قېنىپ بىر ئۇخلىۋېلىشنىڭ 7 تۈرلۈك پايدىسى

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/01/30 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 

1) ھاردۇق چىقىرىپ ماغدۇر كىرگۈزىدۇ: ئۇيقۇ ھاردۇق چىقىرىشتىكى ئەڭ ياخشى چارە. چۈنكى، ئۇخلاش جەريانىدا ئاشقازان، ئۈچەي ئىقتىدارى ۋە ئالاقىدار ئەزالار تەندىكى ئېنېرگىيە ماددىلىرىنى بىرىكتۈرىدۇ ھەم ئىشلەپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇخلىغاندا بەدەن ھارارىتى، يۈرەك رىتىمى، قان بېسىمى تۆۋەنلىگەنلىكتىن، نەپەس ۋە قىسمەن ئىچكى ئاجراتمىلار ئازىيىپ، ئاساسىي ماددا ئالمىشىش نىسبىتى تۆۋەنلەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن تەندىكى ماغدۇر ئەسلىگە كېلىدۇ.
2) مېڭىنى ئاسراپ زېھنىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ: ئادەم ئۇيقۇ قانمىغاندا تېرىككەك، ئاچچىقى يامان ياكى روھسىز، دىققىتىنى يىغالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ، خاتىرىسى ناچارلىشىدۇ، قېنىپ ئۇخلىغاندا تېتىك، جۇشقۇن، چېچەن، ئىش ئۈنۈمى يۇقىرى بولىدۇ، چۈنكى ئۇيقۇ ھالىتىدە چوڭ مېڭىنىڭ ئوكسىگېن سەرپىياتى تۆۋەنلەيدۇ، بۇ مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئېنېرگىيە توپلىشىغا پايدىلىق.
3) ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇپ تەننى ساغلاملاشتۇرىدۇ: نورمال ئەھۋالدا ئادەم تېنى تۈرلۈك ئانتىگېن ماددىلارنىڭ ھۇجۇمىغا قارشى كۈچ پەيدا قىلىدۇ ھەم ئىممۇنىتېت ئىنكاسى ئارقىلىق ئۇلارنى چىقىرىپ تاشلاپ، ساقلىقنى ساقلايدۇ. ئۇيقۇ ئورگانىزمنى كۈچەيتىپ، ئانىتېلالارنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق، ئورگانىزمنىڭ كېسەللىككە قارشى كۈچىنى ئاشۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇيقۇ ھەرقايسى توقۇلما، ئەزالارنىڭ ئۆز- ئۆزىنى ساغلاملاشتۇرۇش سۈرئىتىنىمۇ تېزلىتىدۇ.
4) ئۆسۈپ يېتىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ: ئۇيقۇ بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، بوۋاقلار تۇغۇلغاندىن كېيىن خېلى ۋاقىتقىچە چوڭ مېڭىسى داۋاملىق يېتىلىدۇ، بۇ جەرياندا ئۇيقۇ كەم بولسا بولمايدۇ؛ بالىلارنىڭ ئۆسۈشى ئۇيقۇ ھالىتىدە تېزلىشىدۇ، چۈنكى ئۇيقۇ مەزگىلىدە قان پىلازمىسى ئۆستۈرۈش گارمونى ئۇدا نەچچە سائەت يۇقىرى ھالەتتە تۇرىدۇ، شۇڭا بالىلارنىڭ قېنىپ ئۇخلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
5) قېرىشنى كېچىكتۈرۈپ، ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ: نۇرغۇن تەكشۈرۈش، تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ساغلام ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەنلەرنىڭ ئۇيقۇسى ياخشى ھەم نورمال ئىكەن.
6) ئادەمنىڭ پىسخىك ساغلاملىقىنى ئاسرايدۇ: ئۇيقۇ ئادەمنىڭ پىسخىك ساغلاملىقىنى ئاسراش ۋە نورمال پىسخىك ھەرىكىتىنى ساقلاشتا ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى، ئۇيقۇ قانمىغاندا باش ئاغرىش، باش قېيىش، ماغدۇرسىزلىق، دىققىتى چېچىلىش، خىزمەت، ئۆگىنىش ئۈنۈمى تۆۋەنلەش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.
7) تېرىنىڭ گۈزەللىكىگە پايدىلىق: ئۇخلاش جەريانىدا تېرىدىكى قىل قان تومۇرلارنىڭ قان ئايلىنىشى تېزلىشىپ، ئاجرىتىش ۋە تازىلاش ئىقتىدارى كۈچىيىپ، تېرىنىڭ ماددا ئالمىشىشىنى تېزلىتىدۇ، شۇڭا ئۇيقۇنىڭ تېرە گۈزەللىكىگە پايدىسى بار.
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر