ئېلېكتىرونلۇق تاماكىنىڭ ساغلاملىققا كۆرسىتىدىغان تەسىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۆپ تەتقىق قىلىنماقتا. شىۋېتسىيەدىكى بىر تۈرلۈك تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئاز مىقداردا چېكىلگەن ئېلېكتىرونلۇق تاماكىمۇ قان تومۇرلارغا زىيان يەتكۈزۈپ، يۈرەك كېسىلى ۋە سەكتە پەيدا بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرىدىكەن. تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، ئېلېكتىرونلۇق تاماكىدىكى نىكوتىن قان تومۇرلارنىڭ ئەۋرىشىملىكىنى تۆۋەنلىتىدىكەن. ئېلېكتىرونلۇق تاماكا ئاساسلىقى باتارېيە، قىزىتىپ ھورلاندۇرۇش قۇرۇلمىسى ۋە تاماكا سۇيۇقلۇقى قاچىلانغان تاماكا نەيچىسىدىن تۈزۈلىدۇ. تاماكا سۇيۇقلۇقىدا بەلگىلىك مىقداردا نىكوتىن بولىدۇ. ئىشلەتكەن چاغدا توك بىلەن قىزىتىش ئارقىلىق تاماكا سۇيۇقلۇقى ھورلاندۇرۇلۇپ، ئىس ئۈنۈمى پەيدا قىلىنىدۇ. ئېلېكتىرونلۇق تاماكا چېكىدىغان كىشىلەر ئۇنى ھەر كۈنى تەخمىنەن 250 ـ 300 قېتىم شورايدۇ. يېڭى تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئېلېكتىرونلۇق تاماكىنى كۈنىگە 10 ـ 30 قېتىم سۈمۈرگەن ھالەتتىمۇ سالامەتلىككە كۆرۈنەرلىك تەسىر كۆرسىتىدىكەن، ئەمەلىي تۇرمۇشتا ئېلېكتىرونلۇق تاماكىنىڭ سالامەتلىككە كۆرسىتىدىغان تەسىرى تېخىمۇ چوڭ بولىدىكەن. باشقا بىر تەتقىقاتنىڭ دەسلەپكى نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئېلېكتىرونلۇق تاماكا كانايدا تارىيىش پەيدا قىلىپ، نەپەسنى قىيىنلاشتۇرىدىكەن. نۆۋەتتە، ئېلېكتىرونلۇق تاماكىنىڭ تاماكا تاشلاشقا ياردىمى بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان يېتەرلىك ئىسپات تېپىلمىدى، تاماكا چەككۈچىلەر پەقەت نىكوتىندىن تەلتۆكۈس ئايرىلغاندىلا سالامەتلىكىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئاسرىيالايدۇ.
-
1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
- ئالدىنقىسى : ئاشقازاننى ئاسرايدىغان بىر نەچچە رېتسېپ
- كېيىنكىسى : ئىنسۇلىن ئۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالغاندا قانداق قىلىش كېرەك؟
ئورۇقلاشتا قانداق پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىش كېرەك؟ ئەلداۋادىن ساغلاملىق يېتەكچىسى: ئورۇقلاشتا تۆۋەندىكىدەك 4 پىرىنسىپقا ئەمەل قىلىش كېرەك: 1.ئۈچۈن ۋاق تاماق يېيىش. ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك. نامۇۋاپىق غىز
يۇيۇنۇپ بولۇپلا گىرىم قىلماڭ ئەلداۋا ساغلاملىق يېتكچىسى : كۆپ ساندىكى ئاياللار يۇيۇنۇپ بولۇپلا گىرىم قىلىشقا ئادەتلەنگەن. ھەتتا،ھەتتا خېلى بىر قىسىم ئاياللار يۇيۇنۇپ بولۇپلا گىرىم قىلسا تېرىنى
ئۇخلاپ ھالىتى ئارقىلىق ئورۇقلاش ئۇسۇلى ئەلداۋا ساغلاملىق يېتەكچىسى: ئۇخلاش ئارقىلىق ئورۇقلىغىلى بولىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ باققانمۇ؟ بۇنداق ئورۇقلاش ئۇسۇلىنىڭ پىرىنسىپى ئۇخلاش ئارقىلىق ئېنېرگىيەنى خورىتى
تار ئىشتان كىيىشنىڭ سالامەتلىككە بولغان 3 خىل تەسىرى ئەلداۋادىن ساغلاملىق يېتەكچىسى : 1.تار ئىشتان ساغرا قىسمىنى چىڭ سىقىپ تۇرغاچقا، ساغرا ۋە تاناسىل ئەزالارنىڭ قان ئايلىنىشىغا تەسىر يېتىدىكەن. شۇنداقلا ئولتۇرغۇچىلار
ئۇخلاش ھالىتىگە قاراپلا بىلگىلى بولىدىغان 10 خىل كېسەللىك ئەلداۋا ساغلاملىق يېتەكچىسى : تەننىڭ ياخشى بولۇش بولماسلىقىنى ئۇخلاش قىياپىتى گە قاراپلا بىلگىلى بولىدۇ. ئۇخلاش ھالىتىگە قاراپلا 10 خىل كېسەللىكنى بىلگىلى بولىدۇ. ئا
