مېڭىمىز قانداق خىزمەت قىلىدۇ؟

سەھىپە: ساقلىق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/01/31 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 02

 ماكرولۇق مېڭە ۋە مىكرولۇق مېڭە

  مېڭە نېمىدىن تۈزۈلگەن؟ مېڭە قانداق خىزمەت قىلىدۇ؟ بۇ مەسىلىلەر نەچچە مىڭ يىللاردىن بېرى نۇرغۇن كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى. شۇنداقلا كىشىلەرگە ئۈزلۈكسىز خىرىس ئېلان قىلىپ كەلدى. مېڭىنى چۈشىنىش ئىنسانلار بىلىشىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەنزىلى ھېسابلىنىدۇ. ھازىر، بىز بۇ ساھەدە چوڭقۇر تەتقىقات ئېلىپ بارماقتىمىز. بىز مېڭىنىڭ مۇھىم رول ئوينايدىغان نېۋرون ( نېرۋا ھۈجەيرىسى ) ۋە سىپونگىنوستتىن تۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۇق. 
  ئادەم مېڭىسى باش سۆڭىكى بوشلۇقىنىڭ ئىچىدە بولۇپ، ئادەم گەۋدىسىنىڭ باشقا قىسىملىرىدىن يىراقراق تۇرىدۇ. ئادەم مېڭىسىنىڭ قاتتىق-يۇمشاقلىق دەرىجىسى بالا پىشقان تۇخۇمغا ئوخشاش بولۇپ، ھەرىكەتلەنمەيدۇ. روشەنكى، مېڭە قاتتىقراق زەربىگە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ ياكى مېخانىكىلىق ھەرىكەتلەرگە قاتناشمايدۇ.
مېڭىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمى ئۆزئارا تۇتاش بىر بوشلۇقتىن تۈزۈلگەن سىرلىق ئوردا بولۇپ ( تېببىي ئىلىمدا مۇنداق تۈزۈلۈش مېڭە قېرىنچە سىستېمىسى دەپ ئاتىلىدۇ )، تۆرەلمە بالىياتقۇ ئىچىدە يېتىلگەن ھامان مېڭە شەكىللەنگەن بولىدۇ، ئۇنىڭ ئىچىدە رەڭسىز سۇيۇقلۇق بولىدۇ. بۇ خىل قارىماققا خۇددى سۇغا ئوخشايدىغان سۇيۇقلۇق مېڭە يۇلۇن سۇيۇقلۇقى دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇ پۈتكۈل مېڭە ۋە يۇلۇننى ئوراپ تۇرىدۇ. بەل ئومۇرتقىسى ئارقىلىق تۆۋەن ئورۇندىكى ئومۇرتقا كانىلىدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ، مېڭە يۇلۇن سۇيۇقلۇقىنى تەكشۈرۈپ تۈرلۈك نېرۋا سىستېمىسى كېسەللىكلىرىگە دىياگنوز قويۇشقا بولىدۇ. نورمال ئەھۋالدا، مېڭە يۇلۇن سۇيۇقلۇقى داۋاملىق ھاسىل بولۇپ ( ئادەمدە تەخمىنەن بىر مىنۇتتا 0.35 مىللىلىتىر )، يەنە ئۈزلۈكسىز سۈمۈرۈلىدۇ. شۇڭا داۋاملىق ئايلىنىپ تۇرىدۇ. 
  مېڭە قانداق خىزمەت قىلىدۇ؟ بۇ مەسىلە ھەقىقەتەن مۈجمەل مەسىلە بولۇپ، ئەمەلىي تەجرىبە ياكى كۆزىتىش ئارقىلىق جاۋاب بېرىشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق. بىزنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىمىز بەلگىلىك نۇقتىدىن مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىش. مەسىلىلەرنى بىر-بىرلەپ يېشىپ بېرىش ئاشۇ سىرلىق توقۇلمىلار ھەققىدە بىر قەدەر مۇكەممەل تونۇش ھاسىل قىلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ. 
 
  مېڭىنىڭ تاشقى شەكلى ئاق رەڭلىك پۈرمە جىسىم بولۇپ، ئۇنىڭ ماسسىسى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1.4 كىلوگرام كېلىدۇ. تاشقى شەكلى غەلىتە، كىچىكلىكىدىن ئوچۇمغا ئالغىلى بولىدىغان بۇ جىسىم ئوخشىمىغان ساھەلەردىن تەشكىل تاپقان. بۇ ساھەلەرنىڭ ئالاھىدە شەكلى ۋە سىزىقلىرى بار بولۇپ، مۇئەييەن شەكىل بىلەن ئۆزئارا قاتلىنىپ، بىر-بىرىگە باغلانغان بولىدۇ. 
  مېڭە ئالدى-كەينى يۆنىلىش بويىچە، ئىككى بۆلەككە ئايرىلغان يېرىم شارچە بولۇپ، سۈت رەڭلىك ياڭاق مېغىزىغا ئوخشاپ كېتىدۇ، ئۇ مېڭە غولىغا جايلاشقان. مېڭە غولىنىڭ تۈۋى قىسمى پەيدىنپەي ئىنچىكىلەپ يۇلۇنغا ئايلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى ياڭاق مېغىزىغا ئوخشاپ كېتىدىغان، پۇلتايغان ماددا كىچىك مېڭە بولۇپ، چوڭ مېڭىنىڭ ئارقا تۆۋەنكى قىسمىدا ئېسىلىپ تۇرىدۇ. ناۋادا سىز كىچىك مېڭە، مېڭە غولى ۋە ئاشۇ يېرىم شارچىنىڭ يۈزىنى ئىنچىكە كۆزەتسىڭىز، ئۇنىڭ يۈزىدىكى سىزىقچىلارنىڭ تامامەن ئوخشاشمايدىغانلىقىنى، رەڭگىمۇ سۈت رەڭ، ھال رەڭ، قوڭۇر رەڭلەر ئارىسىدا ئۆزگىرىپ تۇرىدىغانلىقىنى بايقايسىز. مېڭىنى ئۆرۈپ ئۇنىڭ ئاستىغا قارىغان چېغىمىزدا، تېخىمۇ كۆپ رەڭلەر، سىزىقچىلار ھەم شەكلى ھەر خىل ساھەلەرنى بايقايمىز. مېڭىنىڭ ئوڭ، سول ئىككى تەرىپى پۈتۈنلەي ئوخشاش بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن، سىز ئوتتۇرىدىن بىر تال سىزىق سىزسىڭىز، مېڭە سىممېتىرىك بولىدۇ. مېڭىنڭ ھەرقايسى رايونلىرى ساپاقسىمان مېڭە غولى ئەتراپىغا توپلانغان بولۇپ، نېرۋا كېسەللىكلىرى ئالىملىرى ئاناتومىيەدە ئاشۇ رايونلارنى ئۆز تەرتىپى بويىچە ئايرىپ چىققان، ھەربىر رايوننىڭ ئىسمى بار. بىراق كۆپچىلىكنىڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقىنى، ئاساسلىقى، مېڭە ئاناتومىيەسىنى تەپسىلىي خاتىرىلەش ئەمەس، بەلكى مەلۇم ئالاھىدە بېكىتىلگەن رايونلار ھاياتلىققا نىسبەتەن قانداق رول ئوينايدۇ. ئىچكى دۇنيايىمىز ( تەپەككۇر ۋە ھېسسىياتتىكى ئەڭ يوشۇرۇن قاتلاملىرى ) غا قارىتا قانداق رول ئوينايدۇ، دېگەن مەسىلىلەردىن ئىبارەت. 
  مېڭىنىڭ تاشقى قاتلىمى، يەنى چوڭ مېڭە پوستلىقى 2.5 ~ 2 مىللىمېتىر قېلىنلىقتا بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان فۇنكسىيەلەرگە ئاساسەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ. ھەربىر خىل فۇنكسىيە ئايرىم-ئايرىم ھالدا تامامەن ئايرىلغان 100 ~ 50 دانە تارماق مېڭە رايونلىرىغا تەۋە بولىدۇ. پوستلاقنىڭ ھەرقايسى رايونلىرى بىلەن مېڭە ئۇچۇرلىرىنىڭ كىرىپ-چىقىشى ئېنىق ۋە ماس مۇناسىۋەتكە ئىگە. مەسىلەن: چوڭ مېڭە پوستلىقىنىڭ مەلۇم ئالاھىدە بېكىتىلگەن مەخسۇس قىسمى نېرۋا ئۇچۇرلىرىنى يۇلۇنغىچە يەتكۈزىدۇ، نەتىجىدە مۇسكۇللار قىسقىرايدۇ، شۇڭلاشقا پوستلاقنىڭ بۇ رايونى چوڭ مېڭە پوستلاق ھەرىكەت رايونى دېيىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە پوستلاقنىڭ باشقا مەخسۇس رايونلىرى بولىدۇ. مەسىلەن: كۆرۈش سېزىمى پوستلىقى ھەم ئاڭلاش سېزىمى پوستلىقى قاتارلىقلار. ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا كۆز ۋە قۇلاقتىن كەلگەن ئۇچۇرلارنى قوبۇل قىلىدۇ ھەم يەتكۈزىدۇ. ئوخشاشلا، تېرىدىكى نېرۋىلارمۇ ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن ئاغرىش ۋە تېگىش سېزىمى ئۇچۇرلىرىنى قوبۇل قىلىپ، يۇلۇن ۋە چوڭ مېڭە پوستلىقىدىكى ماس بولغان رايون، يەنى گەۋدە سەزگۈ پوستلىقىغا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. 
  يۇقىرىدىكى فۇنكسىيەلەرنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى مىكرو جەھەتتىن ئېيتقاندا، پوستلاق ئىچكى قىسىمىدىكى سانسىزلىغان نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنىڭ ماسلىشىشى ئارقىلىق ئورتاق ئورۇنلىنىدۇ. نېرۋا ھۈجەيرىلىرى نېۋرون دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ دىيامېتىرى تەخمىنەن 50 مىكرو مېتىر كېلىدىغان توم ۋە كاللەكسىمان قىسمىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ھۈجەيرە تەنچىسى دېيىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ھۈجەيرە تەنچىسىنىڭ شەكلى كاللەكسىمان مۇنەككە ئوخشاش شەكىلسىز بولماستىن، بەلكى يۇمىلاق، تۇخۇمسىمان ۋە ئۈچ بۇرجەكسىمان، ھەتتا موكىسىمان شەكىللەردە بولىدۇ. ئۇنىڭ باشقا ھۈجەيرىلەرگە ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، نېۋرونلار ھۈجەيرە تەنچىسىدىن باشقا، خۇددى دەرەخنىڭ ئۇششاق شاخچىلىرىغا ئوخشاش ئۇزۇن، ئىنچىكە بولىدۇ. بۇلار شاخسىمان ئۆسۈكچە دېيىلىدۇ. بىر نېۋروننىڭ شاخسىمان ئۆسۈكچىسى خىلمۇخىل شەكىلدە بولۇپ، زىچلىقمۇ زور پەرقلىنىدۇ. ئۇلار ياكى نېۋرونلارنىڭ ئەتراپىغا يۇلتۇز شەكلىدە جايلاشقان بولىدۇ ۋە ياكى ھۈجەيرە تەنچىسىنىڭ بىر ئۇچى ياكى ئىككى ئۇچىدىن سوزۇلۇپ چىققان بولىدۇ. شاخسىمان ئۆسۈكچىلەرگە ئاساسەن، نېۋرونلار ئومۇمىي تاشقى كۆرۈنۈش جەھەتتە زور دەرىجىدە پەرقلىنىدۇ. مېڭىدە نېۋرونلار ئومۇمىي تاشقى كۆرۈنۈش جەھەتتە زور دەرىجىدە پەرقلىنىدۇ. مېڭىدە نېۋروندا ئاشۇنداق ئۇششاق شاخچىلار بولۇپلا قالماستىن، بەلكى مۇتلەق كۆپچىلىكىدە يەنە بىر ھۈجەيرە تەنچىسىدىن سوزۇلۇپ چىققان ئۇزۇن ھەم ئىنچىكە تالالار بولىدۇ، بۇ ئوق ئۆسۈكچە دېيىلىدۇ. ئۇ نېۋروننىڭ باشقا قىسىملىرىغا قارىغاندا نەچچە ھەسسە ئۇزۇن. ئەڭ ئۇزۇن ئوق ئۆسۈكچىسى بىر مېتىر ئۇزۇنلۇقتا بولۇپ، خۇددى ئادەم يۇلۇنىنى بويلاپ تۆۋەنگە ماڭغان نېرۋا تالالىرىغا ئوخشايدۇ. يەككە-يېگانە نېۋرونلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى مۇرەككەپ مېڭە فۇنكسىيەسىنى تاماملاپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس، بىزنىڭ مېڭىمىزدە كۆپ بولغاندا نەچچە يۈز مىليارد ئاشۇنداق نېۋرونلار بار. نېۋرونلار ئارىسىدا كەڭ ھەم مۇرەككەپ ئالاقە بولغانلىقى ئۈچۈنلا، ئىنسانلار ھاياتلىق پائالىيىتىنىڭ ئېھتىياجىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ. 
نېۋرونلارنىڭ پەۋقۇلئاددە فۇنكسىيەسى شۇكى، ئۇنىڭ ئۆزى ئېلېكتىر پائالىيىتى ھاسىل قىلالايدۇ، نېۋرونلار ئارىسىدا شاخسىمان ئۆسۈكچە بىلەن ئوق ئۆسۈكچە يېقىنلىشىش ئارقىلىق ھەمدە يېقىن جايلاشقان قىسمى ئالاھىدە خىمىيەلىك مولېكۇلالارنى قويۇپ بېرىش ۋە قوبۇل قىلىش ئارقىلىق باغلىنىش پەيدا قىلىپ، نېرۋىنىڭ ھەر خىل فۇنكسىيەسىنى جارى قىلدۇرىدۇ. بۇ نېۋرونلار ئارىسىدىكى ئۇچۇر يەتكۈزگۈچى خىمىيەلىك مولېكۇلالار نېرۋىنىڭ يەتكۈزگۈچى ماددىلىرى دېيىلىدۇ. مۇرەككەپ فۇنكسىيەلەرنى تاماملاش ئۈچۈن، ئوخشىمىغان نېۋرونلار ئارىلىقىدىكى يەتكۈزگۈچى ماددىلارمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ئومۇمەن، نېرۋا سىستېمىسى ئېلېكتىر ۋە خىمىيەلىك خاسلىققا تايىنىپ خىزمەت قىلىدۇ. بىز مۇشۇنداق مۇرەككەپ مېڭىنىڭ مىكرولۇق قۇرۇلمىسىنى مىسال قىلىپ كۆرەيلى:
  بىرىنچى، سانى، 100 مىلياردنىڭ زادى قانچىلىك چوڭ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىش ئۈچۈن، ئامازون ئورمانلىقىنى مىسال قىلىمىز. ئامازون ئورمانلىقىنىڭ 7 مىليون كىۋادرات كىلومېتىر دائىرىسىدە تەخمىنەن 100 مىليارد تۈپ دەرەخ بار. چوڭ مېڭىدىكى نېۋرونلار سانى ئاساسەن شۇنىڭغا باراۋەر كېلىدۇ. ناۋادا نېۋرونلار ئارىلىقىدىكى تۇتاشقان غايەت زور ساننى ئويلىشىدىغان بولساق، ئۇنىڭ سانى ئامازون ئورمانلىقىدىكى دەرەخلەرنىڭ يوپۇرمىقىدەك كۆپ بولىدۇ. پۈتكۈل مېڭىنىڭ خىمىيەلىك ۋە ئېلېكتىرلىك پائالىيىتىنىڭ جىددىي ھالىتىنى پەرەز قىلىش ئەمەلىيەتتە مۇمكىن ئەمەس. ھەرقانداق ۋاقىتتا نەچچە يۈز مىلياردلىغان نېۋرونلار ئىچىدە پەقەت %10 ىلا ھەرىكەت قىلىۋاتقان ھالەتتە بولىدۇ. 
فۇنكسىيە جەھەتتە ئادەم مېڭىسى بىلەن كومپيۇتېرنى سېلىشتۇرۇپ باقايلى. كومپيۇتېر تېخنىكىسىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشى نەتىجىسىدە، كومپيۇتېر قىسمەن ھالدا ئادەم مېڭىسى خىزمىتىنىڭ ئورنىنى ئالماقتا. لېكىن، ئەمەلىيەتتە دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار كومپيۇتېرنىمۇ ئادەم مېڭىسىنىڭ ئىقتىدارىغا سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. ئادەم مېڭىسىدىكى نېۋرونلار تورىنى يۇقىرى ھەسسىلىك ئېلېكتىرونلۇق مىكروسكوپتا كۆزەتكەندە، ئۇ خۇددى چىگىچ ئۈگرە ئېلىنغان بىر قاچىغا ئوخشاش بولۇپ، ئۇنىڭدىكى نۇرغۇن ھۈررەكچىلەر خۇددى توپلاشتۇرۇلغان توك يولى تاختىسىغا ئوخشايدۇ. چوڭ مېڭىدە يەنە توغرا تۇتاشمىلار بار. بىر ھۈجەيرىگە توپلانغان ھەر خىل ئۇچۇرلار ئوخشاش بولمىغان خىمىيەلىك ماددىلارنى قويۇپ بېرىدۇ، ئەمما بۇ خىمىيەلىك ماددىلار ھەرقانداق ۋاقىتتا ئاكتىپچانلىققا ئىگە. ئۇنىڭدىن باشقا، چوڭ مېڭىدىكى ئۇچۇرلار سىجىللىقىغا ئاساسەن، ئوخشىمىغان مىقداردىكى يەتكۈزگۈچى ماددىلارنى قويۇپ بېرىدۇ. ئاخىرىدا، بۇ يەتكۈزۈلگەن ماددىلار ئۆزىنى قوبۇل قىلغۇچى تەنچىگە قاچىلىنىدۇ، بۇ تەنچە ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب بويىچە ئالاھىدە بەلگىلەنگەن ھۈجەيرىلەرنىڭ كېيىنكى قەدەمدىكى ئىنكاسلىرىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇنداق قىلىپ، يەتكۈزگۈچى ماددا مولېكۇلالىرىنىڭ ئوخشىمىغان بىرىكىشىدىن پايدىلىنىپ، مېڭىنىڭ جانلىقلىقى ھەم كۆپ خىللىقى ئاساس بىلەن تەمىن ئېتىلىدۇ. 
  ئىككىنچى، نېۋرونلارنىڭ ئۆزىدىكى خىمىيەلىك تەركىبلەر ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، ئۇ ئاجرالمايدىغان ھەم ئۆزگەرمەيدىغان قاتتىق دېتال ئەمەس. چوڭ مېڭىنىڭ مۇنداق توختىماي ئۆزگىرىپ تۇرۇش ئىقتىدارى مۇھىت ئۆزگىرىشىگە نىسبەتەن، ئوخشىمىغان ئىنكاسلارنى قايتۇرىدۇ، بۇ ئىنكاسلار ھەم لوگىكىلىق، ھەم جانلىقلىققا ئىگە. بەدەندىكى بارلىق ئەزالار ئىچىدە، مېڭىنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتى ئەڭ يۇقىرى. تىنچ ھالەتتە، مېڭىنىڭ ئوكسىگېن ۋە گىلۇكوزىغا بولغان سەرپىيات تېزلىكى بەدەندىكى باشقا توقۇلمىلارغا قارىغاندا ئون ھەسسە يۇقىرى. ئەمەلىيەتتە، مېڭىنىڭ سەرپ قىلىدىغان ئېنېرگىيە مىقدارى شۇنچىۋالا يۇقىرى بولسىمۇ، لېكىن مېڭىگە بىرنەچچە مىنۇت ئوكسىگېن يېتىشمىسە، مېڭە ئۆلىدۇ. گەرچە، مېڭە تېنىمىزنىڭ ئومۇمىي ماسسىسىنىڭ %2.5 ىنى تەشكىل قىلسىمۇ، تىنچ ھالەتتە ئۇ %20 ئېنېرگىيەنى سەرپ قىلىدۇ. ئۇ ئېنېرگىيەنى نېمىلەرگە ئىشلىتىدۇ؟ بۇ ئېنېرگىيە مېڭە « خىزمەت » ىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ. مېڭىنىڭ بىر رايونى خىزمەت قىلغاندا، ئۇنىڭ سەرپ قىلىدىغان ئېنېرگىيەسى ناھايىتى تېز ئاشىدۇ. مېڭىنىڭ يېقىلغۇسى دەل سىز يېگەن يېمەكلىكتىكى شېكەر ھەم سىز ھاۋادىن سۈمۈرگەن ئوكسىگېندۇر. شېكەر بىلەن ئوكسىگېن رېئاكسىيەلىشىپ كاربون ( Ⅳ ) ئوكسىدى، سۇ ۋە ئەڭ مۇھىم بولغان ئىسسىقلىق ئىشلەپچىقىرىدۇ. بەدەندىكى يېمەكلىكتىن كەلگەن بارلىق ئېنېرگىيە دەرھال ئاددىي كۆيۈش ئۇسۇلى بويىچە قويۇپ بېرىلمەيدۇ. چۈنكى ئۇ مېڭە ۋە بەدەن فۇنكسىيەسى ئۈچۈن ئېنېرگىيە قالدۇرمىسا، ھاياتلىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئازراق ئىسسىقلىق ئارقىلىق بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ساقلاش ئېھتىياجىدىن قارىغاندىمۇ، بەدەندە يېمەكلىكلەردىن قوبۇل قىلىنغان بارلىق ئېنېرگىيەنىڭ دەرھال چىقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان بىر خىل خىمىيەلىك ماددا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى زۆرۈر. ھاسىل بولغان شۇ ماددا ئارقىلىق، بىز بەدەن ۋە مېڭىنىڭ مېخانىكىلىق، ئېلېكتىرلىك ھەم خىمىيەلىك پائالىيەت ئېلىپ بېرىشى ئۈچۈن كېرەك بولىدىغان ئېنېرگىيە زاپىسىنى ساقلىيالايمىز. ھاياتلا تۇرىدىكەنمىز، بىز يېگەن يېمەكلىكلەردىن پەيدا بولغان زاپاس ماددا ئادىنوزىد تىرىفوسفات ( ATP 三磷酸腺苷 ) بولىدۇ. ATP نىڭ ئېنېرگىيە ساقلاش ھەم ئېنېرگىيە قويۇپ بېرىش يوشۇرۇن كۈچى خۇددى قىسىلغان پورشېنغا ئوخشايدۇ. 
  مۇبادا بەزى مېڭە رايونلىرى بىرەر ئالاھىدە بەلگىلەنگەن ئىشنى قىلىۋاتقان مەزگىلدە ھەرىكەت ھالىتىدە تۇرۇۋاتقان بولسا، بۇ رايون تېخىمۇ كۆپ ئېنېرگىيەنى سەرپ قىلىدۇ؛ ئۇلار بۇنىڭ ئۈچۈن كۆپ مىقداردا ATP ساقلاشقا موھتاج. شۇڭا، تېخىمۇ كۆپ شېكەر ( گىلۇكوزا ) ۋە ئوكسىگېنغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ. ناۋادا بىز مېڭىنىڭ ئوكسىگېن ياكى گىلۇكوزىغا بولغان ئېھتىياجى ئېشىۋاتقان مەلۇم رايونىغا قارايدىغان بولساق، مەلۇم ئالاھىدە بەلگىلەنگەن ئىش مەزگىلىدە، ئاشۇ مېڭە رايونىنىڭ ئەڭ ھەرىكەتچان ئىكەنلىكىنى بىلەلمەيمىز. مانا بۇ مېڭىنىڭ ئەمەلىي خىزمەت ھالىتىدىكى ئىككى تۈرلۈك قانۇنىيىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر