ئەرلەرنىڭ چېچى چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان يېمەك ـ ئىچمەكلەر

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/08/25 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

تۇرمۇش تەرتىپسىز بولسا، يەللىك يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلسا، مېڭىنى بەك كۆپ ئىشلەتسە... ئەرلىك ھورمۇننىڭ ئاجرىلىپ چىقىرىلىشى قالايمىقانلىشىدۇ، باش تېرىسىگە قان يېتىشمەيدۇ ـ دە، چاچ چۈشۈش ئېغىرلىشىدۇ ياكى چاچ بالدۇر چۈشۈپ كېتىدۇ، ھەتتا ياشلىق مەزگىلى ئۆتۈپلا پاينەكباش بولۇپ قالىدۇ. ئۇنداقتا، قانداق يېمەك – ئىچمەكلەر ئەرلەرنىڭ چېچى چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ؟

1. كەرەپشە، يۇمغاقسۈت ۋە يېشىل گۈلكەرەم

پاينەكباش بولۇپ قېلىش تېبابەتتە ئەرلىك ھورمۇن مەنبەلىك چاچ چۈشۈش دېيىلىدۇ. بۇ قورامىغا يەتكەن ئەرلەردە كۆپرەك كۆرۈلىدىغان ئەھۋال بولۇپ، كۆپىنچە ئەرلىك ھورمۇننىڭ ئاجرىلىپ چىقىرىلىشى كۆپ بولۇش ھەمدە ئىرسىيەت ئامىلىنىڭ تەسىرىدىن بولىدۇ. كەرەپشە، يۇمغاقسۈت، يېشىل گۈلكەرەم(西兰花) قاتارلىقلارنىڭ ئەرلىك ھورمۇنغا تاقابىل تۇرۇش رولى بولۇپ، چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

2. مىكرو مىقدارلىق ئېلېمېنت مول يېمەكلىكلەر

مىكرو مىقدارلىق ئېلېمېنتلار ئىچىدىكى مىس، تۆمۈر قاتارلىقلار چاچ ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. مىس كەمچىل بولسا، چاچ رەڭگى سۇسلىشىدۇ، تۆمۈر چاچ ۋە قاندىكى ئوكسىگېننىڭ توشۇلۇشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. يېشىل كۆكتاتلار تەركىبىدە ئىشقارلىق ئانورگانىك تۇزلار(كالتسى، ماگنىي، ناترىي، كالىي تۇزلىرى) مول بولۇپ، چاچنىڭ ئۆسۈشىگە پايدىسىز كىسلاتالىق ماددىلارنى نېيتراللاشتۇرىدۇ ھەمدە زەھەرسىز ماددىغا ئايلاندۇرۇپ بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىدۇ.

3. ۋىتامىن مول يېمەكلىكلەر

چاچ چۈشۈش ۋە كېپەكلىشىش ۋىتامىن A كەملىكتىن كۆرۈلىدۇ. سەۋزە، پالەك، كاھو يوپۇرمىقى(莴笋叶)، ئۆرۈك مېغىزى، ياڭاق، ئەنبەھ(ماڭگو) قاتارلىق كۆكتات، مېۋىلەردە ۋىتامىن A مول، ھايۋانات جىگىرى، راك ۋە تۇخۇم تۈرىدىكىلەردىمۇ ۋىتامىن A مول؛ ۋىتامىن B باش تېرىسىنىڭ ماددا ئالمىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئادەتتە يېڭى كۆكتات، مېۋە، بارلىق دانلىق زىرائەتلەر تەركىبىدە مول؛ ياغ بېزى ياغ ماددىلىرىنى نورمال ئاجرىتىپ چىقىرىشتا يېتەرلىك ۋىتامىن C غا تايىنىدۇ، ۋىتامىن C يەنە قىل قان تومۇر دىۋارىنى ئاكتىپلاشتۇرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن چاچ يىلتىزى قاندىكى ئوزۇقلۇقلارنى ياخشى قوبۇل قىلالايدۇ.

4. ئاقسىل مول يېمەك ـ ئىچمەكلەر

ھەر كۈنى قوبۇل قىلغان ئاقسىل چاچنىڭ ئۆستۈرگۈچىسى ھېسابلىنىدۇ. ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل يېڭى بېلىق، گۆش، تۇخۇم تۈرىدىكىلەر، پۇرچاق ياسالمىلىرى، سۈت قاتارلىقلار تەركىبىدە مول. بۇ ئاقسىللىق يېمەكلىكلەر ئاشقازان، ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىشى ئارقىلىق، ھەرخىل ئامىنو كىسلاتاسىنى شەكىللەندۈرىدۇ، قانغا كىرگەندىن كېيىن چاچ يىلتىزى قوبۇل قىلىپ ھەمدە بىرىكىپ كېراتىنغا ئايلىنىپ مۈڭگۈزلەشكەندىن كېيىن چاچ شەكىللىنىدۇ. بۇ جەريان ئاقسىلنىڭ چاچ چىقىرىشنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.

چاچنىڭمۇ ئۆسۈش قانۇنىيىتى بولىدۇ. كۆپىنچە پەسىل ئالماشقاندا چۈشۈپ، كېيىنكى پەسىلدە قايتا ئۆسۈپ چىقىدۇ. ئەگەر، دائىم كۆپ مىقداردا چاچ چۈشۈش ئەھۋالى كۆرۈلمىسە، بەك جىددىيلىشىپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق، ئەگەر ئەكسىچە بولسا، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ تەدبىر قوللىنىش كېرەك.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر