چاچ يۇيۇشتىكى خاتالىقلار

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/08/25 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 چاچ سوپۇننى بىۋاسىتە چاچقا سۈرۈش

نۇرغۇن كىشىلەر چاچ يۇغاندا چاچ سوپۇننى بىۋاسىتە چاچقا سۈرۈپ يۇيىدۇ، بۇ چاچقا زىيانلىق. چۈنكى، ھەرقانداق چاچ سوپۇنىدا خىمىيەلىك تەركىب بولىدۇ، ئۇ باش تېرىسى بىلەن بىۋاسىتە ئۇچراشسا، غىدىقلىنىش پەيدا قىلىدۇ، شۇنداقلا باش تېرىسىدە تۇرۇپ قېلىپ ئاسانلىقچە پاكىز چىقىپ كەتمەيدۇ. توغرا ئۇسۇلى: چاچ سوپۇننى ئالىقانغا چىقىرىپ ئۇۋۇلاپ ماغزاپقا ئايلاندۇرۇپ، ئاندىن چاچقا سۈرۈپ يۇيۇش كېرەك، بولمىسا ئاسانلا چاچ چۈشۈشنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.

 تاتىلاش

باش قىچىشقان ۋە باش يۇغاندا تاتىلىسا ناھايىتى راھەت بىلىنىدۇ، ئەمما بۇ ئادەت باش تېرىسىگە ناھايىتى زىيانلىق. چۈنكى، باشنى تاتىلىغاندا باش تېرىسى ئاسانلا زەخىملىنىپ ياللۇغلىنىپ قېلىشى ھەم چاچ چۈشۈشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن باشقا، باش تېرىسى زەخىملەنمىگەن ھالەتتىمۇ تۈك خالتىلىرى كۈچلۈك غىدىقلىنىپ، ياغ ئاجرىتىپ چىقىرىشى كۈچىيىپ، چاچ چۈشۈپ كېتىشى مۇمكىن. توغرا ئۇسۇلى: بارماق ئۇچى بىلەن باشنىڭ كەينىدىن ئالدىغا قارىتىپ يېنىك ئۇۋۇلاپ يۇسا، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، چاچ ئۆستۈرۈشكىمۇ پايدىلىق، يەنە نېرۋا چارچاشنى پەسەيتكىلى بولىدۇ.

يۇيۇش ۋاقتى بەك قىسقا بولۇش

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، نورمال چاچ يۇيۇش ۋاقتى ئۈچ مىنۇتتىن كەم بولماسلىقى كېرەك. چۈنكى، چاچ سوپۇن ماغزاپقا ئايلىنىپ باش تېرىسى بىلەن يېتەرلىك ئۇچراشقاندىلا باش تېرىسىنى پاكىز يۇغىلى بولىدۇ. چاچتىكى سوپۇن قالدۇقلىرىنى پاكىز چايقاش كېرەك، بولمىسا باش تېرىسى قۇرغاقلىشىپ باش قىچىشىدۇ، ھەتتا چاچ چۈشىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، بەزىلەر باش يۇغان چاغدا پەقەتلا چاچنى يۇيىدۇ.ئەمەلىيەتتە بۇمۇ بىر خاتالىق. باش تېرىسىنىمۇ پاكىز يۇيۇش كېرەك، چۈنكى باش تېرىسىنىڭ پاكىزلىقى چاچنىڭ سۈپىتىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. توغرا ئۇسۇلى: باش تېرىسىنى پاكىز يۇيۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، چاچ سوپۇن قالدۇقلىرىنى پاكىز چىقىرىۋېتىش ئۈچۈن، ئاز بولغاندىمۇ ئون مىنۇت ئەتراپىدا يۇيۇش كېرەك.

يۇيۇش قېتىم سانى بەك كۆپ بولۇش

چاچ يۇيۇش قېتىم سانى بەك كۆپ بولۇپ كەتسە، چاچ تەڭگىچىلىرى زەخىملىنىپ، چاچ جانسىز ھەم قۇرغاق بولۇپ قالىدۇ. بەزى كىشىلەرنىڭ چېچى ئەسلىدىنلا ناھايىتى ئاجىز بولۇپ، ھەر قېتىم يۇغاندا چېچى كۆپ چۈشىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا چوقۇم يۇيۇش قېتىم سانىنى ئازايتىش كېرەك. توغرا ئۇسۇلى: دائىم چاچ چۈشسە ھەم چاچ سۈپىتى ئانچە ياخشى بولمىسا، يۇيۇش قېتىم سانى بەك كۆپ بولماسلىقى كېرەك، ئادەتتە كۆپ بولغاندا ئىككى كۈندە بىر قېتىم بولسا مۇۋاپىق، ئەگەر چاچ بەك ياغلىق بولسا كۈندە بىر قېتىم يۇسىمۇ بولىدۇ، چۈنكى ياغنىڭ تۈك خالتىسىغا زىيىنى تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ.

چاچ ئاسراش مەلھىمىنى چاچ سوپۇنى ئورنىدا ئىشلىتىش

چاچ ئاسراش مەلھىمى قارىماققا چاچ سوپۇنىغا ئوخشاپ كېتىدۇ، ئەمما تەركىبى ئوخشىمايدۇ. چاچ ئاسراش مەلھىمىنى باش تېرىسى بىلەن بىۋاسىتە ئۇچراشتۇرۇشقا بولمايدۇ، بولمىسا ئۇ چاچ ئاسرىغۇچى بولماي بەلكى چاچقا زىيان سالغۇچى بولۇپ قالىدۇ. توغرا ئۇسۇلى: چاچ ئاسراش مەلھىمىنى چاچقىلا ئىشلىتىش، باش تېرىسىگە تەگكۈزمەسلىك، ئەگەر ئېھتىياتسىزلىقتىن تېگىپ قالسا، دەرھال پاكىز يۇيىۋېتىش، ئاندىن لۆڭگە بىلەن پاكىز سۈرتكەندىن كېيىن چاچ ئاسراش مەلھىمىنى سۈرۈش كېرەك، بولمىسا چاچ ئاسراش مەلھىمىنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە تەسىر يەتكۈزۈپ، چاچ ئاسراش ئۈنۈمىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قويىدۇ.

چاچ ئاسراش مەلھىمىنى پاكىز چىقىرىۋەتمەسلىك

بەزى كىشىلەر چاچ ئاسراش مەلھىمىنىڭ چاچتا تۇرۇش ۋاقتى قانچە ئۇزۇن بولسا، ئوزۇقلۇقلارنىڭ چاچقا سۈمۈرۈلۈشى شۇنچە ياخشى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ بىر خىل خاتا قاراش. ئادەتتە، چاچ ئاسراش مەلھىمىنىڭ چاچ بىلەن ئۇچرىشىش ۋاقتى ئون مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. ۋاقتى بەك ئۇزىراپ كەتسە، چاچنىڭ مۈڭگۈز ماددىسىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن چاچ رەڭگى خۇنۈكلىشىپ كېتىدۇ، ھەتتا چۈشۈپ كېتىدۇ. توغرا ئۇسۇلى: چاچ ئاسراش مەلھىمىنى پاكىز يۇيىۋېتىش، ھەرگىز قالدۇق قويماسلىق كېرەك.

چاچنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن تەبىئىي قۇرۇشىنى ساقلاش

چاچنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن تەبىئىي قۇرۇشىنى ساقلاش چاچقا زىيانلىق، چۈنكى ئادەم چېچىنى يۇيۇپ بولغان چاغدا چاچ تەڭگىچىلىرى ئېچىلىپ كەتكەن بولىدۇ، بۇ چاغدا بىر قىسىم چاڭ - توزاڭ، باكتېرىيە ۋە باشقا پاسكىنا نەرسىلەر ئاسانلا كىرىپ كېتىدۇ، بۇ ئەھۋال كۆپ تەكرارلانسا چاچ زىيانغا ئۇچرايدۇ. توغرا ئۇسۇلى: چاچنى ئاز بولغاندىمۇ%60 - %70 سۈرتۈپ قۇرۇتۇش ياكى چاچ قۇرۇتقۇچ بىلەن تېز سۈرئەتتە قۇرۇتۇش ئارقىلىق چاچ تەڭگىچىلىرىنىڭ يېپىلىشىنى تېزلىتىش كېرەك.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر