بەزى كىشىلەر ماشىنىغا ئولتۇرسا نمىشقا بېشى قايىدۇ؟ جاۋابى بۇ يەر

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/09/12 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

كۆپ قىسىم ۋاقىتلاردا، سىزنىڭ ساياھەتكە چىققاندىكى شاد-خۇراملىق كەيپىياتىڭىزنى بۇزىدىغىنى، ئادەم دېڭىزى بولۇپ كەتكەن مەنزىرە رايونى بولماستىن، بەلكى ماشىنىغا ئولتۇرغاندا باش قېيىشتۇر!

 

ماشىنىدا ئولتۇرغاندا باش قېيىش، پاراخوتقا ئولتۇرغاندا باش قېيىش، كۆڭلى ئاينىشتىن كېلىپ چىققان باش قېيىش، باش ئاغرىش، كۆڭلى ئېلىشىش، ياندۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللار، مېدىتسىنادا «قاتناش قوراللىرىغا ئولتۇرغاندا باش قېيىش كېسىلى» دەپ ئاتىلىدۇ.

قاتناش قوراللىرىغا ئولتۇرغاندا باش قېيىش كېسىلى، ئادەتتە ئادەم بەدىنىنىڭ ئىچكى قۇلاقتىكى تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچى ئەزا ـ ئىچكى قۇلاق دالانچىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىلىدۇ.

ئىچكى قۇلاق دالانچىسى زىيادە سېزىمچان ياكى تولۇق يېتىلمىگەن بولسا، ئاۋتونومىك نېرۋا سىستېمىسى ئىقتىدارىنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن قاتناش قوراللىرىغا ئولتۇرغاندا باش قېيىش كېلىپ چىقىدۇ.

ماشىنىغا ئولتۇرغاندا ئاسانلا بېشى قېيىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى تەڭپۇڭلۇق ئىقتىدارىنىڭ ناچارلىقىدىندۇر

دالانچە ئىچكى قۇلاققا جايلاشقان بولۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ تەڭپۇڭلۇق ئىقتىدارىنى ساقلايدىغان مۇھىم ئەزا ھېسابلىنىدۇ.

كىشىلەر ئولتۇرغان قاتناش قوراللىرى تۇيۇقسىز قوزغالغاندا، سىلكىنگەندە، تۇيۇقسىز تورمۇز تۇتقاندا، ياكى باغچىلاردىكى ئايلانما ئويۇنچۇقلارغا ئولتۇرغاندا، ئادەم «تەۋرىنىش» ھالىتىدە بولىدۇ، سىلكىنىش دالانچىنى ئوڭ-سولغا تەۋرەندۈرۈپ، قالايمىقان ئۇچۇرلارنى مېڭىگە ئۈزلۈكسىز ئەۋەتىدۇ، ئىچكى قۇلاقنىڭ تەڭشەش ئىقتىدارى يېتىشەلمىگەندە، ئادەم بېشىنىڭ قايغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ.

ماشىنىغا ئولتۇرغاندا، باشنى تۆۋەن قىلىپ يانفونغا قارىغاندا، گېزىت كۆرگەندە، ياكى دېرىزىدىن سىرتقا قارىغاندا، باش تېخىمۇ ئوڭايلا قايىدۇ، چۈنكى بۇ ھەرىكەتلەرنى قىلغاندا، كۆز بۇ نەرسىلەرنى كەينى تەرەپكە مېڭىۋاتقاندەك ھېس قىلىدۇ، لېكىن ئىچكى قۇلاق دالانچىسى بولسا بەدەننىڭ ئالدىغا ماڭغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ، كۆرۈش سېزىمى بىلەن تەڭپۇڭلۇق سېزىمى توقۇنۇشۇپ، مېڭىنى قالايمىقانلاشتۇرىدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، باش قېيىش كېلىپ چىقىدۇ.

قۇرامىغا يەتمىگەن كىچىك بالىلار ۋە قۇرامىغا يەتكەن ئاياللار ماشىنىغا ئولتۇرغاندا ئاسانلا بېشى قايىدۇ، لېكىن ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئىچكى قۇلاق دالانچىسى تولۇق يېتىلىپ، بۇ كېسەللىكمۇ تەدرىجىي يوقايدۇ.

 

ئادەتتە ماشىنىغا ئولتۇرسام بېشىم قايمايدىغان ئادەم، نېمە ئۈچۈن بۇ قېتىم بېشىم قايىدۇ؟

ماشىنىغا ئولتۇرغاندا بەزىدە باش قېيىش، بەلكىم ئارام ئېلىش ياخشى بولماسلىق، روھىي كەيپىياتى ناچار بولۇش، ئىممۇنىتېت كۈچى ئاجىزلاش، ئۆز ئۆزىنى بېشى قايىدىغاندەك ھېس قىلىش كۈچلۈك بولۇش قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.

زۇكام بولۇپ قالغاندا، ۋىرۇسلار ئىچكى قۇلاق قىسمىغىمۇ زەخىم يەتكۈزۈپ، ماشىنىغا ئولتۇرغاندا باش قېيىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

بۇنىڭدىن سىرت، تۇرغان مۇھىت يىپىق، دىمىق، قىستاڭچىلىققا تولغان، بېنزىن پۇرىقى كۈچلۈك بولۇش قاتارلىق سەۋەبلەرمۇ ئوڭايلا ماشىنىدا ئولتۇرغاندا باش قېيىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 

ئاز ساندىكى كىشىلەردە ماشىنىغا ئولتۇرۇشتىن بۇرۇنلا، باش قېيىش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ، بۇ ئادەتتە پىسخىك تەسىرىدىندۇر.

ئەگەر يېقىندىن بۇيان، ماشىنىغا ئولتۇرغاندا، پات-پاتلا باش قېيىش كۆرۈلۈپ قالسا، بەلكىم ئاشقازان كېسىلى ياكى ھەزىم قىلىش ناچار بولۇش بولغانلىقىدىن بولۇشى مۇمكىن، ئەگەر مەيدە چىڭقىلىش قوشۇلۇپ كەلسە، بەلكىم بۇرۇن كاۋىكى ياللۇغى سەۋەبىدىن بولۇشى مۇمكىن، بۇ چاغدا ئەڭ ياخشىسى دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ بېقىش كېرەك.

 

قانداق قىلغاندا ماشىنىغا ئولتۇرغاندا باش قېيىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟

ماشىنىغا ئولتۇرۇشتىن بۇرۇن، بەك تويۇنىۋالماسلىق كېرەك.

زىيادە تويۇنۇۋالغاندا ياكى ھەزىم قىلىش تەس بولغان، ئاسانلا ئاشقازان كىسلاتاسى پەيدا قىلىدىغان، ئاشقازاننى كۆپتۈرىدىغان يېمەكلىكلەرنى، مەسىلەن كاربونات كىسلاتالىق ئىچىملىكلەر، ئاپلىسېن قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلغاندا، ئاسانلا ياندۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 

ماشىنىغا ئولتۇرغاندا سالقىنلىتىش مېيى سۈركەش كېرەك.

بۇ خىل تۈردىكى مايلار سىمپاتىك نېرۋىلارنى روھلاندۇرۇپ، قوشۇمچە سىمپاتىك نېرۋىلارنى چەكلەيدۇ.

زەنجىۋىل، ئاپېلسىن پوستى قاتارلىقلار ئاشقازاننىڭ لۆمۈلدىشىنى چەكلەپ، ئاشقازاننىڭ بىئاراملىقىنى پەسەيتىدۇ، ماشىنىدا باش قايغاندا ئازراق ئىستېمال قىلغاندا، بەلگىلىك رولى بولىدۇ.

ماشىنىغا چىقىشتىن يېرىم سائەت بۇرۇن، ماشىنىدا باش قېيىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش دورىسىنى ئىستېمال قىلىش كېرەك.

ماشىنىدا باش قېيىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش دورىسى ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ، بىر تۈرى M قوبۇللىغۇچىنى ئۈزگۈچى دورىلار، يەنە بىر تۈرى H قوبۇللىغۇچىنى ئۈزگۈچى دورىلار، ماشىنىغا ئولتۇرغاندا كۆپىنچە بېشى قايىدىغانلار ئەڭ ياخشىسى ئۆزىگە ماس كېلىدىغان دورىلارنى يېنىدا ئېلىپ يۈرۈپ، ماشىنىغا چىقىشتىن يېرىم سائەت بۇرۇن ئىستېمال قىلىۋېلىشى كېرەك.

دىققىتىنى بۇراش ئۇسۇلى.

باش قېيىشنىلا ئويلاپ تۇرۇۋالماي، باشقىلار بىلەن كۆپرەك پاراڭلىشىپ، دىققىتىنى بۇراش كېرەك.

ئالدىدىكى ئورۇندا ئولتۇرۇپ، دېرىزىنى ئېچىۋېتىش كېرەك.

قاتناش قوراللىرىغا ئولتۇرغاندا ئىمكانقەدەر ئالدىنقى رەتتىكى ئورۇنلاردا ئولتۇرغاندا، تەۋرىنىش كىچىك بولۇپ، زىيادە تەۋرىنىشتىن كېلىپ چىققان باش قېيىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولىدۇ؛ شارائىت يار بەرگەندە، دېرىزىنى ئېچىپ، ھاۋانىڭ ئالمىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

كۆزنى يۇمۇپ ئارام ئېلىش كېرەك.

ماشىنىغا ئولتۇرغاندا، يانفونغا قارىۋالماي، كۆزنى يۇمۇپ، كۆرۈش سېزىمىنى سىرتقى مۇھىت بىلەن پۈتۈنلەي ئۈزگەندە، باش قېيىشنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر