ئۇيقۇسىزلىق ۋە جىغان

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/01/28 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 

 ئۇزۇن مۇددەتلىك ئويقۇ يېتەرلىك بولماسلىقنىڭ 7 چوڭ زىيىنى

 

ئومۇمىي خەلق ئۇيقۇسىزلىق: قۇرامىغا يەتكەن جۇڭگولۇقنىڭ 8 سائەتلىك ئۇيقۇسى يېتەرلىك ئەمەس. 2017-يىلى ئامازون جۇڭگو تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، %81 جۇڭگولۇقنىڭ سەككىز سائەتلىك ئۇخلاش ۋاقتى يېتەرلىك ئەمەس. ئادەتتە كەچ سائەت 11 دىن يېرىم كېچە 1دە ئۇخلاش ھالىتىگە كىرگەن.%46.61 ئادەم ئەتىگەن سائەت 7 دىن بۇرۇن ئورنىدىن تۇرالىغان.        
        
ھازىرقى جەمئىيەتتە رىقابەت كەسكىن، تۇرمۇش بېسىمى ئېغىر بولغاچقا ئۇيقۇسىزلىق كېسىلىگە گىرىپتار كىشىلەر بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. بۇ خىل ھالەت كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا. كۈن ئارىلاپ تۈن بويى كىرپىك قاقماسلىق، خىزمەت ياكى ئۆگىنىش ۋاقتىدا دىققىتىنى يىغالماسلىق، باش ئاغرىش ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.ئەمەلىيەتتە ئۇيقۇ يېتەرلىك بولماسلىقنىڭ سالامەتلىككە بولغان زىيىنى كۆپ : 
1. غەمكىنلىك كېسىلى 
ئۇيقۇسىزلىق ۋە خامۇشلۇق كېسىلى بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ، ئۇيقۇ يېتەرلىك بولمىسا خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ. يەنە كېلىپ خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ ئۇخلىمىقى تېخىمۇ تەس. ئاكتىپ نۇقتىنى چىقىش قىلىپ ئۇيقۇسىزلىقنى تۈگىتىش، خامۇشلۇق كېسىلى بىمارلىرىغا پايدىلىق.
2. تېرىدىكى مەسىلىلەرنى
مىسال كەلتۈرۈپ ئىسپاتلاش ھاجەتسىز. نۇرغۇن كىشىلەر بىر نەچچە كۈنلۈك ئۇيقۇسىزلىقنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، تېرىسى ساماندەك سارغىيىش، كۆز ئەتراپى قارىداش، داغ ۋە دانىخورەك قاتارلىق ھەر خىل ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى: ئۇيقۇ يېتەرلىك بولماسلىقتىن بەدەن كۆپ مىقداردىكى كورتىزوننى قويۇپ بېرىدۇ. كورتىزوننى زىيادە قويۇپ بېرىلىشى تېردىكى ئاقسىلنىڭ پارچىلىنىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەسلى بۇنداق ئاقسىل تېرىنىڭ سىلىق ھەم ئېلاستىكلىقىنى ساقلايدۇ.
 
3. تېز ئۆلۈش خەۋپ -خەتىرى
كۆپ سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، راك كېسىلى، دىيابېت كېسىلى، يۈرەك كېسىلى، سېمىزلىك، ئەسەبىيلىشىش كېسىلى ۋە باشقا روھى كېسەللىكلەر، يېتەرلىك ئۇخلىيالماسلىق بىلەن مەلۇم دەرىجىدە مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىلىدۇ. ئۇيقۇ يېتەرلىك بولماسلىق ئىنسانلار بىيولوگىيە ئىلىمىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە تەسىر كۆرسەتتى. « ئاپەت خاراكتېرلىك ئۇيقۇ كەملىك كېسىلى» كەلتۈرۈپ چىقارغان بىر قاتار يوشۇرۇن ئەجەللىك كېسەللىك ھېسابلىنىدۇ.
4. ئۇنتۇغاقلىق .         
ئامېرىكا ۋە تەتقىقاتچىلار بىردەك بېكىتكەن، بىر خىل ھاسىل بولغان « ئۇچلۇق دولقۇن» مەخسۇس چوڭ مېڭە رايونىنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىغا مەسئۇل بولىدۇ ۋە ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى مۇستەھكەملەيدۇ.
بۇ خىل مېڭە دولقۇنى يەنە چوڭ مېڭە سەقەنقۇردىن چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىگە ئۇچۇر يوللاشقا مەسئۇل. پەقەت، كۆپ قىسىم كىشىلەر چوڭقۇر ئۇيقۇ ھالىتىدىلا « ئۇچلۇق دولقۇن » ھاسىل بولىدۇ.
5. بەدەن شەكلى سەمرىپ كېتىش
چېكاگو ئۇنىۋېرسىتېتى بىر قىزىقارلىق سىناق ئېلىپ بارغان بولۇپ، بىر گۇرۇپپا ئادەملەر ھەر كۈنى بەش يېرىم سائەت ئۇخلايدۇ. يەنە بىر گۇرۇپپا ئادەملەر ھەر كۈنى سەككىز يېرىم سائەت ئۇخلايدۇ. ئىككى گۇرۇپپا ئادەملەرنىڭ يېمەك-ئىچمىكى خاتىرىلىنىدۇ. نەتىجىدە ئۇيقۇ ۋاقتى ئاز گۇرۇپپىدىكىلەر ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 221 كالورىيە ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسىنى ئارتۇق قوبۇل قىلغان.  بۇ زادى قانداق ئۇقۇم؟ ئىككى ھەپتىدىن كېيىن بۇ ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى يېرىم كىلو مايغا ئايلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بەدەن شەكلىم گۈزەل بولسۇن دېسىڭىز، كۆپ ئۇخلاڭ.
6. ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىش 
كەم ئۇيقۇلۇق بىزنىڭ شەيئىلەرگە بولغان چۈشىنىشىمىزگە، توغرا باھالاپ ھۆكۈم قىلىشىمىزغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئۇيقۇسى قانمىغان ئادەم ئاسانلا خاتا ھۆكۈم چىقىرىپ قويىدۇ. بۇ بىر تۇرمۇش رىتىمى كۈنسېرى تېزلىشىۋاتقان دۇنيا، ئازراق ئۇخلىۋېلىش بىر خىل شەرەپكە سىمۋول بولۇپ قالدى. ئۇيقۇ مۇتەخەسسىسلىرى « ئۇيقۇنى ئازايتىش بىر خاتالىق »، بولۇپمۇ يېتەرلىك ئۇخلىماسلىق، ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى ئارقىلىق مۇھىم خىزمەت قىلىدىغانلارغا ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ.                      
7. ھادىسە يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى
ئۇيقۇ يېتەرلىك بولماسلىق قاتناش ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللارنىڭ بىرى.  بىر ئادەمنىڭ مېڭە سەزگۈسى ئېنىق بولمىغان ۋاقىتتا ماشىنا ھەيدىشى، ھاراق ئېچىپ مەست بولۇپ ماشىنا ھەيدىگىنى بىلەن باراۋەر.

 
 
 
جىغان ئۇيقۇنى ياخشىلايدۇ
 
جىغان بىر خىل دورا ۋە يېمەكلىك بىر مەنبە قىلىنغان ياۋا ئۆسۈملۈك بولۇپ ئۇنىڭ يىلتىز، يوپۇرماق، مېۋە ۋە ئۇرۇقى دورىلىققا ئىشلىتىلىدۇ. بولۇپمۇ مېۋە تەركىبىدە ئادەم بەدىنى ھاسىل قىلالمايدىغان، ئادەمنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا كەم بولسا  بولمايدىغان كۆپ خىل ۋىتامىنلار بار. جىغان تەركىبىدە يەنە كاروتىن، كۆپ خىل ئامىنو كىسلاتاسى، ئاقسىل، كۆپ خىل مىكرو ئىلمېنىت قاتارلىق ئوزۇقلۇق تەركىبلەر بار. بۇنىڭ ئىچىدە فىلاۋون ۋە فېنول  تۈرىدىكىلەردىن 36 خىلى بار. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، جىغان  تەركىبىدىكى  فىلاۋون ( 黄酮 ) ئۇيقۇنى تەڭشەشتە كۆرۈنەرلىك رول ئوينايدۇ.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دېيىشىچە: ئۆسۈملۈك نېرۋىنىڭ ئۇيقۇنى تەڭشىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ. نېرۋا سىمپاتىك نېرۋا ۋە پاراسىمپاتىك نېرۋىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سىمپاتىك نېرۋا ئاساسلىق كىشىلەرنىڭ كۈندۈزلۈك   پائالىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ، پاراسىمپاتىك نېرۋا بولسا كېچىلىك پائالىيەتكە يېتەكچى. ئۇيقۇسىز ئادەمگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، كەچتە پاراسىمپاتىك نېرۋا نورمال ھالەتتە تۇرغاندا جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئازادىلىككە ئېرىشىدۇ. ئەمما جىغان تەركىبىدىكى فىلاۋون ( 黄酮 ) ۋېگېتاتىپ نېرۋىلارنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى تەڭشەش رولىنى ئوينايدۇ. پاراسىمپاتىك نېرۋىلارنىڭ قىزغىنلىقى ئاشسا، مەركىزىي نېرۋا روھلىنىپ كېتىپ ئاسان ئۇيقۇ ھالىتىگە كىرەلمەيدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت جىغان تەركىبىدىكى فلاۋوننىڭ روھىي جىددىيلىكتىن كېلىپ چىققان ئۇيقۇسىزلىقنىڭ بەلگىلىك ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينايدۇ. جىددىي ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندە، ئادەم بەدىنىدە كۆپ مىقداردا سۈت كىسلاتاسى پەيدا بولىدۇ. سۈت كىسلاتاسى يىغىلىپ چوڭ مېڭە نېرۋىسىنى غىدىقلاپ، ئۇيقۇ ناھايىتى ئاسانلا توسالغۇغا ئۇچرايدۇ. جىغان تەركىبىدىكى فىلاۋون سۈت كىسلاتاسىنىڭ شەكىللىنىشىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەپ، بەدەندىكى چارچاشنى ئازايتىپ، ئادەمنى ئىنتايىن ئاسانلا ئۇيقۇغا كىرگۈزىدۇ.
جىغان تەركىبىدىكى كۆپ خىل ئۈنۈملۈك تەركىبلەر كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرۇپ، ئۇيقۇنى ياخشىلايدۇ.جىغان تەركىبىدىكى تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى، ۋىتامىن قاتارلىقلار ياللۇغ قايتۇرۇش ۋە ياخشىلاش رولىغا ئىگە. يەنە جىغان تەركىبىدە لىنولىك كىسلاتا، SOD قاتارلىق ئەركىن رادىكالنى تازىلىغۇچى رېئاكتىپلار  مېڭە ئىچىدىكى ئەركىن رادىكالنى ئۈنۈملۈك تازىلاپ، مېڭە نېرۋىلىرىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ، نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئۇيقۇنى ياخشىلاشتا ئۈنۈملۈك رول ئوينايدۇ.

 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر