ئاپلېسىن شۆپىكىنى ياستۇق ئاستىغا قويۇپ ياتقاندا كۆرۈلگەن كارامەت

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/11/07 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

تېۋىپلار يېقىندا مۇنداق دېيىشتى: «ئاپېلسىن شۆپۈكى كارغا كېلىدىغان يەر ئىنتايىن كۆپ، بولۇپمۇ ئاپېلسىن شۆپۈكىدە ياسالغان ياستۇق مېڭىنىڭ قان ئايلىنىشىنى ياخشىلاپ، قان تومۇر قېرىش ۋە قېتىۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئاپېلسىن شۆپۈكىنىڭ يەنە ياللۇغ قايتۇرۇپ باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش رولى بار، ئۇنىڭدىن ياسالغان ياستۇقنى ئۇزاق ئىشلەتسە، ۋىرۇسنىڭ ئادەم ئورگانىزمىغا زىيان سېلىشىنى ئازايتقىلى، راك كېسىلى پەيدا بولۇش خەتىرىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ».

تېۋىپلار يەنە مۇنداق دېيىشتى: «ئاپېلسىن شۆپۈكى ياستۇقى يەنە ئىسسىقنى ئېلىپ ياللۇغنى قايتۇرىدۇ، شۇڭا ئىسسىقى ئېشىپ كەتكەنلەرگە باب كېلىدۇ، ئۇنىڭ يەنە نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇش رولى بار؛ ئاپېلسىن شۆپۈكىدە ئۇچۇچان ياغ مول، ئۇنىڭدىن تارىغان خۇش ھىد كىشىگە ياقىدۇ، بولۇپمۇ ئۇچۇچان ياغ نەپەس ئارقىلىق بەدەنگە كىرگەندىن كېيىن مېڭىنى تىنچلاندۇرۇپ، ئۇيقۇسىزلىق ۋە نېرۋا ئاجىزلىقنى ياخشىلايدۇ. ئاپېلسىن ياستۇقىنى تەييارلاش تەس ئەمەس، يەنى يېڭى ئاپېلسىن شۆپۈكىنى چالا قۇرۇتۇپ، قەلەمچە ياكى كاتەكچە شەكىلدە توغراپ ياستۇق قېپىغا سالسىلا بولىدۇ».

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر