ئېغىز بوشلۇقىنىڭ تۈزۈلۈشى

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/01/30 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

    ئېغىز بوشلۇقى ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئالدىنقى قىسمى بولۇپ، تاماق يېگەندە كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ئەزا ھېسابلىنىدۇ. ئۇ يۈز قىسمىنىڭ تۆۋەنكى تەرىپىگە، يۇقىرى- تۆۋەن ئىككى كالپۇك ئارىلىقىنىڭ ئارقا قىسمىغا جايلاشقان. ئېغىز بوشلۇقىنىڭ ئارقا تەرىپى تىل ۋە تاڭلاي ئەگمىسى ئارقىلىق ئېغىز- يۇتقۇنچاق قىسمى بىلەن ئىككى تەرىپى قوۋۇز، يۇقىرى- تۆۋەن تەرىپى تاڭلاي ۋە تىل ئاستى رايونلىرى بىلەن تۇتىشىدۇ. ئېغىز بوشلۇقى ئېغىز دالانچىسى ۋە خاس ئېغىز بوشلۇقى دەپ ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ، ئۇلار ئايرىم- ئايرىم ھالدا تۆۋەندىكىدەك تونۇشتۇرۇلىدۇ: 

 

1. كالپۇك:ئۇ ئۈستۈنكى كالپۇك ۋە تۆۋەنكى كالپۇك دەپ ئىككىگە بۆلۈنگەن بولۇپ، بۇ تېرە، مۇسكۇل، شىللىق پەردە ۋە قوشقۇچى توقۇلمىدىن تۈزۈلىدۇ. ئۈستۈنكى ۋە تۆۋەنكى كالپۇك تېگىشكەن ئورۇن لەۋ دېيىلىدۇ؛ كالپۇكنىڭ ئوڭ-سول ئىككى تەرەپ بۇلۇڭى جاۋىغاي دېيىلىدۇ؛ ئۈستۈنكى كالپۇكنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى سەل ئويمان ئېرىقچە رېنجۇڭ ( رېنجۇڭ: پەللە، بۇرۇن ئوتتۇرا ئېرىقچىسىنىڭ يۇقىرى ئۈچتىن بىر قىسمى بىلەن تۆۋەنكى ئۈچتىن ئىككى قىسمى ئۆزئارا تۇتاشقان جاي ) دېيىلىدۇ.
2. قوۋۇز: يۈزنىڭ ئىككى تەرەپنىڭ ئوتتۇرىسى بولۇپ، سىزنى تېرە، ئىچكى قەۋىتى شىللىق پەردە، ئوتتۇرا قەۋىتى مۇسكۇلدىن تۈزۈلىدۇ. ئۈستۈنكى كالپۇكنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى سەل ئايلىنىپ چۈشكەن قوۋۇز ئارىلىقىدىكى ئويمان ئورۇن- بۇرۇن- كالپۇك ئېرىقى دېيىلىدۇ.
3. ئېڭەك: تۆۋەنكى كالپۇكنىڭ ئاستى قىسمى ئومۇملاشتۇرۇلۇپ ئېڭەك دېيىلىدۇ. ئېڭەك بىلەن تۆۋەنكى كالپۇك ئارىلىقىدىكى ئويمان ئورۇن ئېڭەك- كالپۇك ئېرىقى دېيىلىدۇ. 
4. ئېغىز دالىنى: چىشنىڭ سىرتى، كالپۇك، قوۋۇز ئىچىدىكى ئورۇن ئېغىز دالىنى دېيىلىدۇ. ئۈستۈنكى كالپۇكنىڭ ئىچى تەرىپىدە چىش مىلىكىگە تۇتاشقان يىپچىلار بولۇپ، ئوتتۇرىدىكى كالپۇك بېغى، ئىككى تەرىپىدىكى قوۋۇز بېغى دېيىلىدۇ. تۆۋەنكى كالپۇكنىڭ ئىچكى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا چىش مىلىكىگە تۇتاشقان يىپچىلار بولۇپ، ئۇ ئاستىنقى كالپۇك بېغى دېيىلىدۇ. ئىككى تەرەپتىكى قوۋۇز شىللىق پەردىسىنىڭ ئۈستىدە گۈرەن بەز نەيچە ئېغىزى بولىدۇ.
5. خاس ئېغىز بوشلۇقى: چىشنىڭ ئىچكى تەرىپىدىن تىل- تاڭلاي ئەگمىسىگىچە بولغان ئورۇن خاس ئېغىز بوشلۇقى دېيىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستى تاڭلاي بولۇپ، يۇمشاق تاڭلاي ۋە قاتتىق تاڭلاي دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. تۆۋەن تەرىپى بولسا ئېغىز ئاستى ۋە تىلدىن ئىبارەت. 
6. تىل: ئۇ تىل ئۇچى، تىل تېنى ۋە تىل يىلتىزىغا بۆلۈنىدۇ. تىلنىڭ ئاستىدا تىل ئىلىنىچىقى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىككى تەرىپىدە جاغ ئاستى بېزى بىلەن تىل ئاستى بېزىنىڭ نەيچە ئېغىزى بولىدۇ. تىل كەينىدە تىل شورىغۇچى تەنچىسى بار ئۇنىڭ ئالدى ھەم ئىككى يېنىدا چىش، كەينىدە يۇتقۇنچاق بولىدۇ. يۇقىرىقى قىسىملاردىن ئېغىز بوشلۇقى تۈزۈلىدۇ.
 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر