پىيازنىڭ شىپالىق رولى | قۇلاققا سېلىپ ئۇخلىغاندا مانا كارامەت

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/11/24 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

پىيازنىڭ سىز بىلمەيدىغان بىرقانچە كارامەتلىرى

1. ﺋﯘﺧﻼﺷﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﭘﯩﻴﺎﺯﻧﻰ ﻗﯘﻻﻕ ﺳﯘﭘﺮﯨﺴﯩﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﭖ، ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﯧﻠﯩﯟﻩﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﻗﯘﻻﻕ ﺋﺎﻏﺮﯨﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ، ﻗﯘﻻﻕ ﻛﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻳﺎﺭﺍ ﺋﯧﻐﯩﺰﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺳﺎﻗﯩﻴﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ.

2. ﻗﯩﺰﯨﺘﻤﺎ ﻳﺎﻧﺪﯗﺭﯗﺵ. ﭘﯩﻴﺎﺯﻧﻰ ﭘﯘﺗﻘﺎ ﭼﺎﭘﻼﭖ ﺋﯘﺧﻠﯩﻐﺎﻧﺪﺍ، ﻗﯩﺰﯨﺘﻤﯩﻨﻰ ﻳﺎﻧﺪﯗﺭﯨﺪﯗ.

3. زۇكام ۋە دىماق پۈتۈشنى ياخشىلاش.  ﺯﯗﻛﺎﻣﺪﺍﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﭘﯩﻴﺎﺯ ﻗﻮﺷﯘﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﺷﻮﺭﭘﺎ ﺋﯩﭽﻜﻪﻧﺪﻩ، ﻗﯩﺰﯨﺘﯩﻤﯩﻨﻰ ﻳﺎﻧﺪﯗﺭﯨﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺩﯨﻤﺎﻕ ﭘﯜﺗﯜﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎ، ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺗﯚﺷﯜﻛﯩﮕﻪ ﭘﯩﻴﺎﺯ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯ ﺗﯘﺭﻏﯘﺯﺳﯩﻼ، ﺩﯨﻤﺎﻕ ﭘﯜﺗﯜﺵ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻰ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.

4.ﻛﯚﻳﯜﻙ ﻳﺎﺭﯨﺴﯩﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ. ﺧﺎﻡ ﭘﯩﻴﺎﺯﻧﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍﭖ ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﻛﯚﻳﮕﻪﻥ ﺋﻮﺭﯗﻧﻐﺎ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯ ﺗﯘﺭﻏﯘﺯﺳﺎ، ﺋﯧﭽﯩﺸﯩﺶ ﺗﻮﺧﺘﺎﻳﺪﯗ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﭘﯩﻴﺎﺯ ﺳﯜﻳﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻏﺮﯨﻖ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺶ، ﻳﯘﻗﯘﻣﻠﯩﻨﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ، ﻛﯚﻳﮕﻪﻥ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺗﺎﺗﯘﻕ ﻗﯧﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺭﻭﻟﻰ ﺑﺎﺭ.

5. ﺋﻮﺭﯗﻗﻠﯩﺘﯩﺶ، ﻗﻪﯞﺯﯨﻴﻪﺗﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ. ﭘﯩﻴﺎﺯﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﻩ ﻣﻮﻝ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﺍ ﻏﯩﺰﺍ ﺗﺎﻻﺳﻰ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﻳﯧﮕﻪﻧﺪﻩ ﻗﻮﺭﺳﺎﻕ ﺗﻮﻳﯘﺵ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺗﻪﺭﻩﺗﻨﻰ ﺭﺍﯞﺍﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯗ.ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮﺕ ﻳﻪﻧﻪ، ﭘﯩﻴﺎﺯ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻗﻮﺵ ﺋﺎﭼﯩﻠﯩﻖ ﻓﺎﻛﺘﻮﺭ ﺋﯜﭼﻪﻱ ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺭﺍﯞﺍﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.

6. بېسىمنى يېنىكلىتىپ، ئۇيقۇنى ياخشىلاش. ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﺍ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ «ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻧﯧﺮﯞﺍ ﺋﯩﻠﻤﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻰ» ﮊﯗﺭﻧﯩﻠﯩﺪﺍ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﻪﯓ ﻳﯧﯖﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﺘﺎ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﭽﻪ، ﺩﺍﺋﯩﻢ ﻛﯜﺩﻩ، ﭘﯩﻴﺎﺯ ﻳﯧﺴﻪ ﺭﻭﮬﯩﻲ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﻳﯧﻨﯩﻜﻠﻪﭖ ﺋﯘﻳﻘﯘ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺑﯩﺮﺍﻕ ﻛﯜﺩﻩ ﯞﻩ ﭘﯩﻴﺎﺯﻧﯩﯔ ﻏﯩﺪﯨﻘﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻛﯜﭼﻠﯜﻛﺮﻩﻙ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺋﯘﺧﻼﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﻳﯧﻴﯩﺶ ﺗﻪﯞﺳﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ.

7. جىنسىي قۇۋۋەتنى ئاشۇرىدۇ. پىيازنى دائىم ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، بەدەندىكى ئارتۇقچە ماينى پارچىلاپ، جىنسىيەتنى كۈچلەندۈرىدۇ.

8. باشتىكى كېپەكنى يوقىتىدۇ. پىيازنى ئۇششاق سوقۇپ قىيام قىلىپ، پاكىز داكىغا ئوراپ، باش تېرىسىگە سۈرتۈپ بەرگەندە، باش كېپەكلىشىشكە شىپا قىلىدۇ.

9. غەيرىي پۇراقنى يوقىتىدۇ. يېڭى بېزەلگەن ئۆي ياكى سىرلانغان ئىشكاپقا پىيازنى توغراپ بىر داس سۇغا چىلاپ قويۇپ قويغاندا، غەيرىي پۇراق تېز يوقايدۇ.

10. سۈۋەرەك ھەيدەيدۇ. ئاشخانا ئۆيدىكى سۈۋەرەك پەيدا بولۇۋالىدىغان جايلارغا تەخسىگە پىيازنى توغراپ قويۇپ قويسا، سۈۋەرەكنى ھەيدەپلا قالماستىن، يەنە يېمەكلىكلەرنىڭ سۈپىتى ئۆزگىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

پىياز بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىشقا بولمايدىغان يېمەكلىكلەر

1. ھەسەلنى پىياز بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ. كۆزگە زىيانلىق، ئېغىر بولغاندا كور قىلىپ قويۇشى مۇمكىن.

2. خەيدەينى پىياز بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ. خەيدەي تەركىبىدە يود بىلەن كالتسىي مول بولۇپ، دائىم پىياز بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلغاندا، تاش پەيدا قىلىشى مۇمكىن.

3. بېلىقنى پىياز بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ. بېلىقتا ئاقسىل مول، پىياز بېلىق تەركىبىدىكى ئاقسىلنى پارچىلاپ بۇزۇپ قويىدۇ ۋە ھەزىمنى ناچارلاشتۇرىدۇ.

4. راكنى پىياز بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ. ئوڭاي تاش پەيدا قىلىپ قويىدۇ.

 

پىياز ئىستېمال قىلىشقا ماس كەلمەيدىغان كىشىلەر

1. تېرە كېسەللىكى بارلار
2. كۆز كېسەللىكى بارلار
3. ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىكى بارلار
بۇ خىل كىشىلەر پىيازنى ئىمكانقەدەر ئاز ئىستېمال قىلىشى كېرەك. بولمىسا كېسەللىك ئەھۋالىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ قويۇش ئېھتىماللىقى بار.
 


پىياز ئىستېمال قىلغاندا بىلىشكە تېگىشلىك بىر قانچە ئىش
1. قاراڭغۇ جايدا ساقلاش كېرەك.
پىياز سېتىۋالغاندا، قولىدا دەڭسىگەندە ئېغىرراق، پوستى قۇرغاق ھەم پارقىراق، چىڭ، بۇزۇلمىغان، پۇرىمايدىغان، ﺑﯩﺨﻠﯩﻨﯩﭗ ﻳﺎﻛﻰ ﭘﺎﺧﺘﯩﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ  پىيازلارنى سېتىۋېلىش؛
پىياز ساقلىغاندا، تېمپېراتۇرىسى تۆۋەن، قۇرغاق، قاراڭغۇ ھەم شامال ئۆتۈشۈشى ياخشى بولغان جايدا ساقلاش كېرەك.
دىققەت! ﭘﯩﻴﺎﺯﻧﻰ ﺗﻮﯕﻼﺗﻘﯘﺩﺍ ﺳﺎﻗﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭘﯘﺭﯨﻘﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮﺕ، ﭘﯩﻴﺎﺯﻧﻰ ﺑﻪﺭﻩﯕﮕﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﻗﻮﻳﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﻛﯧﺮﻩﻙ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻧﻪﻣﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺳﯜﻣﯜﺭﯨﯟﯦﻠﯩﭗ، ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﺑﯩﺨﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ ﻳﺎﻛﻰ ﭘﺎﺧﺘﯩﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ.

2. سۇس ئوتتا قىزدۇرغاندا تېخىمۇ پۇراقلىق بولىدۇ.
پىياز سۇس ئوتتا قىزدۇرغاندا، قورۇمىلارنى تېخىمۇ پۇراقلىق قىلىدۇ. كونكرېت ئۇسۇلى مۇنداق: قازانغا ئازراق ماي قويۇپ، توغرالغان پىيازنى سېلىپ، سۇس ئوتتا قىزدۇرىمىز، شۇنىڭ بىلەن پىيازنىڭ تەركىبىدىكى قەنت ئاستا-ئاستا پارچىلىنىدۇ.

3. خام پىياز ساقلىقنى ساقلايدۇ.
خام پىيازنىڭ پۇرىقى كۈچلۈك بولىدۇ، بىراق دەل مۇشۇ كۈچلۈك پۇراق ماددا راكقا تاقابىل تۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. شۇڭا ساغلاملىقىڭىز ئۈچۈن پىيازنى كۆپ ھاللاردا خام ياكى سالات قىلىپ يېسىڭىز بولىدۇ.

4. سالات ئېغىزدىكى سېسىق پۇراقنى يوقىتالايدۇ.
   پىياز يېگەندىن كېيىن ئېغىزدا غەيرىي پۇراق قالىدۇ، ئېغىزنى چوتكىلىسىمۇ پۇراقنى يوقاتقىلى بولمايدۇ. بۇ چاغدا سالات يېيىش ئارقىلىق غەيرىي پۇراقنى يوقاتقىلى بولىدۇ. چۈنكى يېڭى كۆكتات، مېۋە-چىۋىلەرنىڭ تەركىبىدىكى ئېنزىملار پىياز تەركىبىدىكى گۈڭگۈرت بىرىكمىلىرىنى نېيتراللاپ، ئېغىزدىكى غەيرىي پۇراقنى يوقىتىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر