مېۋە پوستلىرىنىڭ رولى

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/11/07 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

ئۈزۈم پوستى-قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىدۇ

ئۈزۈم پوستى تەركىبىدە مول مىقداردا ئالكوگول بار بولۇپ، ئۇنىڭ قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىش، ئارتېرىيە قان تومۇرى قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش رولى بار. بولۇپمۇ قارا ئۈزۈم پوستىدا فلاۋون تۈرىدىكى ماددىلار بار بولۇپ، قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش رولى بار. ئۈزۈم پوستى تەركىبىدىكى سىئانىدىننىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش، جىگەر ئىقتىدارىنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىشىشىنى يەڭگىللىتىش، يۈرەك قان تومۇرلارنى قوغداش ئىقتىدارى بار.

تەرخەمەك پوستى-زەھەر ھەيدەيدۇ

تەرخەمەك پوستى تەركىبىدە مول مىقداردا ئاماروئىد بولۇپ، تەرخەمەكنىڭ ئوزۇقلۇق جەۋھىرى پوستىدا بولىدۇ. تەرخەمەك پوستىدا مول ۋىتامىن C بولغاندىن سىرت، ئادەم بەدىنىدىكى زەھەرنى ھەيدەش، باكتېرىيىگە قارشى ياللۇغ قايتۇرۇش رولى بار.

ئالما پوستى-ھەزىم قىلىشنى ياخشىلايدۇ

ئالما پوستىدا مول بولغان يېمەكلىك تالالىرى بار بولۇپ، ھەزىم قىلىشنى ياخشىلايدۇ. ئالمىدىكى ۋىتامىن Cنىڭ كۆپ قىسمى پوستىغا مەركەزلەشكەن. ئالما پوستىنىڭ ئوكسىدلىنىش رولى باشقا مېۋە، كۆكتاتلارغا قارىغاندا بىر قەدەر يۇقىرى.

 سېرىق پوستلۇق مېۋە پوستى-بەدەندىكى ئىسسىقنى قايتۇرىدۇ

سېرىق پوستلۇق مېۋە پوستىنىڭ ئىسسىقنى قايتۇرۇپ، ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاش رولى بار.

ئەينۇلا پوستى-مول مىقداردا كالتسىي بار

ئەينۇلانىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ئوتتۇرا ياش، ياشانغانلاردىكى يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ھەم يۈرەك ئىقتىدارىنى ياخشىلايدۇ. ئەينۇلا پوستىدا كالتسىي، سىنىك يۇقىرى بولۇپ، كالتسىي، سىنىك كەملىكى تۈپەيلىدىن پەيدا بولغان كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت  قىلىدۇ.

 ئاپېلسىن پوستى-ئۆپكىنى تازىلاپ، بەلغەمنى بوشىتىدۇ

ئاپېلسىن پوستى تەركىبىدە ۋىتامىن C، كاروتېن، ئاقسىل قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار كۆپ بولۇپ، كۆكرەك-قورساق بوشلۇقى كېڭىيىش، يۆتەلگەندە بەلغەم كۆپ بولۇشنى داۋالايدۇ. ئاپېلسىن پوستىدا چاي دەملەپ ئىچكەندە ئىشتىھانى ئېچىپ، روھلاندۇرىدۇ.

 نەشپۈت پوستى-يۈرەكنى تازىلاپ، ئۆپكىنى سىلىقلايدۇ

نەشپۈت پوستى، يۈرەكنى تازىلاپ، ئۆپكىنى سىلىقلايدۇ ھەم ئىسسىقنى ھەيدەيدۇ. نەشپۈت پوستىنى يۇيۇپ، توغراپ ناۋات بىلەن دۈملەپ پىشۇرغاندا يۆتەلنى توختىتىدۇ. سەي چىلىغاندا، پوستىنى توغراپ سېلىۋەتسەك، چۈرۈك ھەم تەملىك قىلىدۇ.

 تاۋۇز شاپىقى-ئىسسىقنى قايتۇرۇپ، ئىسسق ئۆتۈشنى داۋالايدۇ

تاۋۇز شاپىقىدا شېكەر، مىنېرال ماددا، ۋىتامىن مول بولۇپ، ئىسسىقنى قايتۇرۇپ، ئىسسق ئۆتۈشنى داۋالايدۇ ھەم قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش رولى بار. تاۋۇز شاپىقى بىلەن قوغۇن شىرنىسىنى بىللە ئىستېمال قىلغاندا قان ئازلىق، گال قۇرۇش، كالپۇك يېرىلىش، دوۋساق ياللۇغى، بۆرەك ياللۇغى قاتارلىقلارغا ئۈنۈمى زور.

تەكىيە كاۋا پوستى-ئىششىق ياندۇرىدۇ

تەكىيە كاۋا پوستىسىدا ۋىتامىن، مىنېرال ماددا مول بولۇپلا قالماستىن يەنە كۆپ خىل پارلىنىشچان تەركىب بار. ئۇنىڭدىن باشقا ئىششىق ياندۇرۇش رولى بار بولۇپ، دىيابېت كېسىلى بىمارلىرىغا پايدىلىق.

 پەمىدۇر پوستى-راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ

پەمىدۇر قىزىل ماددىسى ھازىرغىچە بايقالغان ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى ئەڭ ياخشى تەبىئىي ماددا بولۇپ، يۈرەك قان تومۇر كېسىلى، راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

 پىدىگەن پوستى-يۈرەك قان تومۇرنى قوغدايدۇ

پىدىگەندىكى مول ئوزۇقلۇق ئۇنىڭ پوستىغا مەركەزلەشكەن. پوستى تەركىبىدىكى سېرىن، كالىي تۇزى، بۇرمىسىمان يۈسۈن پولىساخارىد، ۋىتامىن B6 قاتارلىق ماددىلار قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىپ، ئارتېرىيە تومۇرى قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ھەم ئازايتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : راھىلە ئېزىز

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر