چىش سالدۇرۇش ئۇسۇللىرى ۋە چىش سالدۇرۇشتا بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/11/07 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

چىش سالدۇرۇش ئۇسۇللىرى ۋە چىش سالدۇرۇشتا بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار

مۇخبىرىمىز رازىيە قۇتلۇق

نۆۋەتتە، چىش سېلىش تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئىلغار چىش سېلىش ئۇسۇللىرى بارلىققا كېلىپ، چىشى چۈشۈپ كەتكەنلەرگە قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى. بەزى بىمارلارنىڭ چىش سالدۇرۇشقا نىسبەتەن تونۇشىنىڭ يېتەرسىزلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، 23 - ئۆكتەبىر شىنجاڭ ھەربىي رايون باش دوختۇرخانىسى ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىرى بۆلۈمىدىن مەسئۇل ۋىراچ شىرزات ئالىمنى زىيارەت قىلدىم.

شىرزات ئالىم چىش سالدۇرۇش ئۇسۇلى توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىپ مۇنداق دېدى: چىش سالدۇرۇشتا بۇرۇندىن قوللىنىپ كېلىۋاتقان ئىككى خىل ئۇسۇل بار. بىرى، ئېلىپ سالغىلى بولىدىغان يالغان چىش(يەنى ھەرىكەتچان چىش، دەپمۇ ئاتىلىدۇ)؛ يەنە بىرى، چىنە چىش. ئۇنىڭدىن باشقا، ھازىر چىش تىكىشتىن ئىبارەت ئەڭ ئىلغار چىش سېلىش تېخنىكىسى كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلىۋاتىدۇ. مەيلى قايسى خىل چىش سېلىش ئۇسۇلى بولسۇن، ھەرقايسىسىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكى بار.

ئېلىپ سالغىلى بولىدىغان ھەرىكەتچان چىشنىڭ باھاسى ئەرزان، ئېلىپ سېلىشقا ئەپلىك، كۈندۈزى تاقاپ كېچىدە ئېلىۋەتسە بولىدۇ، بۇنى چۈشۈپ كەتكەن چىشىنىڭ سانى بىرقەدەر كۆپ بولغان بىمارلارغا بەكرەك تەۋسىيە قىلىمىز، بولۇپمۇ ياشانغانلارنىڭ ئېغىزىدا ساق چىشنىڭ سانى ناھايىتى ئاز بولغاچقا كۆپرەك ئىشلىتىلىدۇ. بۇ چىشنىڭ چىشلەش كۈچىنى ئاساسلىقى چىش مىلىكى بىلەن چىش سۆڭىكى بېرىدۇ، ئۇزاق ئىشلەتكىلى بولمايدۇ، ئىشلىتىش ئۆمرى ئادەتتە 5 يىلدىن 10 يىلغىچە بولىدۇ. چۈنكى، بۇنى چىش مىلىكى بىلەن ئەتراپىدىكى چىش سۆڭىكى تۇتۇپ تۇرىدىغان، ئاستىدىن چىڭ تۇتۇپ تۇرىدىغان يىلتىزى بولمىغاچقا، ۋاقىت ئۆتكەنسېرى چىڭ تۇرمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. بىر كۈندە 8 سائەتتىن 10 سائەتكىچە ئېغىزنىڭ ئىچىدە تۇرسا بولىدۇ، كېچىدە ئامال بار ئېلىۋېتىپ ئۇخلاش كېرەك. يالغان چىشنىڭ ھىملىقى ياخشى ئەمەس، ئارىلىقى كەڭ، دائىم ئېلىپ ـ سېلىپ يۈرگەچكە، ئارىسىغا ئاسان يېمەكلىك كىرىۋالىدۇ، تازىلىقىغا كاپالەتلىك قىلماي، ئۇزۇن مەزگىل تاقىسا، چىش ئەتراپى ياللۇغى، چىش مىلىكى ياللۇغى قاتارلىق چىش كېسەللىرى كېلىپ چىقىدۇ، شۇڭا يالغان چىش سالدۇرغاندا ئېغىز بوشلۇقى ۋە چىشنىڭ تازىلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش، ھەر قېتىم تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن چىقىرىپ يۇيۇپ، ئارىسىغا كىرىۋالغان نەرسىلەرنى پاكىز تازىلىۋېتىش كېرەك.

چىنە چىشنىڭ مۇھىم بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، بۇ چىش مىلىكىگە مۇقىملاشتۇرىۋېتىلىدۇ، ئېلىپ ـ سېلىش ھاجەتسىز، چىنە چىش ئىككى تال ساق چىشنىڭ ئوتتۇرىسىغا سېلىنىدۇ. بۇ چىشنى سېلىش ئۈچۈن، سالماقچى بولغان ئورۇننىڭ ئىككى يېنىدا بىردىن ساق چىش بولۇشى كېرەك. بۇنىڭ چايناش كۈچى ئاساسلىقى يېنىدىكى ئىككى تال چىشتىن كېلىدۇ، چىش مىلىكى ياكى چىش سۆڭىكىگە تايانمايدۇ، ئېلىپ سالغىلى بولىدىغان ھەرىكەتچان چىشقا قارىغاندا مۇقىم، چىڭ، چايناش كۈچى ياخشىراق، كۆركەم، ئۆزىنىڭ چىشىدىن ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ، پاكىز بولىدۇ، ئىشلىتىش ئۆمرى ئادەتتە 10 ـ 15 يىل، ھەتتا ياخشى ئاسرىسا 20 يىلمۇ ئىشلەتكىلى بولىدۇ. چىنە چىشنىڭ كەمچىلىكى بولسا، بۇنى سېلىش ئۈچۈن ئىككى يېنىدىكى ئىككى تال ساق چىشنى قىرىپ كىچىكلىتىدىغان(ساق چىشنىڭ 1/3 ــ 1/2 قىسمى قىرىۋېتىلىدۇ) بولغاچقا، قىرىش جەريانىدا ساق چىشنىڭ يىلتىزى بىلەن نېرۋىسىغا تەسىر قىلىدۇ، شۇڭا ۋاقىت ئۆتكەنسېرى قىرىۋېتىلگەن ساق چىشمۇ ئاستا ـ ئاستا بوشاپ كاردىن چىقىشى مۇمكىن.

يۇقىرىدا دېيىلگەن ئىككى خىل چىش سېلىش ئۇسۇلىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكىنى تولۇقلىغان يېڭى بىر خىل چىش سېلىش تېخنىكىسى ــ چىش تىكىش ئۇسۇلى بولۇپ، بۇ ئەمەلىيەتتە مىكرو زەخىملىك ئوپېراتسىيە. چىش تىكىش جەريانى ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ. بىر تال چىش تىكىش ئۈچۈن 6 ئاي ئەتراپىدا ۋاقىت كېتىدۇ. ئالدى بىلەن چىش يوق ئورۇننىڭ چىش مىلىكىنى يېرىپ، نەچچە تال چىش سالماقچى بولسا شۇنچە تال ئالاھىدە ماتېرىيالدىن ياسالغان بۇرما مىخ، يەنى سۈنئىي چىش يىلتىزىنى چىش مىلىكى ئاستىدىكى چىش سۆڭىكىگە ئۇرۇپ كىرگۈزۈپ، چىش مىلىكى ئۈستى تىكىۋېتىلىدۇ، بۇرما مىخ چىش مىلىكى ئىچىدە 3 ئايدىن 6 ئايغىچە تۇرغاندىن كېيىن، ئاستىدىكى چىشنى تۇتۇپ تۇرىدىغان چىش سۆڭىكى بىلەن بىرلىشىپ مۇقىملىشىدۇ؛ ئىككىنچى باسقۇچتا چىش مىلىكىنىڭ ئاستىدىكى مىخنىڭ ئۈستىگە چىش ئاساسىي سۇپىسىنى ئۇلاپ يىلتىزىنى ئۇزارتىپ چىش مىلىكى ئۈستىگە چىقىرىلىدۇ؛ ئۈچىنچى باسقۇچتا ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادەمنىڭ چىشىغا ئەڭ يېقىن دەرىجىدە تەقلىد قىلىپ ياسالغان چىش قېپى كىيدۈرۈلىدۇ.

چىش تىكىشنىڭ يۇقىرىدا دېيىلگەن ئەنئەنىۋى چىش سېلىش ئۇسۇللىرىغا قارىغاندا ئەۋزەللىكى كۆپ. بىرىنچىدىن، بۇنىڭ چايناش ئىقتىدارى باشقا يالغان چىشقا قارىغاندا خېلىلا ياخشى، ئۆزىنىڭ چىشىدىن پەرقلەنمەيدۇ؛ ئىككىنچىدىن، يىلتىزى چىڭ، راست چىشقا ئوخشاش ئېغىز بوشلۇقىغا مەھكەم ئورنىتىلىدۇ، باشقا يالغان چىشلارنىڭكىدەك تەم سەزگۈسى ياخشى بولمايدىغان، كۆنەلمەيدىغان ئەھۋال كۆرۈلمەيدۇ؛ ئۈچىنچىدىن، ھەجمى كىچىك، كۆركەم، ئېغىز تازىلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا ياخشى بولىدۇ؛ تۆتىنچىدىن، ئىشلىتىش ئۆمرى ئۇزۇن بولۇپ، ئادەمنىڭ ئۆمرى بىلەن ئوخشاش دېگۈدەك كېلىدۇ. ئەمما، بۇ چىشىنىڭ باھاسى يۇقىرى، ئادەتتە ئالدى چىشنىڭ ھەر بىر تېلى 10000 ــ 15000 يۈەن، كەينى چىش 8000 ـ- 12000 يۈەنگە پۈتۈپ چىقىدۇ. بۇ تېخنىكىنىڭ شىنجاڭدا قوللىنىۋاتقىنىغا 5 يىلدەك بولدى. ئىلگىرى بۇنى ياشلار كۆپرەك سالدۇراتتى، ھازىر چوڭلارمۇ كۆپ سالدۇرىدىغان بولۇپ كەتتى. پەقەت ئېغىر يۈرەك كېسىلى، قان بېسىم، زىيابىتۇس ۋە باشقا قان كېسەللىرى بارلاردىن باشقا، 18 ياشتىن ئاشقان ھەرقانداق كىشىگە قوللىنىشقا بولىدۇ.

شىرزات ئالىم ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: چىش تىكىشنىڭ چىش سۆڭىكىگە بولغان تەلىپى بىرقەدەر يۇقىرى، چىش سۆڭىكىنىڭ ئېگىزلىكى ۋە قېلىنلىقى ياخشى كىشىلەرگە ماس كىلىدۇ. بەزى چىش ئەتراپ ياللۇغى بىمارلىرىنىڭ چىش سۆڭىكى نېپىز بولغاچقا، چىشنى ياخشى تۇتۇپ تۇرالمايدۇ، چىش تىككەن بىلەنمۇ نەچچە يىلدىن كېيىن بوشاپ كېتىدىغان، چىش قانايدىغان، ئىششىيدىغان، چىش مىلىكى ياللۇغلىنىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. شۇڭا، چىش تىكمەكچى بولغانلارنىڭ چىش تىكىشتىن بۇرۇن مۇنتىزم دوختۇرخانىلاردا چىشىنى ئومۇميۈزلۈك بىر تەكشۈرتۈپ، چىش تىكىشكە ماس كېلىدىغان ـ كەلمەيدىغانلىقىنى ئېنىقلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز، ئەگەر چىش تىكىش ماس كەلمىسە، ئېلىپ سالغىلى بولىدىغان چىش ياكى چىنە چىش سالدۇرسىمۇ بولىدۇ.

 

مەسئۇل تەھرىر: سادىق مىجىت

تەھرىر: رازىيە قۇتلۇق

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر