بىلىپ قويۇشقا تېگىشلىك ساغلاملىق بېشارەتلىرى

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/08/28 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

  كۆز قۇرغاقلىشىش :  بەدەندە ۋىتامىن A بىلەن كاروتىن كەملىكنىڭ بېشارىتى.
    ئېغىز پۇراش :  ۋىتامىن B6 بىلەن سىنك كەملىكنىڭ بېشارىتى.
    چىش بوشاپ كېتىش :  بەدەندە ۋىتامىن A، كالتسىي ۋە تۆمۈر ماددىسى كەملىكنىڭ بېشارىتى.
   كالپۇك قۇرۇش :  بەدەندە ۋىتامىن A بىلەن ۋىتامىن B2 كەملىكنىڭ بېشارىتى.
   قان ئازلىق، قول ۋە پۇت توڭلاش :  بەدەندە ۋىتامىن A، فولىن كىسلاتاسى ۋە تۆمۈر ماددىسى كەملىكنىڭ بېشارىتى.
   ئاسان چارچاش، روھىي چۈشكۈنلۈك :  بەدەندە ۋىتامىن B1، ۋىتامىن B2، ۋىتامىن B6 كەملىكنىڭ بېشارىتى.
   چاچ چۈشۈش، چاچ كېپەكلىشىش :  بەدەندە ۋىتامىن A، ۋىتامىن B6، سىنك ۋە كالتسىي كەملىكنىڭ بېشارىتى.
   چاچ قۇرغاقلىشىپ سارغىيىش، چىگىشلىشىش  : بەدەندە ۋىتامىن E ۋە تۆمۈر ماددىسى كەملىكنىڭ بېشارىتى.
   كۆز ئەتراپى قارىداپ كەتسە :   ۋىتامىن A، ۋىتامىن C ۋە ۋىتامىن Eكەملىكنىڭ بېشارىتى.
 رەڭلىك داغ، سېرىق داغ چۈشسە :  فولىن كىسلاتاسى، ۋىتامىن C ۋە ۋىتامىن E كەملىكنىڭ بېشارىتى.
   بالدۇر قورۇق چۈشسە ھەم بەك كۆپ بولسا : سېلىن، ۋىتامىن A، ۋىتامىن C ۋە ۋىتامىن E كەملىكنىڭ بېشارىتى.
   تېرىنىڭ ئېلاستىكىلىقى ئاجىزلاپ نۇرسىزلانسا :  بەدەندە ۋىتامىن B1بىلەن ۋىتامىن B2 كەملىكنىڭ بېشارىتى.
    تېرە قۇرغاقلاشسا، يىرىكلەشسە ھەمدە تۈك تۆشۈكچىلىرى يوغىناپ كەتسە : بەدەندە ۋىتامىن A، ۋىتامىن B6 ۋە سىنك ماددىسى كەملىكنىڭ بېشارىتى.
يېتىلىش كېچىكىپ كەتسە :  بەدەندە ۋىتامىن A، ۋىتامىن B1 ۋە ۋىتامىنB2 كەملىكنىڭ بېشارىتى.
    كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلىسا، كۆز نۇرغا بەرداشلىق بېرەلمىسە ۋە قۇرغاقلاشسا : بەدەندە سېلىن، ۋىتامىن A، ۋىتامىن B1 ۋە ۋىتامىن B2كەملىكنىڭ بېشارىتى.
   ماغدۇرسىزلىق مەنبەلىك تەرلەش، ئوغرى تەرلەش : بەدەندە ۋىتامىن D، كالتسىي ۋە تۆمۈر ماددىسى كەملىكنىڭ بېشارىتى.
    تىل بېغىر رەڭ بولۇپ، جاۋغايغا يارا چىقسا :  بەدەندە ۋىتامىن B3 بىلەن ۋىتامىن B6 كەملىكنىڭ بېشارىتى.

مەنبە:ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر