ئورتاق ئىشلىتىشكە بولمايدىغان بۇيۇملار

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/09/16 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

1. ئەتىر سوپۇن

ئادەتتە، ئەتىر سوپۇننىڭ ئاستى قىسمى بىرقەدەر نەم تۇرىدىغان ھەم ئارىلاش زەمبۇرۇغلار ئاسان پەيدا بولىدىغان ياخشى ماكان بولغاچقا، ئەتىر سوپۇن ئورتاق ئىشلىتىلسە، ئىشلەتكۈچىلەر ئارىسىدا ئاسانلا گىرەلەشمە يۇقۇملىنىش پەيدا قىلىشى مۇمكىن. شۇڭا، ئەتىر سوپۇننى ئامال بار ئورتاق ئىشلەتمەي، ئۇنىڭ ئورنىغا سۇيۇق قول سوپۇنى ئىشلىتىش كېرەك.

2. بۆك ۋە تارغاق

 بۆك ۋە تارغاقنى ئورتاق ئىشلەتسە، ئاسانلا تۈرلۈك باكتېرىيەلەر ئارقىلىق گىرەلەشمە يۇقۇملىنىشنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.

3. تىرناق ئالغۇچ

ئادەتتە، تىرناق ئالغۇچ قاتارلىق تىرناق ياساش قوراللىرى ئارقىلىق تىرناق ئالغان ياكى تىرناق ياسىغان چاغلاردا، بەزىدە ئېھتىياتسىزلىقتىن تېرە كېسىلىپ كېتىدۇ. ئەگەر، بۇ قوراللار پاكلانماي(دېزىنفېكسىيە قىلىنماي) ئورتاق ئىشلەتسە، C تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى ۋە سېرىق ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيەسى بىلەن يۇقۇملىنىش مۇمكىن.

4. تىڭشىغۇچ

تىڭشىغۇچنى ئۇزۇن مۇددەت ئىشلەتسە، باكتېرىيە بىلەن بۇلغىنىدۇ، ئەگەر پاكلىمايلا ئورتاق ئىشلەتسە، باكتېرىيە ئاسانلا قۇلاقتىن قۇلاققا تارقىلىشى، مۇمكىن.

5. گىرىم بۇيۇملىرى

ئادەتتە، لەۋ سۇرۇخ ۋە كىرپىك لاكلىرىنىڭ كۆپ قىسمىدا چىرىشتىن ساقلاش دورىسى بولۇپ، باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش رولىغا ئىگە بولىدۇ، ئورتاق ئىشلەتسىمۇ نىسبەتەن بىخەتەر بولىدۇ. ئەمما، ئىشلەتكۈچى كۆز قىزىرىش كېسىلى ۋە تارقىلىشچان زۇكام قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللەرگە گىرىپتار بولغان بولسا، لەۋ سۇرۇخ ۋە كىرپىك لاكلىرىنى ئورتاق ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

6. ساقال ئالغۇچ

ساقال ئالغۇچ ئادەتتە تېرىنى ئاسان كېسىپ قويىدىغان ھەم ئاسانلا قان ئارقىلىق كېسەل يۇقتۇرىدىغان بولغاچقا، ئورتاق ئىشلەتسە ناھايىتى ئاسانلا B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى قاتارلىقلار بىلەن يۇقۇملىنىشى مۇمكىن. شۇڭا، تىغلىق بۇيۇملارنى ئورتاق ئىشلەتمەسلىك ياكى ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن پاكلاشقا دىققەت قىلىش كېرەك.

7. چىش چوتكىسى

چىش چوتكىسىنى ئورتاق ئىشلەتسە، چوتكا قىللىرىغا يېپىشىۋالغان باكتېرىيەلەر ئاسانلا ئېغىز ئارقىلىق تارقىلىدۇ، بولۇپمۇ چىش مىلىكى ياكى ئېغىز بوشلۇقىدا يارا بولسا، يۇقۇملىنىشنىڭ خەۋپى تېخىمۇ زور بولىدۇ.

8. مۇنچاق

مۇنچاق سېلىش جەريانىدا ياكى  چىقىرىش جەريانىدا قۇلاق يارىلانغان بولسا، قان ئارقىلىق تۈرلۈك كېسەللەر بىلەن يۇقۇملىنىش ئېھتىمالى بولىدۇ. شۇڭا، مۇنچاقنى قۇلاقتىن چىقارغاندىن كېيىن پاكلاش ھەم ئىمكانقەدەر ئورتاق ئىشلەتمەسلىك كېرەك.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر