يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكىنى قانداق چۈشىنىسىز؟

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/01/30 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

     قان بېسىم قان تومۇردىكى قاننىڭ  قان تومۇر تېمىغا ( دىۋارىغا ) بولغان بېسىمىنى كۆرسىتىدۇ. قان بېسىمى ئارتېرىيە ۋېنا دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ. ئادەتتە ئېيتىلىۋاتقان قان بېسىمى ئارتېرىيە بېسىمى بولۇپ، ئۇ يەنە قىسقىرىش بېسىمى ۋە كېڭىيىش بېسىمىغا ئايرىلىدۇ. يۈرەك قىسقارغان چاغدا، قان چوڭ ئاتېرىيىلەرگە ئېقىپ كىرىپ، ئارتېرىيە قان تورمۇرىنىڭ تېمىغا ( دىۋارىغا ) ئۇرۇلىدۇ، بۇ چاغدا، قان چوڭ ئارتېرىيەلەرگە ئېقىپ كىرىپ، ئارتېرىيە بېسىمى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، قىسقىرىش بېسىمى دەپ ئاتىلىدۇ. يۈرەك كېڭەيگەن ۋاقىتتا، ئارتېرىيە بېسىمى تۆۋەنلەپ ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشىدۇ، ئۇ كېڭىيىش بېسىمى دېيىلىدۇ. بۇ ئىككى بېسىم ئارىلىقىدىكى پەرق تومۇر بېسىمى دەپ ئاتىلىپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 40 ~ 20 مىللىمېتىر سىماب تۈۋرۈكى، يەنى 5.3 ~ 4 كىلوپاسكال بولىدۇ. ئاتېرىيە بېسىمىنىڭ بىر كۈن ئىچىدىكى ئۆزگىرىشى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، ئوخشىمىغان فىزىيولوگىيەلىك ئەھۋال ئاستىدا، يەنى ئارام ئالغاندا ۋە ھەرىكەت قىلغاندا، تىنچلانغاندا ۋە ھاياجانلانغاندا، قورساق ئاچقاندا ۋە تويغاندا، سەھەردە ۋە كەچتە قان بېسىمى بەلگىلىك دەرىجىدە ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. كۆپىنچە ئالدىنقى ئەھۋالدا كېيىنكى  ئەھۋالغا قارىغاندا قەنت بېسىمى تۆۋەن بولىدۇ. قان بېسىمى قانچىكى يۇقىرى بولسا، يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ. 

1) بىرلەمچى يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكى 
   ئۇ قان بېسىمىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى ئاساسىي ئالاھىدىلىك قىلغان، ھەتتا باشقا ئەزالارغىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن بىر خىل كېسەللىك ئالامىتى بولۇپ، ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ھازىرقى يۇقىرى قان بېسىمى كېسىلى بىمارلىرىنىڭ %90 ى بىرلەمچى يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكىگە تەۋە ئىكەن. بىرلەمچى يۇقىرى قان بېسىمى كېسىلى بىمارلىرىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى تەرەققىي قىلىپ بەلگىلىك دەرىجىگە يەتكەندە، ئادەتتە باشقا ئەزالارغا چېتىلىپ، سول يۈرەك قېرىنچىسى يوغىناش، كۆرۈش تور پەردە كېسەللىك ئۆزگىرىشى، بۆرەك ئارتېرىيىسىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشى، ئاقسىل سىيىش قاتارلىقلار يۈز بېرىدۇ، ھەتتا يۇقىرى قان بېسىملىق مېڭە كېسەللىكى كۆرۈلىدۇ. 
2) ئىككىلەمچى يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكى 
   ئىككىلەمچى يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكى يەنە كېسەللىك ئالامىتى خاراكتېرلىك يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكى دەپمۇ ئاتىلىدۇ ۋە كۆپ خىل كېسەللىكلەردە كۆرۈلىدۇ. بۇ خىل بىمارلارنىڭ كىلىنىكىدىكى ئىپادىسى يۇقىرى قان بېسىمى كېسىلى بىمارلىرى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئەڭ زور ئوخشىماسلىق شۇكى، بۇ خىل بىمارلارنىڭ كېسىلىنىڭ بىرلەمچى كېسەللىك يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكى بولماستىن، بەلكى يۈرەككە قان يېتىشمەسلىك، يۈرەك شارچىلىرى مەنبەلىك بۆرەك ياللۇغى، ھامىلىدارلىق، دىيابېت كېسەللىكى قاتارلىق كۆپ خىل كېسەللىكلەر ۋە بەدەندىكى ئۆزگىرىشلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىك ئالامىتىدىن ئىبارەت. بۇ خىل بىمارلاردا يۇقىرى قان بېسىمى كېسەللىكىنى داۋالاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇھىم ھالدا بىرلەمچى كېسەللىكىنى داۋالاشتۇر. 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر