ئىنسۇلىن ئۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالغاندا قانداق قىلىش كېرەك؟

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/09/12 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

زىيابىتۇس(دىيابېت) كېسىلى بىمارلىرى بەزىدە ئىنسۇلىن ئۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا تولۇقلاپ ئۇرسا بولامدۇ؟ قانداق تولۇقلاپ ئۇرۇش كېرەك؟

بېيجىڭ چىڭخۇا چاڭگېڭ(ۋېنېرا) دوختۇرخانىسى ئىچكى ئاجراتما كېسەللىرى بۆلۈمىنىڭ كاندىدات مۇدىر ۋىراچى جاۋ ۋېنخۈي، دوختۇر ۋاڭ يەنلېي بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: زىيابىتۇس بىمارلىرىغا نىسبەتەن ئەڭ مۇھىم بولغىنى يېمەك ـ ئىچمەك، تەرتىپلىك چېنىقىشقا كاپالەتلىك قىلىش، ۋاقتىدا دورا ئىشلىتىش، قان قەنتىنى ئۆلچەشكە دىققەت قىلىش بىلەن بىرگە، يەنە قان قەنتى تۆۋەنلەپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش. ئىنسۇلىن ئۇرىدىغان زىيابىتۇس بىمارلىرى بەزىدە ئىنسۇلىن ئۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالىدۇ ياكى شارائىت يار بەرمەسلىك سەۋەبىدىن ئىنسۇلىن ئۇرالماي قالىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئۇرۇلمىغان ئىنسۇلىننىڭ تۈرى ۋە بىمارنىڭ بەدەن ئەھۋالىغا قاراپ، مۇناسىپ تەدبىر قوللىنىش زۆرۈر.

تېز ئۈنۈملۈك ئىنسۇلىن(速效胰岛素) تۈرىدىكى دورىلارنىڭ ئۈنۈمى تېز كۆرۈلىدۇ، ئادەتتە تاماقتىن بۇرۇن ئۇرۇلىدۇ. ئەگەر، تاماقتىن بۇرۇن تېز ئۈنۈملۈك ئىنسۇلىن تۈرىدىكىلەر(ئاسپاراگىن ئىنسۇلىن‹门冬胰岛素›، لەيپۇ ئىنسۇلىن‹赖脯胰岛素›، گۇلەي ئىنسۇلىن‹谷赖胰岛素›)نى ئۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالغاندا تاماقتىن كېيىن دەرھال تولۇقلاپ ئۇرسا بولىدۇ، بۇنىڭدا قان قەنتىگە بەك چوڭ تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. قىسقا ئۈنۈملۈك ئىنسۇلىن(短效人胰岛素) تاماقتىن 30 مىنۇت بۇرۇن ئۇرۇلىدۇ، ئەگەر تاماقتىن بۇرۇن قىسقا ئۈنۈملۈك ئىنسۇلىن(بىيولوگىيەلىك بىرىكتۈرۈلگەن سۈنئىي ئىنسۇلىن‹生物合成人胰岛素›، قايتا گۇرۇپپىلانغان سۈنئىي ئىنسۇلىن ئوكۇلى‹重组人胰岛素注射液›) ئۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالسا، تاماقتىن كېيىن ئەسلىدىكى مىقدار ئاساسىدا %10 - %20 ئازايتىپ ئۇرسا بولىدۇ. ئەگەر، تېز ئۈنۈملۈك ئىنسۇلىن تۈرىدىكى دورىلار ياكى قىسقا ئۈنۈملۈك ئىنسۇلىن ئۇرۇشنى ئۇنتۇپ قېلىپ، تاماقتىن كېيىن 2 سائەتتىن ئېشىپ كەتكەن بولسا، تولۇقلاپ ئۇرماسلىق ياكى قان قەنتىنى ئۆلچەپ، قان قەنتى سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسەن بىرتەرەپ قىلىش كېرەك.

ئەگەر، ناشتىدىن بۇرۇن قىسقا ئۈنۈملۈك ئىنسۇلىننىڭ ئالدىن ئارىلاشتۇرۇلغان ئىنسۇلىن(预混胰岛素)نى ئۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالغان بولسا، تاماقتىن كېيىنلا بايقىسا، تولۇقلاپ ئۇرۇش پىرىنسىپى يۇقىرىدىكىگە ئوخشاش. ئەگەر، ئېسىگە كەلگەندە ئاللىقاچان چۈش بولۇپ قالغان بولسا، چۈشلۈك تاماقتىن ئىلگىرى ناشتىدىن بۇرۇنقى ئۇرىدىغان ئەسلى مىقدارنىڭ يېرىمىچىلىكنى تولۇقلاپ ئۇرسا بولىدۇ. ناۋادا، كەچلىك تاماقتىن ئىلگىرى ئالدىن ئارىلاشتۇرۇلغان ئىنسۇلىننى ئۇرۇشنى ئۇنتۇپ قېلىپ، ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئېسىگە كەلسە، بۇ خىل ئىنسۇلىننى تولۇقلاپ ئۇرۇشقا بولمايدۇ. ئوتتۇرا ئۈنۈملۈك ئىنسۇلىن(中效胰岛素)نى تولۇقلاپ ئۇرسا بولىدۇ، مىقدارنى ئازايتىپ، كەچلىك تاماقتىن ئىلگىرى ئۇرىدىغان ئەسلى مىقدارنىڭ 1/2ـ 2/3 ىچىلىك بولسا بولىدۇ. ئەگەر، ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئوتتۇرا ئۈنۈملۈك ئىنسۇلىن(ساپ ئاقسىللىق بىيو بىرىكتۈرۈلگەن سۈنئىي ئىنسۇلىن‹精蛋白生物合成人胰岛素›، ساپ ئاقسىل، سىنكلىق قايتا گۇرۇپپىلانغان سۈنئىي ئىنسۇلىن‹精蛋白锌重组人胰岛素›) ئۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالغان بولسا، ئەتىسى سەھەردە ئوتتۇرا ئۈنۈملۈك ئىنسۇلىن ئەسلى مىقدارىنىڭ 1/3-1/4 ىچىلىك تولۇقلاپ ئۇرسا بولىدۇ. ناۋادا، ئۇزۇن ئۈنۈملۈك ئىنسۇلىن(长效胰岛素‹甘精胰岛素、地特胰岛素›)نى ئۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالغان بولسا، ئۇزۇن ئۈنۈملۈك ئىنسۇلىن ئەسلى مىقدارنىڭ 1/2-1/3 ىچىلىك ئۇرسا بولىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر