قان تومۇرلاردىكى ئەخلەتلەرنى زادى قانداق تازىلايمىز؟

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/11/07 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

ئادەم بەدىنىدىكى قان تومۇرلارنىڭ سانى 100 مىلياردتىن ئاشىدۇ، قورامىغا يەتكەن بىر ئادەمنىڭ قان تومۇرلىرىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەنە 96000 كىلومېتىرغا يېتىدىغان بولۇپ، يەرشارى ئايلانمىسىنىڭ 2.5 ھەسسىگە باراۋەر كېلىدۇ. قان تومۇرلاردىكى ئەخلەتلەر ئادەمگە ئۆمۈر بويى ھەمراھ بولۇپ، داۋاملىق تۈردە ھاسىل بولۇپ تۇرىدۇ. ياشنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، قان تومۇرلارمۇ چېكىنىپ قېرىيدۇ. مايلار قان تومۇر دىۋارىغا يىغىلىپ قېلىنلاپ، داغچە، نۆكچە قاتارلىقلار پەيدا بولۇپ، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى پەيدا بولۇشى خەۋپى يۇقىرىلايدۇ.

ئۇنداقتا، قان تومۇرلاردىكى ئەخلەتلەر قانداق تازىلاپ چىقىرىش كېرەك؟ ئەلداۋا ساغلاملىق تورى تۆۋەندە بۇ ھەقتە قىسقىچە ساۋات سۆزلەپ بېرىدۇ. خالىسىڭىز بۇ مەزمۇننى دوستلار چەمبىرىكىگە چىقىرىپ، باشقىلارغىمۇ تارقىتىپ قويۇڭ.

1. ياخشى بولغان يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى ساقلاش
قان تومۇرلاردىكى ئەخلەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى خولېستېرىن، گىلىتسېرىن قاتارلىق قاندىكى ماينىڭ چۆكمە ماددىلىرى بولۇپ، بۇ چۆكۈندىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى ناچار يېمەك-ئىچمەك ئادىتى تۈپەيلى پەيدا بولىدۇ. شۇڭا، ئەلداۋا سىزگە ماي مىقدارى تۆۋەن، تۇز مىقدارى تۆۋەن، قەنت مىقدارى تۆۋەندىن ئىبارەت «ئۈچ تۆۋەن» بولغان يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىدۇ. بۇ «ئۈچ تۆۋەن» ئۆز نۆۋىتىدە قان بېسىمى يۇقىرى بولۇش، قان قەنتى يۇقىرى بولۇش، قان مېيى يۇقىرى بولۇشتىن ئىبارەت « ئۈچ يۇقىرى » نىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى بولۇپ، « ئۈچ يۇقىرى » نى ياخشى كونترول قىلىشتا ئۈنۈمى ئىنتايىن روشەن.

2. قان تومۇرلارغا پايدىلىق بولغان ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش
قان تومۇرلارنىڭ ساغلاملىقىغا پايدىلىق بولغان، تەركىبىدە كۆپ خىل ۋىتامىنلار مول بولغان ئوزۇقلۇقلارنى، ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنى ئىستېمال قىلىش. مەسىلەن، ياپونىيەدە 8 يىل ئوقۇپ تېببىي پەنلەر بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان ئەخمەتجان دوكتور دىيارىمىزغا ئېلىپ كىرگەن يۇگۇلىنا ئۈچ داۋا تابلىتىنىڭ يېمەكلىكلەر تەركىبىدىكى خولېستېرىن ۋە قەنتنىڭ بەدەنگە سۈمۈرۈلۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىش، جىگەرنىڭ زەھەر تازىلاش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش ئۈنۈمى روشەن بولۇپ، « ئۈچ يۇقىرى » كىشىلەر توپىنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا باب كېلىدىغان كۆڭۈلدىكىدەك ساغلاملىق مەھسۇلاتى ھېسابلىنىدۇ.

3. مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش، بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىش
سېمىزلىك قان تومۇر بېسىمى ۋە ماي ئەخلەتلىرىنىڭ قان تومۇرغا يىغىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى باش جىنايەتچى بولۇپ، يۈرەك مېڭە قان تومۇرلارنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن، مۇۋاپىق، رىتىملىق ھەرىكەت قىلىشنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇش، بەدەن ئېغىرلىقىنى قاتتىق كونترول قىلىش ئىنتايىن مۇھىم. بۇندىن باشقا، ھەرىكەت قىلىش قان تومۇرلارنى ناھايىتى ياخشى چېنىقتۇرۇپ، قان يەتكۈزۈش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، قان تومۇرلارنىڭ ۋە ئومۇمىي بەدەننىڭ ساغلاملىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ئەلداۋا تۆۋەندە ناھايىتى ئاددىي بىر گىمناستىكىنى كۆپچىلىككە ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىدۇ. بۇ گىمناستىكىنى  ياپونىيەلىك داڭلىق دوختۇر توشىرو ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق تەتقىقاتى ئاساسىدا يەكۈنلەپ چىققان بولۇپ، ئۆزى ئاددى، ھېچقانداق چېنىقىش ئەسلىھەسى كەتمەيدۇ، ھەر قېتىمدا پەقەت 1 مىنۇتلا ئىشلەپ بېرىلسە، قان تومۇرلارنى ياشارتىپ، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
بۇ «ئىزىدا يۈگۈرۈش گىمناستىكىسى» نى ئىشلەشتە، مۈرىنى ئەركىن قويۇۋېتىپ، ئىككى قولنى تەبىئىي ھەرىكەتلەندۈرۈپ، قورساقنى كۈچەپ رۇسلاپ، پۇتنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ ئىزىدا يۈگۈرۈش كېرەك. كۈندە 3 قېتىم، ھەر قېتىمدا 1 مىنۇت يۈگۈرۈپ بەرسىلا بولىدۇ. بۇ گىمناستىكىنى ئىشلىگەن چاغدا، قان ئايلىنىش جىددىي قوزغىتىلىپ، قان تومۇرلارنى كېڭەيتىدىغان ئازوت (2) ئوكسىدىنى ھاسىل قىلىدۇ، بۇ ئارقىلىق قان تومۇرلارنىڭ قېتىشىشى، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

4. ئېغىز بوشلۇقى ساغلاملىقىغا ئەھمىيەت بېرىش
ئامېرىكا «ئىلىم-پەن گېزىتى» يېقىندا ئېلان قىلغان بىر تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئېغىز بوشلۇقىدىكى باكتېرىيەلەرمۇ قان تومۇرلارنى بىۋاسىتە زەخىملەندۈرۈپ، قان تومۇرلارنىڭ قېتىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. شۇڭا، قان تومۇر ساغلاملىقىنى ساقلاشتا ئېغىز بوشلۇقى ساغلاملىقىغا ئەھمىيەت بېرىشكىمۇ سەل قاراشقا بولمايدىكەن.

يۇقىرىقى بىرقانچە نۇقتىلارغا دىققەت قىلسىڭىز ۋە ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرالىسىڭزلا، قان تومۇرلارنى ياشارتىش ھەرگىزمۇ قۇرۇق شوئار بولۇپ قالمايدۇ. بەلكى قان تومۇرلاردىكى ئەخلەتلەر تازىلىنىپ، ئۆزىڭىزمۇ ياشلىق باھارىڭىزغا قايتىپ قالىسىز...

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر