باش كۈزدە زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/09/16 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

1. باش كۈزدە زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىش

ھاۋا ئالماشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش: ئەتىگەن، چۈش ۋە كەچقۇرۇن ئىشىك، دېرىزىلەرنى 20 مىنۇت ئەتراپىدا ئېچىپ، ئۆي ئىچى ھاۋاسىنى ئالماشتۇرسا، باكتېرىيەلەرنىڭ كۆپىيىشىنى تىزگنىلىگىلى بولىدۇ.

ئاخشىمى ئۇخلاشتىن بۇرۇن دېرىزىنى يېپىۋېتىش: كېچىسى سىرتنىڭ تېمپېراتۇرىسى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدۇ، شۇڭا ئاخشىمى ئۇخلاشتىن بۇرۇن دېرىزىنى يېپىۋېتىپ ئۇخلاش كېرەك. بۇنىڭدا سوغۇق تېگىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

تۇرمۇشى تەرتىپلىك بولۇش: خىزمەت بىلەن دەم ئېلىشنى مۇۋاپىق بىرلەشتۈرۈپ، تەرتىپلىك تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق.

مۇۋاپىق چېنىقىش: كۆپرەك چېنىقسا، بەدەننىڭ كېسەلگە تاقابىلچانلىقىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

ئەتىگەن، كەچتە قېلىنراق كىيىنىش: كۈزدە ئەتىگەن، كەچتە ھاۋا سەل سوغۇق بولىدۇ، شۇڭا سىرتقا چىققاندا سەل قېلىنراق كىيىنسە، سوغۇق تېگىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

تەڭپۇڭ ئوزۇقلىنىش: ھاۋا سوۋۇغانسېرى ئىشتىھا ئېچىلىپ قالىدۇ. شۇڭا، بەدەننى قۇۋۋەتلەپ، ئۆپكىگە ھۆللۈك يەتكۈزىدىغان يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق يېيىش كېرەك.

2. يېمەك - ئىچمەك ئارقىلىق زۇكامنى داۋالاش

زاغرا بېلىق ـ زەنجىۋىل شورپىسى ئىچىش:

 ئاۋۋال زاغرا بېلىق(ئوتخور بېلىق 草鱼)نى تازىلاپ، ياپىلاقلاپ، زەنجىۋىلنى قەلەمچە قىلىپ، ئاندىن مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇنى قاينىتىپ، ئۈستىگە زەنجىۋىل سېلىپ، سۇ يەنە بىر قېتىم ئۆرلىگەندە بېلىقنى سېلىپ پىشقىچە قايناتسا بولىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ ياخشى كۆرۈشى بويىچە تەمخۇرۇچ قوشۇپ، ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.

زەنجىۋىل ـ يازلىق غولپىياز قاينىقى ئىچىش:

 زەنجىۋىل، يازلىق غولپىيازنى توغراپ، بىر قاچا قايناۋاتقان سۇغا سېلىپ، يېرىم قاچا قالغۇچە قاينىتىپ، ئاندىن ئىچسە بولىدۇ.

 جۇخار گۈلى ـ ئالقات چېيىنى كۆپرەك ئىچىش:

جۇڭگو تېبابىتىدە، كۈزدە بەدەننىڭ قۇرۇق ئىسسىقى ئېشىپ كېتىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. قۇرۇق ئىسسىق خىلىتلارنى ئاسان زىيانغا ئۇچرىتىدۇ، مەسىلەن، ئېغىز، بۇرۇن قۇرغاقلىشىش، تېرە قۇرغاقلىشىپ قىچىشىش قاتارلىقلار. كۈزدە دائىم جۇخار، ئالقات چېيى ئىچسە، قۇرۇق ئىسسىقنى مۇئەييەن دەرىجىدە يېنىكلىتىدۇ. خاڭجۇ ئاق جۇخار گۈلى(杭白菊) بىلەن ئالقاتنىڭ ھەرقايسىسىدىن 10g ئېلىپ، چەينەكتە دەملەپ، 10 مىنۇتتىن كېيىن ئىچسە بولىدۇ.

گەرچە، بۇ خىل چاينىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولسىمۇ، ئەمما بەزى كىشىلەرنىڭ ئىچىشىگە ماس كەلمەيدۇ، يەنى زۇكامداپ ئىسمىدىغانلار، بەدىنىدە ياللۇغ بارلار، ئىچى سۈرۈپ قالغانلار ئەڭ ياخشىسى ئىچمەسلىكى كېرەك.

3. زۇكامنى داۋالاش رېتسېپلىرى

50gدىن ئوسما يىلتىزى، ئوسما يوپۇرمىقى، 30gدىن ياۋا جۇخار گۈلى، ئۇچقاتنى ئىستاكانغا سېلىپ، قايناق سۇدا دەملەپ، چاي ئورنىدا ئىچسە، زۇكامنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، تارقىلىشچان مېڭە ياللۇغىغا ۋە نەپەس يولى يۇقۇملىنىشقا نىسبەتەن ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.

30g دىن سەرخىس(贯众)، ئوسما يىلتىزى، 15gچۈچۈكبۇيىنى قايناق سۇدا دەملەپ ئىچسە، تارقىلىشچان ۋىرۇسلۇق زۇكامغا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ ھەمدە ئىسسىقنى ياندۇرۇپ، زەھەر قايتۇرىدۇ.

ئۈچ پارچە زەنجىۋىل بىلەن مۇۋاپىق مىقداردىكى قارا شېكەرنى قايناق سۇدا دەملەپ كۈندە 1 - 2 قېتىم ئىچسە، سوغۇقتىن بولغان زۇكام، ئىسمىداش، باش ئاغرىش، يۆتىلىش، كۆڭلى ئاينىش، قۇسۇش، قورساق كۆپۈش، ئاشقازان ئاغرىش قاتارلىقلارغا شىپا قىلىدۇ.

3g دىن زەنجىۋىل، رەيھان يوپۇرمىقى(紫苏叶)نى قايناق سۇدا 10 مىنۇت دەملەپ، كەچتە ئىچسە، سوغۇقتىن بولغان زۇكام، باش ئاغرىش، ئىسمىداش قاتارلىقلارغا شىپا قىلىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر