بۇرۇن قاناشنىڭ سەۋەبى ۋە ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/11/07 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

بۇرۇن قاناشنىڭ سەۋەبى ۋە ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش

رازىيە قۇتلۇق، سەمەت ئېلى

كۈز ۋە قىشتا ھاۋا قۇرغاق بولغاچقا، بۇرۇن شىللىق پەردىسى ئاسان قۇرۇپ، بۇرۇن قاناش بىرقەدەر كۆپ كۆرۈلىدۇ. كۆپىنچە كىشىلەر بۇرۇن قاناشنى ئادەتتىكى ئەھۋال، بۇنىڭدا قان توختىسىلا بولدى، دەپ سەل قارايدۇ. بۇنداق قاراش خاتا. بەزى بۇرۇن قاناش كېسەلنىڭ بېشارىتى بولۇشى مۇمكىن. ئۇنداقتا، نېمە سەۋەبتىن بۇرۇن قانايدۇ؟ بۇرۇن قانىغاندا قانداق قىلىش كېرەك؟ بۇ توغرىسىدا 25 ـ ئۆكتەبىر شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى ئىچكى كېسەللەر بۆلۈمىدىن مۇدىر ۋىراچ ئابدۇۋەلى ئابدۇكېرەمنى زىيارەت قىلدۇق.

ئۇ مۇنداق دېدى: بۇرۇن قاناشنىڭ سەۋەبلىرى كۆپ خىل بولۇپ، بۇرۇندىكى سەۋەب ۋە پۈتۈن بەدەنلىك سەۋەب، دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ.

بۇرۇندىكى سەۋەب 1. بۇرۇننىڭ زەخىملىنىشى: ئۇرۇلۇپ زەخىملىنىشتىن بۇرۇندىكى قان تومۇرلار يېرىلىش، ھاۋا بېسىمى تەسىرىدىن بۇرۇن ۋە بۇرۇن كاۋىكى شىللىق پەردە قان تومۇرلىرى كېڭىيىش، خىمىيەلىك داۋالاشتىن كېلىپ چىققان بۇرۇن شىللىق پەردىسى قانلىق ئىششىش قاتارلىق سەۋەبلەردىن بۇرۇن قانايدۇ. 2. بۇرۇن ئوتتۇرا پاسىلىنىڭ ئەگرىلىنىشى: بۇرۇن ئوتتۇرا پاسىلى ئەتراپىدىكى شىللىق پەردىلەر نېپىز بولۇپ، بۇرۇن ئوتتۇرا پاسىلى ئەگرىلىنىپ قالغاندا ئاسان قۇرۇپ قانايدۇ. 3. بۇرۇن ياللۇغى: ئۆتكۈر بۇرۇن كاۋىكى ياللۇغى، قۇرغاقلىشىش خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغى، يىگلەش خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغى كۆرۈلگەندە بۇرۇن قانايدۇ، لېكىن مىقدارى كۆپ بولمايدۇ. بۇرۇن چاقىسى، بۇرۇن سىلى، سىبلىس قاتارلىقلاردا بۇرۇن شىللىق پەردىلەردە شەلۋەرەش، يارا بولۇش، بۇرۇن ئوتتۇرا پاسىلى تېشىلىش سەۋەبىدىن بۇرۇن قانايدۇ. 4. بۇرۇن سەرتانى(ئۆسمىسى): بۇنىڭدا بۇرۇن ئاز مىقداردا قاناش ياكى ماڭقىغا قان ئارىلاش كېلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. 5. بۇرۇن بوشلۇقى يات ماددىسى: بۇرۇن ئىچىگە يات ماددىلار كىرىپ كېتىپ ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇپ قالسا، شىللىق پەردىلەر شەلۋەرەپ قانايدۇ، بۇ ئەھۋال كۆپىنچە بالىلاردا كۆپ ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇرۇنغا ھەر خىل ھاشاراتلار كىرىپ كەتكەندە ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ تازىلىتىپ چىقىرىۋەتمىسىمۇ، بۇرۇن قايتا ـ قايتا قاتتىق قانايدۇ.

پۈتۈن بەدەنلىك سەۋەب قان خىلىتىنىڭ غالىپلىقى: قاناش خاراكتېرلىك كېسەللەر ۋە قان كېسەللىرىدىن بىر قىسىم ئىرسىيەتلىك قاناشقا مايىل كېسەللەر، ۋىتامىن C يېتىشمەسلىك، ئاللىرگىيەلىك رېئاكسىيە، قان پىلاستىنكىسى ئازىيىپ كېتىش؛ قىزىتمىلىق كېسەللەردىن زۇكام، قاناش قىزىتمىسى، كىزىك؛ يۈرەك، قان تومۇر كېسەللىرىدىن يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى، ئۆپكە مەنبەلىك يۈرەك كېسىلى، يۈرەك كىلاپان كېسەللىرى، ئۇنىڭدىن باشقا ئىككىقات مەزگىلى، ھەيز توختاش دەۋرى، جىگەر كېسىلى، سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش قاتارلىق سەۋەبلەردىنمۇ ئوخشىمىغان دەرىجىدە بۇرۇن قاناش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. شۇڭا، مەيلى قايسى سەۋەبتىن بۇرۇن قانىسۇن، بۇنىڭغا سەل قارىماسلىق، چوقۇم دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈپ، سەۋەبىنى ئېنىقلىغاندىن كېيىن، قاراتمىلىق ھالدا مۇناسىپ تەدبىر قوللىنىش كېرەك.

ئابدۇۋەلى ئابدۇكېرەم بۇرۇن قاناشنى داۋالاش توغرىسىدا مۇنداق دېدى: بۇرۇن قاناش جىددىي ئالامەت ھېسابلىنىدۇ. داۋالىغاندا ئاۋۋال قاننى توختىتىپ ھاياتلىققا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بۇرۇن قاناش تۇيۇقسىز بولغاچقا، ئادەمدە جىددىيلىشىش بولىدۇ، شۇڭا بۇرۇن قانىغاندا جىددىيلەشمەسلىك، قورقماسلىق، قاناشنىڭ خاراكتېرىگە، مىقدارىغا، سۈرئىتىگە دىققەت قىلىش؛ قان توختىغاندىن كېيىن بۇرۇن ئىچىنى تازىلاپ، بۇرۇن ئەينىكىدە تەكشۈرتۈپ قاناش نۇقتىسىنى تېپىپ چىقىش، ئەگەر بۇرۇندىكى مەسىلە بولمىسا، پۈتۈن بەدەنلىك تەكشۈرتۈش كېرەك.

بۇرۇن قاناشنى توختىتىشتا تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى قوللانسا بولىدۇ: 1. بارماق بىلەن بېسىش: ئاز مىقداردىكى قاناش، بۇرۇن ئالدىدىكى قاناش بولسا، بارماق بىلەن بۇرۇننى 10 مىنۇت بېسىپ تۇرۇپ، پېشانىگە سوغۇق تاڭسا(سوغۇق لۆڭگە ياكى مۇز قويسا) بولىدۇ. 2. قان توختىتىش دورىسى ئىشلىتىش: بىرقەدەر يەڭگىل بولغان بۇرۇن ئالدىدىكى قاناشقا پاختىنى موزا سۈيى، كۆيدۈرۈلگەن خۇرۇم كۈلى، ھۆل يۇمغاقسۈتنىڭ سۈيى، ئېرىتىلگەن قەغەز كۈلى ياكى %1 لىك ئېفېدرىن(ماخۇاڭسۇ 麻黄素)، %1 لىك بۆرەك ئۈستى بەز ھورمۇنى(شېنشاڭشيەنسۇ 肾上腺素) قاتارلىقلارنىڭ خالىغان بىرىگە چىلاپ بۇرۇننىڭ ئىچىگە تىقىپ قويسا، قان توختايدۇ، بۇ ئۇسۇللارنى ئادەتتە ئائىلىدە قوللىنىشقا بولىدۇ. ئېغىرراق بولسا دوختۇرخانىغا بېرىپ، جايلىق ئورۇننى داغلىتىش ياكى ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇش كېرەك.

بۇرۇن قاناشنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدا ئابدۇۋەلى ئابدۇكېرەم مۇنداق دېدى: ئۆي ئىچىنىڭ جىمجىتلىقىنى، پاكىزلىقىنى، نورمال تېمپېراتۇرىسىنى ساقلاش؛ كۈچلۈك ھەرىكەتلەرنى قىلماسلىق، كۈچەپ مىشقىرىش، كۈچەپ يۆتىلىش، گېلىنى قىرىش قاتارلىق بۇرۇنغا كۈچ كېلىدىغان ئىشلارنى قىلماسلىق؛ بۇرۇن تازىلىقىغا دىققەت قىلىش، بۇرۇننىڭ نەملىكىنى ساقلاش، بۇرۇن تۈكچىلىرىنى يۇلماسلىق، بۇرۇننى قالايمىقان كولىماسلىق، قاتتىق ئۇۋۇلىماسلىق، بۇرۇنغا غەيرىي نەرسىلەرنىڭ كىرىپ كېتىشىدىن ئېھتىيات قىلىش؛ يېمەك ـ ئىچمەككە دىققەت قىلىش، بۇرۇننى قۇرۇتقۇچى، غىدىقلىغۇچى، رېئاكسىيە قىلغۇچى يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك، قان خىلىتىنىڭ غالىپلىقى بار كىشىلەر(بەدەننىڭ قۇرۇق ئىسسىقى ئېشىپ كەتكەنلەر) غورا سۈيى، ئانار سۈيى، لىمون سۈيى قاتارلىق سوغۇق تەبىئەتلىك ئىچىملىكلەرنى ئىچىپ ياكى مېۋىلەرنى يەپ مىزاجىنى تەڭشەپ تۇرۇشى، قاناتقۇچى كېسەللەر بولسا ۋاقتىدا داۋالىتىشى كېرەك.

مەسئۇل تەھرىر: سادىق مىجىت

تەھرىر: رازىيە قۇتلۇق

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر