ھازىرقى كىشىلەر 10 ياشتا بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىگە كىرىدۇ

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/01/30 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

    يېڭى بىر تەتقىقات: ھازىرقى زاماندا كىشىلىرى 10 ياشتىلا بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىگە قەدەم قويۇپ، بۇ مەزگىل 24 ياشتا ئاندىن ئاخىرلىشىدىكەن

 
   خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاۋسترالىيەدىكى بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ھازىرقى زاماندىكى كىشىلەر 10 ياشتىلا بالاغەتكە يېتىش مەزگىلىگە قەدەم قويۇشقا باشلايدىكەن، ھەمدە بۇ مەزگىل تاكى 24 ياشقا كىرگەندە ئاندىن ئاخىرلىشىدىكەن. ئەمما بۇنىڭدىن ئىلگىرى 19 ياشتىلا كىشىلەر بالاغەت مەزگىلى بىلەن خوشلاشتى، دېيىلەتتى.
 
  تەتقىقات تۈرىنىڭ باشلامچىسى، ئاۋسترالىيە مېلبۇرن بالىلار دوختۇرخانىسى ياش ئۆسمۈرلەر ساغلاملىق مەركىزىنىڭ مۇدىرى سۇسان مۇنداق دېدى: گەرچە قۇرامىغا يەتكەن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تەتبىقلايدىغان قانۇنىي ھوقۇقى 18 ياشتىن باشلىنىدىغان بولسىمۇ، بىراق ھازىرقى زامان كىشىلىرى ئادەتتە يېشى تېخىمۇ چوڭراق بولغاندا ئاندىن قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ رولىنى ئېلىشقا باشلايدۇ ھەمدە مۇناسىپ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
   ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «نەشتەر. بالىلار ۋە ياش-ئۆسمۈرلەر ساغلاملىقى» ناملىق ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان تەتقىقاتتا مۇنداق دېيىلگەن: ھازىر ياشلارنىڭ مائارىپ كۆرۈش ۋاقتى تېخىمۇ ئۇزۇن بولغاچقا، ئۇلارنىڭ توي قىلىپ بالىلىق بولۇش يېشىمۇ كېچىككەن بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن، ئۇلارنىڭ بالاغەتلىك مەزگىلىمۇ ئۇزارغان بولىدۇ. فىزىيولوگىيەلىك جەھەتتىكى بەزى دەلىل-ئىسپاتلاردىنمۇ كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ھازىرقى زاماندىكى كىشىلەرنىڭ بالاغەتلىك مەزگىلى دەرۋەقە كېچىككەن. مەسىلەن، چوڭ مېڭە 20 ياشتىن كېيىنمۇ يەنىلا داۋاملىق تەرەققىي قىلىپ، ئىشلىشى تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولىدىكەن، ھەتتا 25 ياشقا كىرگەندە ئاندىن ئەقىل چىشى ئۆسۈپ چىقىدىكەن.
   يەنە بىر تەرەپتىن، ئوزۇقلۇق مول بولۇش ۋە ساغلاملىق قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ بالاغەتكە يېتىشكە باشلاش مەزگىلى بۇرۇنقىدىن تېخىمۇ بالدۇر بولىدىكەن.
   تەتقىقاتچىلار شۇنداق دەپ قارايدۇكى، بۇنىڭدىن كېيىن، قانۇنلارمۇ كىشىلەرنىڭ بالاغەتلىك مەزگىلىنىڭ ئۇزىرىشىغا ماسلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئەمما بەزى مۇتەخەسسىسلەر بولسا، بۇ خىل ئەھۋال ھازىرقى ياشلارنى تېخىمۇ «گىگانت بوۋاق» قىلىپ قويۇشى مۇمكىن، دەپ ئەندىشە قىلماقتا.
 
  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
 
  مەنبە: خەلق تورى
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر