كالتسىي تولۇقلاشتىكى ئەڭ ياخشى پەيتنى بىلەمسىز؟

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/09/25 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

مەنبە :شىنجاڭ پەن-تېخنىكا گىزىتى

ئادەمنىڭ ئۆمرىدە ئىككى مەزگىلدە ئەڭ ئاسان كالتسىي كەملىك كۆرۈلىدۇ. بىرى، بوۋاق ۋە بالىلىق مەزگىلى بولۇپ، ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلىدە كالتسىيغا بولغان ئېھتىياجى يۇقىرى بولىدۇ؛ يەنە بىرى، ياشانغان مەزگىل بولۇپ، كالتسىي خوراپ كېتىش كۆرۈنەرلىك بولىدۇ. شۇڭا، بۇ ئىككى مەزگىلدە كالتسىي تولۇقلاش كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، ئاياللار ئىككىقات مەزگىل ۋە ئېمىتىش مەزگىلىدە كالتسىي كەملىك كۆرۈلىدۇ، بۇ مەزگىلدە بىر ئادەم ئىككىيلەننىڭ ئوزۇقلۇقىنى تەمىنلەيدىغان بولغاچقا، كالتسىي تولۇقلاش زۆرۈر.

بۇلاردىن سىرت، ھەر خىل كېسەللەر سەۋەبىدىن كالتسىينى ياخشى قوبۇل قىلالماسلىق ياكى كالتسىي خوراپ كېتىشى ئېغىر كىشىلەر، مەسىلەن، ئاشقازان، ئۈچەي يولى كېسىلى، زىيابىتۇس(دىيابېت) كېسىلى بىمارلىرى قاتارلىقلارمۇ كالتسىي تولۇقلىمىسا بولمايدۇ، شۇنداقلا بىرلەمچى كېسەللىرىنى داۋالىشى زۆرۈر.

ئەڭ ياخشى كالتسىي تولۇقلاش ۋاقتى ئۇخلاشتىن بۇرۇن

ئالىملار ئادەم بەدىنىدىكى كالتسىي مېتابولىزمىنىڭ فىزىيولوگىيەلىك رولى ئۈستىدىكى تەتقىقاتتىن بىر كۈن ئىچىدە كالتسىي تولۇقلاشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتىنىڭ ئاخشىمى ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئىكەنلىكىنى بايقىغان.

كۈندۈزى 3 ۋاخ تاماقتا  بەدەن تەخمىنەن 500mg -400mgكالتسىي قوبۇل قىلالايدۇ، بەدەننىڭ كالتسىي تەڭشەش مېخانىزمىنىڭ رولىدا ئارتۇقچە كالتسىي سۈيدۈك ئارقىلىق چىقىرىۋېتىلىدۇ، قان يېمەك - ئىچمەك ئارقىلىق كالتسىي تولۇقلاپ، كالتسىي تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلايدۇ.

ئەمما، كېچىدە سۈيدۈكتىكى كالتسىي يەنىلا چىقىپ كېتىدۇ، قاندىكى كالتسىينىڭ بىر قىسمى ئاجرىلىپ چىقىپ، چىقىپ كەتكەن كالتسىينى تولۇقلايدۇ. قاندىكى نورمال كالتسىي سەۋىيەسىنى ساقلاش ئۈچۈن، بەدەن كالتسىينى زاپاس ساقلايدىغان سۆڭەكتىن بىر قىسىم كالتسىينى ئىشلىتىدۇ.

يەنە بىر جەھەتتىن، بەدەندىكى ھەر خىل كالتسىي مېتابولىزمىنى تەڭشەيدىغان ھورمۇنلارنىڭ كېچە ۋە كۈندۈزدە ئاجرىلىپ چىقىشى ئوخشاش بولمايدۇ. ئادەتتە، قاننىڭ كالتسىي سەۋىيەسى كېچىدە تۆۋەنرەك، كۈندۈزدە يۇقىرىراق بولىدۇ. كېچىدىكى قان كالتسىيسى تۆۋەنلىك كېسىلى قالقانسىمان بەز ھورمۇنى ئاجرىتىپ چىقىرىشنى غىدىقلىشى مۇمكىن، بۇنىڭ بىلەن سۆڭەك كالتسىيسىنىڭ پارچىلىنىشى تېزلىشىدۇ. ئەگەر، ئۇخلاشتىن بۇرۇن كالتسىي تولۇقلايدىغان يېمەكلىكلەرنى يېسە، كېچىدە ئېھتىياجلىق كالتسىينى تولۇقلىغىلى بولىدۇ. شۇڭا، ئۇخلاشتىن بۇرۇن سۈت ئىچسە ياكى باشقا كالتسىي تولۇقلايدىغان يېمەكلىك ۋە دورا ئىستېمال قىلسا، ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.

كالتسىي تولۇقلىغاندا سۇنى كۆپرەك ئىچىش زۆرۈر

دوختۇر بىمارغا كالتسىي دورىسى بەرگەندە دائىم كۆپرەك سۇ ئىچىڭ، دەپ تاپىلايدۇ. ھەممىگە ئايان بولغىنىدەك، كالتسىي ياسالما دورىسىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى كالتسىينىڭ ئېرىشى، كالتسىي ماددىسىنىڭ كېلىش مەنبەسى قاتارلىقلارغا باغلىق. نۇرغۇن كالتسىي دورىلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئازراق ئېرىشچان ياكى ئېرىشچان كالتسىي تۇزلىرى ھېسابلىنىدۇ، سۇنى كۆپرەك ئىچسە، كالتسىي ماددىسى ياخشى ئېرىپ، قوبۇل قىلىنىشى ياخشى بولىدۇ. شۇڭا، كالتسىي تولۇقلاۋاتقانلار سۇنى كۆپرەك ئىچىشى كېرەك.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر