سەبرە يېلىمى ئاپتاپتا كۆيگەن تېرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/09/16 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

سەبرە(ئالوي) يېلىمى ئاپتاپتا كۆيگەن تېرىنىڭ قىچىشىش ۋە بىئاراملىقىنى ئۈنۈملۈك يەڭگىللىتىش، كۆيگەندىن كېيىنكى تېرە چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تېرىنىڭ قايتا ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىغا ئىگە. ئادەتتە ئىشلىتىلىدىغان تېرە سىلىقلاش مايلىرىنىڭ تەركىبىدە سەبرە بولغاچقا، تېرىنى ئاسراش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش رولى بار.

سەبرە يېلىمىنى ئىشلىتىش ئۇسۇلى ناھايىتى ئاددىي بولۇپ، ئاپتاپتا كۆيگەن ئورۇنلارغا تەكشى سۈرسىلا بولىدۇ، ئەگەر زۆرۈر بولسا تەكرار سۈرسىمۇ بولىدۇ. ئەمما، ئۇنىڭ ئىشلىتىلىش ۋاقتىغا ناھايىتى دىققەت قىلىش كېرەك، ئادەتتە تېرە ئاپتاپتا كۆيگەندىن كېيىنكى 72 سائەت ئىچىدە تۆت باسقۇچ بويىچە ئىشلەتسە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.

بىرىنچى باسقۇچ: تېرىنىڭ ئاپتاپتا كۆيگەنلىكى بايقالغان ھامان سۈرۈپ يارىنى تۇراقلاشتۇرۇش؛

ئىككىنچى باسقۇچ: تېرە ئاپتاپتا كۆيۈپ 3 - 6 سائەت ئىچىدە سۈرۈپ سۇ تولۇقلاش؛

ئۈچىنچى باسقۇچ: تېرە ئاپتاپتا كۆيۈپ 24 48 سائەت ئىچىدە سۈرۈپ، ماي تولۇقلاش؛

تۆتىنچى باسقۇچ: تېرە ئاپتاپتا كۆيۈپ 48 - 72 سائەت ئىچىدە سۈرۈپ، تېرىنى ئاقارتىش ھەم ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىش كېرەك.

بۇلارنىڭ ئىچىدە ئالدىنقى ئىككى باسقۇچ ئەڭ مۇھىم بولۇپ، سەبرە يېلىمىنى ئۆز ۋاقتىدا ئىشلىتىش كېرەك، ئەگەر ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسە، ئۈنۈمى بولمايدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر