بۇ بىرقانچە خىل بەدەن پۇرقى ئوخشىمىغان كېسەلدىن بېشارەت بېرىدۇ

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/09/12 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

سېسىق ئالما پۇرىقى: دىيابېت كېسىلى بارلارنىڭ بەدىنىدىن سېسىق ئالما پۇرىقى كېلىدۇ، چۈنكى دىيابېت ئاغرىقلىرىدا ماددا ئالمىشىش دېگەندەك مۇقىم بولمىغاچقا، بەدەندىكى ياغنىڭ كۆپىنچىسى جىگەردە ئوكسىدلىنىدۇ، بۇنىڭدىن پەيدا بولغان كېتون قانغا تارقىلىپ، نەپەستىن چىققان ھاۋادا ئاتسېتوننى پەيدا قىلىدۇ.
   سۈيدۈك پۇرىقى: بۆرەك ئاغرىقلىرىنىڭ كېسىلى سوزۇلما بۆرەك ئىقتىدارى زەئىپلىشىش باسقۇچى (سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلى) غا تەرەققىي قىلغاندىن كېيىن، سۈيدۈك ئاز كېلىدۇ ياكى كەلمەيدۇ، شۇڭا بەدەن سىرتىغا چىقالمىغان بىر قىسىم كېرەكسىز ماددا (ئۇرېيە، ئاممىياك ۋە كرېئاتىنىن) لار قانغا يىغىلىۋالغاچقا، بەدەندىن سۈيدۈك ياكى ئاممىياك پۇرىقى چىقىدۇ.
    تەر پۇرىقى: جىگەر راكى ياكى ئۆتكۈر جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان ئاغرىقلاردىن دائىم تەر پۇرىقى چىقىپ تۇرىدۇ، چۈنكى مېتىل مېركاپتان بىلەن ئىككى مېتىنلىق دىسۇلفىد جىگەرنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشىغا قاتنىشالماي، بەدەندە يىغىلىۋالغاچقا، بەدەندىن سېسىق پۇراق چىقىدۇ.
   سېسىق يېسسىۋېلەك پۇرىقى: ئادەم بەدىنىدە تىروزىن ئۆزگەرتكۈچى ئېنزىم ئاز بولغاچقا، تىروزىننىڭ ئالمىشىشى توسالغۇغا ئۇچراپ قانغا يىغىلىۋالىدۇ - دە، بەدەندىن سېسىق يېسىۋېلەك پۇرىقى چىقىدۇ.
   ئېچىغان پۇراق: نەپەس ئالغاندا چىققان ھاۋادا ياكى كېكىرگەندە بىر خىل ئىچىغان پۇراق پەيدا بولسا، بۇ ھەزىم ناچارلاشقانلىقنىڭ نەتىجىسى ئەمەس، بەلكى ئۈچەيدە مەسىلە پەيدا بولغانلىقنىڭ بېشارىتى.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر