كۆپ كۆرۈلىدىغان سەككىز خىل راكنى ئالدىن بىلەلىشىمىز مۇمكىن

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/01/30 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 قان تەكشۈرتۈش نەتىجىسىدە، بەلكىم كۆپ كۆرۈلىدىغان سەككىز خىل راك ئاشكارىلىنىشى مۇمكىن، ئەمما، تەكشۈرتىشنىڭ تەننەرخى 500 ئامېرىكا دوللىرىغىمۇ بارمايدۇ

 
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا يوھانس خوپكىنس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى بىر خىل «سۇيۇق تىرىك توقۇلمىلارنى تەكشۈرۈش» ئۇسۇلىنى تەتقىق قىلىپ چىقتى. قان تەكشۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق، جىگەر راكى، ئاشقازان راكى، سۈت بېزى راكى، تۇخۇمدان راكى، ئۇيقۇلۇق (ئاشقازان ئاستى بېزى) راكى، قىزىلئۆڭگەچ راكى، بوغماق ئۈچەي ۋە تۈز ئۈچەي راكى ۋە ئۆپكە راكى قاتارلىق كۆپ ئۇچرايدىغان بۇ سەككىز خىل راك كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرى ئۈستىدە ئىزدەندى.
 
  تەكشۈرۈش تۈر نامى «Cancersee» بولغان بۇ تۈردىكى تەكشۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق، قاندىكى ئۆزگىرىش دېئوكسىسىىنى، يەنى راك بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئۆزگىرىش دېئوكسى رىبونۇكلېئىك كىسلاتا (DNA)نى ۋە ئاقسىلنى بايقىيالايدىكەن. تەتقىقاتچىلار راك كېسىلى بار، دەپ دىياگنوز قويۇلغان، لېكىن كېسىلى تېخى تارقالمىغان 1005 نەپەر بىمارغا قارىتا بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللىنىپ تەكشۈرۈش قىلغان. بۇنىڭ بىلەن، سەككىز خىل راك كېسىلىنىڭ تەكشۈرۈلۈشىنىڭ توغرىلىق نىسبىتى %33دىن %98گىچە دېگەندەك ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە بولغان؛ بۇنىڭ ئىچىدە، تۇخۇمدان راكى، جىگەر راكى، ئاشقازان راكى، ئۇيقۇلۇق راكى ۋە قىزىلئۆڭگەچ راكىنىڭ تەكشۈرۈلۈش توغرىلىق نىسبىتى %69دىن يۇقىرى بولغان.
 
 
  بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ساغلام ئادەمگە راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، دەپ خاتا دىياگنوز قويۇلغان-قويۇلمىغانلىقىنى جەزملەشتۈرۈش ئۈچۈن، تەتقىقاتچىلار 812 نەپەر ساغلام ئادەمگە بۇ خىل ئۇسۇلنى سىناق قىلىپ قوللىنىپ كۆرگەن. نەتىجىدە، بۇ 812 نەپەر ساغلام ئادەمدىن ئاران يەتتە ئادەمدە راك كېسىلى بار ئىكەن، دەپ دىياگنوز قويۇلغان. دېمەك، تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە %1كە يەتمىگەن كىشىدە راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىق ئالامىتى كۆرۈلگەن.
 
  بۇ خىل تەكشۈرۈشنىڭ تەننەرخى 500 ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 3201 يۈەن خەلق پۇلى)غىمۇ بارمايدىكەن.
 
  تەتقىقاتچىلار «ئىلىم-پەن» ژۇرنىلىدا ماقالە يېزىپ، بۇ خىل تەكشۈرۈشنىڭ راك كېسىلىنى بالدۇر بايقاشتا ۋە راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ ھايات قېلىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشتە زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تونۇشتۇردى.
 
  بىراق، بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ راك كېسىلىنى ئىلغاپ تەكشۈرۈش-تەكشۈرەلمەسلىكىدىن گۇمانلانماقتا. ئەنگلىيە كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى راك كېسىلى مۇتەخەسسىسى پاۋلو فارو «تايمىس گېزىتى»دە مۇنداق دېدى: بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ سىناش ئوبيېكتلىرى بولسا، راك كېسىلى بار، دەپ دىياگنوز قويۇلغانلاردۇر. شۇڭا، بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق، (راك)نى بالدۇر بايقاشنى يەنىمۇ چوڭ بىر قەدەم ئالدىغا سىلجىتىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى، دېيىش تېخى بالدۇرلۇق قىلىدۇ. شۇنداقتىمۇ، ئۇ يەنىلا ئىستىقبالى ياخشى بولغان بىر تېخنىكا، پەقەت تېخى دەلىللەنمىگەنلا يېرى بار.
 
  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
 
  مەنبە: خەلق تورى
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر