ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەس ئەمەس

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/09/12 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

     ئىممونىتېت كۈچى ئاجىزلاپ كەتكەن بالىلار ئوڭايلا زۇكام بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن نەپەس يولىدىكى ياللۇغ ئۆپكىگە بېرىپ، بالىدا قىزىش ۋە يۆتىلىش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ، ھەتتا ئۆپكە ياللۇغىغا تەرەققىي قىلىدۇ، ئەمما بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەس ئەمەس، مۇنداق نۇقتىلارغا دىققەت قىلساقلا بولىدۇ:

    بالىنى ئېمىتىش: ئانا سۈتى بېقىش بالىلارنىڭ ئىممونىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدىغان ئەڭ تەبىئىي، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ ئۈنۈملۈك يول، شۇڭا ئانىسىنى ئېمىپ چوڭ بولغان بالىلار ئاسان يۇقۇملانمايدۇ ياكى زۇكام بولمايدۇ، زۇكام بولغان تەقدىردىمۇ ئۆپكە ياللۇغىغا تەرەققىي قىلمايدۇ.

    ھاۋانى ساپلاشتۇرۇش: ئۆينىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشقا دىققەت قىلىش، بالىلارنى ئادەم كۆپ ۋە ھاۋا ئۆتۈشمەيدىغان ئاممىۋى سورۇنلارغا ئاپارماسلىق، ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرى دالا سەيلىسىگە ئېلىپ چىقىش بالىلارنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ.

   ۋاكسىنا بىلەن ئەملىتىش: ۋاكسىنا بىلەن ئەملەتكەندە بالىلارنى ئۆپكە ياللۇغىدىن يىراقلاشتۇرغىلى بولىدۇ، شۇڭا بالىلارغا، بولۇپمۇ بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغان بوۋاقلارغا چوقۇم ۋاكسىنا ئەملىتىش لازىم.

   زۇكامدىن ساقلىنىش: زۇكام تارقىلىدىغان پەسىلدە بەدىنى ئاجىز بالىلارغا نىسبەتەن بالدۇر ئالدىنى ئېلىش، بەدەن ساپاسىنى ياخشىلاش تەدبىرىنى قوللىنىش تولىمۇ زۆرۈر؛ ئۇنىڭدىن باشقا، بالىلارنى تاماق تاللىماسلىققا، سىنك ۋە ۋىتامىن C مول يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە يېتەكلەپ، ئىممونىتېت كۈچىنى زورايتىش كېرەك

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر