كالتسىينى قالايمىقان تولۇقلاش يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/09/25 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

«ئامېرىكا مېدىتسىنا جەمئىيىتى ژۇرنىلى»دا ئېلان قىلىنغان بىر تەتقىقات نەتىجىسىدىن بايقىلىشىچە، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىرىنىڭ پەيدا بولۇشى قاندىكى كالتسىي سەۋىيەسىگە مۇناسىۋەتلىك گېننىڭ توساتتىن ئۆزگىرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. بىمار كالتسىي تولۇقلاش دورىلىرىنى قالايمىقان ئىستېمال قىلسا، قاننىڭ كالتسىي سەۋىيەسى ئۆرلەپ، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى ۋە يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى قاتارلىق يۈرەك قان تومۇر كېسەللىرىنىڭ يۈز بېرىش خەتىرىنى ئاشۇرىۋېتىدىكەن.

 شىۋېتسىيە كارولىنسكا تېببىي ئىنستىتۇتى ئوزۇقلۇق ئارقىلىق تارقىلىدىغان كېسەللەر ئىلمى مۇتەخەسسىسى، دوكتور سۇزان لارسېن ۋە تەتقىقات گۇرۇپپىسى 180 مىڭ كىشى قاتناشقان قان كالتسىيسى يۇقىرى بولۇشقا ئالاقىدار يەككە نۇكلېئوتىدنىڭ كۆپ ھالەتلىك خۇسۇسىيىتى(ئىنسانلاردا بولىدىغان ئىرسىيەتلىك ئۆزگىرىش جەريانىدا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىلى بولۇپ، بۇ گېن گۇرۇپپىسى سەۋىيەسىدە يەككە نۇكلېئوتىدنىڭ ئۆزگىرىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان DNA رېتىنىڭ كۆپ خىل ھالەتلىك خۇسۇسىيىتىنى كۆرسىتىدۇ) بىلەن يۈرەك قان تومۇر كېسىلى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەكشۈرگەن ۋە تەتقىق قىلغان. تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، تەخمىنەن 60 مىڭ قاتناشقۇچى تاجىسىمان سوققاق تومۇر كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، دەپ دىياگنوز قويۇلغان. بۇنىڭ ئىچىدە تەخمىنەن %70 كىشىدە يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى كۆرۈلگەن، قالغان 120 مىڭ قاتناشقۇچىدا تاجىسىمان سوققاق تومۇر كېسىلى ئالامىتى كۆرۈلمىگەن. تەتقىقاتچىلار قان سەۋىيەسىگە ئالاقىدار گېننىڭ توساتتىن ئۆزگىرىش نۇقتىسىدىن 6 نى ئېنىقلاپ، %0.8 قان كالتسىيسىنىڭ بىنورمال ئۆزگىرىشىنى مۇشۇ 6 نۇقتىدىكى گېننىڭ توساتتىن ئۆزگىرىشى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. مۇناسىۋەتلىك گېننىڭ توساتتىن ئۆزگىرىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان قاننىڭ كالتسىي سەۋىيەسى ھەر 0.5mg/L ئۆرلىگەندە يۈرەك قان تومۇر كېسەللىرىنىڭ قوزغىلىش خەۋپى 1.25 ھەسسە يۇقىرىلاپ، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى قوزغىلىش خەۋپى 1.24 ھەسسە ئاشىدىكەن. قاننىڭ كالتسىي سەۋىيەسى يۇقىرى بولۇشقا مۇناسىۋەتلىك گېننىڭ توساتتىن ئۆزگىرىشى تاجىسىمان سوققاق تومۇر كېسىلى ۋە يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنىڭ قوزغىلىش خەۋپىنى ئاشۇرىۋېتىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر شۇنى ئەسكەرتىدۇكى: كالتسىينى چوقۇم دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە تولۇقلاش كېرەك، بولمىسا ئەكس تەسىر پەيدا قىلىشى مۇمكىن.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر