ﺋﯚﻣﺮﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﻗﯩﺴﻘﺎﺭﺗﯩﯟﯦﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ 10 ﻧﺎﭼﺎﺭ ﺋﺎﺩﻩﺕ

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/08/25 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 

 

 

ﻗﯩﺰﺯﯨﻖ ﺗﺎﻣﺎﻗﻼﺭﻧﻰ ﻳﯧﻴﯩﺸﻨﻰ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﯗﺵ:ﺟﯘﯕﮕﻮﻟﯘﻗﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﻣﻪﺯﺯﯨﻠﯩﻚ ﺗﺎﺋﺎﻣﻠﯩﺮﻯ ﻗﯩﺰﺯﯨﻖ ﺗﺎﺋﺎﻣﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﻗﯩﺰﺯﯨﻖ ﺗﺎﺋﺎﻣﻼﺭﻧﯩﯔ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻗﯩﺰﺯﯨﻘﻠﯩﻘﻰ ﻛﯚﻳﺪﯛﺭﮔﯜﺩﻩﻙ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻚ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﻰ، ﮪﻪﺯﯨﻢ ﻳﻮﻟﯩﻨﯩﯔ ﺗﯧﻤﭙﯩﺮﺍﺗﯘﺭﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﻪﺭﺩﺍﺷﻠﯩﻖ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ ﻳﯧﮕﻪﻥ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺗﯧﻤﭙﯩﺮﺍﺗﯘﺭﯨﺴﻰ 10-40 ﺳﯧﻠﺴﯩﻴﻪ ﮔﺮﺍﺩﯗﺳﻘﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ.

ﻗﻪﮪﯟﻩﻧﻰ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﭽﯩﺶ:ﻗﻪﮪﯟﻩﻧﯩﯔ ﻳﯜﺭﻩﻙ، ﺑﯚﺭﻩﻙ، ﮪﻪﺯﯨﻢ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ، ﻧﻪﭘﻪﺱ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ، ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﺶ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺋﻮﺭﯗﻧﻐﺎ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ. ﻗﻪﮪﯟﻩﻧﻰ ﺋﺎﺯ ﺋﯩﭽﯩﺶ ﮪﻪﺗﺘﺎ ﺋﯩﭽﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺑﻪﻙ ﺋﯘﻳﻘﯘﯕﯩﺰ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﺴﻪ ﺋﻮﺭﻧﯩﯖﯩﺰﺩﯨﻦ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﮪﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﯟﻩﺗﺴﯩﯖﯩﺰ ﭼﺎﺭﭼﺎﺷﻨﻰ ﺗﯜﮔﻪﺗﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

ﻛﻮﻣﭙﯩﻴﯘﺗﯧﺮﻏﺎ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻣﯘﺩﺩﻩﺕ ﺗﯩﻜﯩﻠﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺵ: ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻣﯘﺩﺩﻩﺕ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮﻏﺎ ﺗﯩﻜﻠﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﺑﻪﺩﻩﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﭼﯧﻜﯩﻨﯩﺪﯗ، ﭼﻮﯓ ﻣﯧﯖﻪ ﺳﯘﺳﯩﺰﻟﯩﻨﯩﺪﯗ. ﻳﺎﺷﻼﺭ «ﺩﯦﯟﻩﯕﻠﯩﻚ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ» ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ، ﻛﯚﺯ ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﻗﯧﺮﯨﻴﺪﯗ، ﻣﺎﺋﯘﺱ ﻗﻮﻝ، ﻛﻮﻣﭙﯩﻴﯘﺗﯧﺮ ﻳﯜﺯ، ﻗﺎﺗﻘﺎﻥ ﻣﯜﺭﻩ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﻼﺭ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ. ﺳﯚﺯﻟﻪﺵ ﯞﻩ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﭼﯧﻜﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ، ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﺘﻪ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

ﺳﯘﻧﻰ ﺑﻪﻙ ﺋﺎﺯ ﺋﯩﭽﯩﺶ: ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺳﯘﺳﯩﺰ ﮪﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﺋﻪﯓ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ 3 ﻛﯜﻥ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﺑﻪﺭﺩﺍﺷﻠﯩﻖ ﺑﯧﺮﻩﻟﻪﻳﺪﯗ. ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﯘ 1200-2000 ﻟﯧﺘﯩﺮﻏﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻳﻪﻧﻰ ﮪﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ 6 ﺋﯩﺴﺘﺎﻛﺎﻧﺪﯨﻦ 8 ﺋﯩﺴﺘﺎﻛﺎﻧﻐﯩﭽﻪ ﺳﯘ ﺋﯩﭽﯩﺶ ﺋﻪﯓ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ. ﻳﺎﺷﻼﺭ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﺎﺩﯨﺘﻰ ﻳﯧﺘﯩﻠﺪﯛﺭﮔﻪﻧﺪﻩ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﺎﻻﻳﺪﯗ.

ﻛﯜﭼﻪﭖ ﺗﻪﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ:ﮪﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺭﯦﺘﯩﻤﻰ ﺗﯧﺰ، ﮪﺎﺟﻪﺗﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭙﻼ ﻛﯜﭼﻪﭖ ﺗﻪﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﻣﻪﻗﺌﻪﺕ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻮﻣﯘﺭ ﯞﻩ ﺗﯧﺮﯨﻠﻪﺭﺩﻩ ﻳﯧﺮﯨﻠﯩﺶ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺷﯘﯕﺎ ﺭﯦﺘﯩﻤﻰ ﺗﯧﺰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﺘﯩﻤﯘ ﺳﻪﻝ ﺋﺎﺳﺘﯩﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﺖ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.

ﺋﻮﻳﻐﯩﻨﯩﭙﻼ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭﯗﺵ:ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺋﻮﻳﻐﺎﻧﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﻪﺩﯨﻨﻰ ﺗﻮﺭﻣﯘﺯﻻﺵ ﮪﺎﻟﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺧﯘﺷﺎﻝ ﮪﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﺋﯚﺗﯜﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺮ ﺟﻪﺭﻳﺎﻥ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﻮﻳﻐﯩﻨﯩﭙﻼ ﻗﻮﭘﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﺑﺎﺵ ﻗﯧﻴﯩﺶ، ﻛﯚﺯ ﺗﻮﺭﻟﯩﺸﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﻼﺭ ﻛﯚﺭﯛﻟﯩﺪﯗ، ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻳﺎﺵ ﯞﻩ ﻳﺎﺷﺎﻧﻐﺎﻧﻼﺭﺩﺍ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﻳﯜﺭﻩﻙ، ﻣﯧﯖﻪ ﻗﺎﻥ ﺗﻮﻣﯘﺭ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﯩﺮﻯ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

ﮪﺎﺟﻪﺗﺨﺎﻧﯩﺪﺍ ﮔﯧﺰﯨﺖ ﻛﯚﺭﯛﺵ:ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﮪﺎﺟﻪﺗﻜﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﺯﯦﺮﯨﻜﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ، ﺷﯘﯕﺎ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﮔﯧﺰﯨﺖ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯗ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﺎﻧﻔﯘﻥ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯗ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻣﻪﺯﮔﯩﻞ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯩﯟﻩﺭﺳﻪ ﺩﯨﻘﻘﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﯩﻐﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺗﻪﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﺴﯩﺰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﭗ، ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﺗﻪﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯨﺪﯗ. ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﮪﺎﻟﻪﺕ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺴﺎ ﻗﻪﯞﺯﯨﻴﻪﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ.

ﭘﯘﺗﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻤﺎﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺵ:ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﺘﺎ ﺑﯩﺰ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﺩﻩﺕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯩﺮﯨﻠﯩﻚ ﭘﯘﺗﻨﻰ ﺋﺎﻟﻤﺎﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﻗﺎﻟﯩﻤﯩﺰ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺩﻩﺕ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﭼﻮﯓ ﺗﻪﮪﺪﯨﺘﺘﯘﺭ. ﺑﻪﻝ ﺋﻮﻣﯘﺭﺗﻘﯩﺴﻰ، ﭘﯘﺕ ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺗﻪﮪﺪﯨﺖ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ، ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﻳﻮﻟﻨﯩﯔ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻘﯩﻐﯩﻤﯘ ﺧﻪﯞﯨﭙﻰ ﺑﺎﺭ.

ﺋﺎﺯ ﮪﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ: ﮪﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﺯ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﭼﺎﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﯞﻯ ﺧﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﺎﻣﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ. ﮪﻪﺭ ﻳﯩﻠﻰ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﭼﯧﻨﯩﻘﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻦ  ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ 3 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ 200 ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ، ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ 10 ﻳﯩﻠﺪﺍ ﺑﯘ ﺳﺎﻥ ﺷﯩﺪﺩﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺷﺘﻰ. ﺗﺎﻣﺎﻗﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺳﻪﻳﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﺎﻟﻼﺵ ﮪﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.

ﺑﻪﻟﻨﻰ ﺋﯧﮕﯩﭗ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﺵ:ﺑﻪﻟﻨﻰ 90 ﮔﯩﺮﺍﺩﯗﺱ ﺋﻪﮔﻜﻪﻧﺪﻩ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻛﯚﺯ ﺑﯩﺴﻠﯩﻖ ﺋﯚﺳﯜﻙ ﻣﯘﺳﻜﯘﻟﻰ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺟﺎﻳﯩﻐﺎ ﻛﯧﻠﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ ﮪﻪﻣﺪﻩ ﺳﯩﯖﯩﺮﻧﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﺭﻭﻟﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺷﯘﯕﺎ ﺗﯩﺰﻧﻰ ﺗﯜﺯ ﺗﯘﺗﯘﭖ، ﺑﻪﻟﻨﻰ ﺋﯧﮕﯩﭗ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ، ﻳﯚﺗﻜﻪﺵ ﺑﻪﻝ ﺳﯚﯕﯩﻜﯩﻨﻰ ﺯﻩﺧﻤﯩﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯨﺪﯗ. ﺑﯩﺰ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﯚﺗﻜﯩﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺧﯩﻞ ﺋﯘﺳﯘﻟﻨﻰ ﻗﻮﻟﻼﻧﺴﺎﻕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر