چېنىققاندا سەل قاراشقا بولمايدىغان مەسىلىلەر

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/10/13 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 ئۇسساش، كۆڭلى ئېلىشىش. چېنىقىشتىن كېيىن دائىم ئۇسسايمىز، بۇ نورمال ئەھۋال، ئەگەر سۇنى كۆپ ئىچسىمۇ ئۇسسۇزلۇق قانمىسا، كۆڭلى ئېلىشسا، بۇ نورمال ئەھۋال ئەمەس، بەلكى ھەرىكەتنىڭ زىيادە بولۇپ كەتكەنلىكىنىڭ بىشارىتى. شۇڭا ھەرىكەتنى دەرھال توختىتىش بىلەن بىرگە ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ خىزمىتىنى تەكشۈرۈش كېرەك. 

ئاچلىققا چىدامچان بولۇش. كۈچلۈك ھەرىكەتتىن كېيىنلا تاماق يېمەستىن، ئازراق دەم ئالغاندىن كېيىن  يېيىش ياخشى ئادەت ۋە نورمال ئەھۋال. ئەگەر ئۇزۇن مۇددەتكىچە تاماق يېگۈسى كەلمەسلىك ۋە ئىشتىھا تۇتۇلۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە بۇ نورمال ئەھۋال ئەمەس. شۇڭا ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى تەكشۈرتۈش كېرەك. ئەگەر تاماق مىقتارى تۇيۇقسىزلا كۆپىيىپ كەتسە ۋە داۋاملاشسا، ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ ئاجرىتىش خىزمىتىنى تەكشۈرتۈش كېرەك. 

 باش قېيىپ كۆز قاراڭغۇلىشىش. چېنىقىش جەريانىدا بەزى پىرقىراش ھەرىكىتىنى مەشق قىلغاندىن سىرت، باشقا ھەرىكەتلەردە باش قېيىش سەزگۈسى كۆرۈلمەيدۇ. ئەگەر باش قېيىپ كۆز قاراڭغۇلىشىش، كۆڭلى ئېلىشىش ئەھۋاللىرى قىسقا ۋاقىت ياكى ئۇزۇن مەزگىل داۋاملاشسا بۇ مېڭىگە قان يېتىشمەسلىكنىڭ سىگنالى. شۇڭا مېڭە قان تومۇر سىستېمىسى ۋە بويۇن ئومۇرتقۇسىنى  تەكشۈرتۈش كېرەك. 

 باش ئاغرىش. ئادەتتە نورمال چېنىقىش ھەرىكەتلىرىنىڭ ھەممىسىدە ياكى ھەرىكەتتىن كېيىن باش ئاغرىش سەزگۈسى كۆرۈلمەيدۇ. ئەگەر باش ئاغرىش كۆرۈلسە چېنىقىشنى دەرھال توختىتىپ، نېرۋا، يۈرەك، مېڭە قان تومۇر سىستېمىلىرىنى تەكشۈرتۈش كېرەك.

دەم سىقىلىش. چېنىقىش جەريانىدا كۆرۈلىدىغان نورمال ئەھۋال، چېنىقىشنىڭ دەرىجىسىگە قاراپ دەم سىقىلىشمۇ ئوخشىمايدۇ، دەم ئالغاندىن كېيىن ئەسلىگە كېلىدۇ. بۇ نورمال ئەھۋال. ئەگەر ئازراق چېنىقسىمۇ ھاسىرىسا ھەمدە خېلى ئوزاق دەم ئالسىمۇ ئەسلىگە كېلەلمىسە، بۇ نورمال ئەھۋال ئەمەس، يەنى ئۆپكە زەخمىلەنگەنلىكنىڭ سىگنالى. بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلسە، چېنىقىشنى توختىتىش كېرەك.

كۆكرەك تەرلەش. چېنىققاندا تەرلەيمىز. ئەگەر چېنىقىش زىيادە بولۇپ كەتسە، كۆكرەك تەرلەيدۇ ھەمدە نەپەس يېتىشمەي قالىدۇ. بۇ ئېھتىمال يۈرەكنىڭ تەسىرگە ئۇچرىغانلىقىنىڭ سىگنالى بولۇشى مۈمكىن. شۇڭا بۇ ۋاقىتتا كۈچلۈك ھەرىكەتنى دەرھال توختىتىش كېرەك. 

بوغۇم ئاغرىش. ئەگەر بوغۇم ۋە بوغۇم ئەتراپى ئاغرىسا ھەمدە بوغۇملارنىڭ ئىقتىدارىدا توسالغۇ كۆرۈلسە، پەيلەرنىڭ سوزۇلۇپ كەتكەن-كەتمىگەنلىكىنى ئويلىشىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا ئاياللارنىڭ بەدەن قۇۋۋىتى بىر قەدەر ئاجىز بولغاچقا، چېنىقىش جەريانىدا تىز بوغۇمدىكى لېپەك سۆڭىكى ئاسانلا زەخمىلىنىدۇ.

مۇسكۇللار سىرقىراپ ئاغرىش. يېڭىلا چېنىققان ياكى ئۇزۇن مەزگىل چېنىقماي بىردىنلا چېنىقىشنى باشلىغانلارنىڭ پۇت-پاقالچاق مۇسكۇللىرى سىرقىراپ ئاغرىيدۇ. بۇ نورمال ئەھۋال. ئەگەر مۇسكۇللار داۋاملىق سىرقىراپ ئاغرىسا، مۇسكۇل توقۇلمىلىرىنىڭ زەخمىلەنگەن ياكى زەخمىلەنمىگەنلىكىنى تەكشۈرتۈش كېرەك.

روھىي جەھەتتىن قاتتىق چارچاش.  بۇ بۆرەك ۋە جىگەرنىڭ زەخمىلەنگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى بولۇشى مۈمكىن. شۇڭا، جىگەر كېسىلى بىمارلىرى چېنىقىش مىقتارىنى ئازايتىش كېرەك. ئەگەر يەڭگىل چېنىقسىمۇ يەنىلا چارچاش ئەھۋالى كۆرۈلسە، ئۇنداقتا جىگەر ۋە قان ئايلىنىش سېستىمىلىرىنى تەكشۈرتۈش كېرەك.

 پۇت-قوللار ماغدۇرسىزلىنىش. چېنىققاندىن كېيىن ماغدۇرسىزلىنىش نورمال ئەھۋال، ئادەتتە چېنىقىپ بولۇپ 15 مىنۇت ئەتراپىدا دەم ئالغاندىن كېيىن ئەسلىگە كېلىدۇ. ئەگەر بىر نەچچە كۈنگىچە ئەسلىگە كېلەلمىسە، ئۇنداقتا بۇ تال زەخمىلەنگەنلىكنىڭ سىگنالى. ئەگەر ئاشقازان كۆپۈش، تاماق يېگۈسى كەلمەسلىك ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە چېنىقىشنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. 

مەنبە: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر