ئۇزۇن ئولتۇرۇش بەدەننى ئاجىزلاشتۇرىۋېتىدۇ

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/11/07 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

ئۇزۇن ئولتۇرۇش بەدەننى ئاجىزلاشتۇرىۋېتىدۇ

يېڭى بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، 50 ياشتىن ئاشقانلار ۋە تېنى ئاجىز كىشىلەر ئۇزاق ۋاقىت ئولتۇرسا، تېنى ئاسان ئاجىزلاپ كېتىدىكەن. ئۇزاق ئولتۇرۇشنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى بولسا ھېچقانداق ئويغىتىش ھەرىكىتى قىلماسلىق بولۇپ، ئېنېرگىيەنىڭ خوراش دائىرىسى 1 ـ 1.5 ئارىلىقىدا بولىدۇ.

تەتقىقاتلاردا 65 ياشتىن ئاشقانلار ھەر ھەپتىدە ئاز دېگەندە 150 مىنۇت كۈچىنىشى، ئوتتۇرا ھال ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت قىلىش كېرەكلىكى كۆرسىتىلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، كانادا دالخۇس ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي ئىنستىتۇتىنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىدا بەدەن ئاجىزلاشنىڭ ئۇزۇن ئولتۇرۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى بېكىتىلگەن. بۇ تەتقىقات ئامېرىكىنىڭ 2003 - يىلىدىن 2006 ـ يىلىغىچە بولغان دۆلەت سالامەتلىك ۋە ئوزۇقلۇق تەكشۈرۈشىگە قاتناشقان 50 ياشتىن ئاشقان 3141 ئادەمگە مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، تەكشۈرۈشكە قاتناشقانلارنىڭ ھەر كۈنى ئەتىگەن ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن ۋاقتىنى قانداق ھەرىكەتلەر بىلەن ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەن، ئاندىن تەتقىقاتچىلار 46 تۈرلۈك كۆرسەتكۈچكە ئاساسەن ئېرىشكەن سانلىق مەلۇماتلارنى باھالاپ چىققان ھەمدە ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشنى 2011 - يىلىغىچە داۋاملاشتۇرغان. بۇ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئۇزاق ۋاقىت ئولتۇرىدىغانلارنىڭ تېنىنىڭ ئاسان ئاجىزلاپ كېتىدىغانلىقى بايقالغان.

شۇڭا، بەك ئۇزۇن ۋاقىت ئولتۇرماسلىق، مۇۋاپىق بەدەن چېنىقتۇرۇش كېرەك.

 

مەسئۇل تەھرىر: سادىق مىجىت

تەھرىر: رازىيە قۇتلۇق

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر