تۈرلۈك تەتقىقات ئىشلەن
  • چېچى كۆپ چۈشىدىغانلارنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولىدىكەنچېچى كۆپ چۈشىدىغانلارنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولىدىكەن مۇتەخەسسىسلەر يېقىندا تاماملىغان تەتقىقاتىنىڭ نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، چېچى كۆپ چۈشىدىغان ئادەملەر مۇنداق ئۈچ جەھەتتە پايدا ئالىدىكەن: 1. چېچى كۆپ چۈشىدىغانلار ي
  • ئۈرۈمچىدىكى 38 ياشلىق ئايال بىر يىلدا 50 كىلوگرام ئورۇقلىدىئۈرۈمچىدىكى 38 ياشلىق ئايال بىر يىلدا 50 كىلوگرام ئورۇقلىدى ئىلگىرى سېمىزلىكتە تەڭدىشىم يوق ئىدى، تارازىغا چۈشسەم قاراشقىمۇ پېتىنالمايتتىم. دېدى ئۈرۈمچى شىنخۇا جەنۇبىي يولىدا ئولتۇرۇشلۇقۋاڭ خۇا 9-ئاۋغۇست مۇخبىرغا ئۆزىنىڭ ئ