نېمىشقا ئورۇقلىيالمايسىز؟

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/10/13 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

  ئورۇقلاش نىيىتى كۈچلۈك بەزىلەر ناشتىدا قۇيماق، قازان نېنى، ئۇماچ ياكى تۇزكۆك، چۈشتە گۈرۈچ ئېشى، بەرەڭگە قەلەمچىسى يەيدۇ؛ كەچتە ھەرخىل ئوماچ ئىچىدۇ، بىراق ئۇلار يەنىلا «نېمىشقا سەمرىپ كېتىدىغاندىمەن؟» دېگەن سوئالدىن قۇتۇلالمايدۇ. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېيىشتى: «بۇ يۇقىرى كاربونلۇق سۇ بىرىكمىسىنىڭ كاساپىتى، ئۇلار يەۋاتقان نەرسىلەردە بۇ خىل ماددا ئىنتايىن مول».

    مۇتەخەسسىسلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى: «بەزىلەر ھەقىقەتەن ئۇن تائاملىرىنى ياخشى كۆرىدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ ئىشتىھاسىغا چەك قويۇش بىھاجەت، بەلكى ئۇلارغا مۇنداق يېمەكلىك ئادىتىنى تەۋسىيە قىلساقلا كۇپايە: ئاساسلىق تاماقنىڭ ئۈچتەن بىرى يوپۇرماقلىق كۆكتات ۋە گۆش بولسۇن؛ ئەگەر بەرەڭگە، قوناق ۋە قورۇما يېيىشكە توغرا كەلسە، ئۇلارنىڭ يېرىمىنى ئازايتىش كېرەك؛ تاماققا يەنە شاكاللىق مېۋىلەر بىلەن سۈت قوشۇلسا، ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ».

مەنبە : ئۈرۈمچى كەچلىك گىزىتى

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر